تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە قەتئىي كۈرەش قىلىمەن

ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائىتى شەھەرچىسى(تەرەققىيات رايونى) دۆلەت زېمىن بايلىقى شۆبە ئىدارىسىنىڭ كادىرى رۇستەم زۇلپىدىن

   مەن ئاددىي ئۇيغۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، كىچىكىمدىن ئەتراپىمدىكى ھەر مىللەت دوستلار بىلەن بىللە ئويناپ، بىللە ياشاپ، بىللە ئۆگىنىپ چوڭ بولدۇم. 2006 – يىلى شىنجاڭ داشۆسىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتۈم، شۇ چاغدا ئاپام ئېغىر كېسەل، ئىنىم تولۇق ئوتتۇرىغا ئىمتىھان بېرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئائىلىمىز قىيىنچىلىقتا قالغانىدى، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدە ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشىپ، ئوقۇشۇمنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدىم. بوۋام، مومام كومپارتىيە ئەزاسى، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئۇلارنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىنتىلىشى، شۇنداقلا بىزگە قالدۇرغان قىممەتلىك بايلىقى ئىدى. مۇشۇ يىللاردا يۇرتۇمدىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم ھەم توقۇمىچىلىق سانائىتى شەھەرچىسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتىغا گۇۋاھچى بولدۇم، بۇلار پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن بولغان.

   خىزمەتكە قاتنىشىپ 3 – يىلى، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا مۇيەسسەر بولدۇم، ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىپ، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم: ئاغرىقلار داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمەن بولدى، ئوقۇيدىغانلارغا ياردەم پۇلى بېرىلدى، تۇرالغۇغا كاپالەتلىك قىلىندى، ھەممە ئائىلىگە سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى تۇتاشتۇرۇلدى، كەنتلەرنىڭ يوللىرىغا ئاسفالت ياتقۇزۇلدى... تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى نەتىجىسىدە، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ قارىشىدىمۇ ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىش بولدى: ئۇلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغان، پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، زامانىۋى تۇرمۇشنى قوغلىشىدىغان بولدى... بۇ ئۆزگىرىشلەر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا قىلغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەردى.

   شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئىناق جەمئىيەتتىكى بەختتىن ئورتاق بەھرىلىنىۋاتقاندا، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋەتەننى پارچىلاش رەزىل غەرىزىگە يېتىش ئۈچۈن، كىشىنى چۆچۈتىدىغان زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى ئارقا – ئارقىدىن سادىر قىلىپ، رەزىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق رەزىل نىيىتىگە يېتىشكە ئۇرۇندى. بىز ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ رەزىل قىلمىشلىرىغا ھەرگىز سۈكۈت قىلىپ تۇرمايمىز ھەم قەتئىي يول قويمايمىز! مەن باتۇرلۇق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، پولاتتەك ساداقىتىم ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىم بىلەن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە قەتئىي كۈرەش قىلىمەن. ھەر مىللەت ئاممىنى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ رەزىل ماھىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، دۈشمەننىڭ يامان غەرىزى ۋە رەزىل ئەپت – بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلاشقا پائال تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ ئېشىپ كەتكەن ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرۇپ، ئۇلارنى پاك – پاكىز يوقاتمىغىچە قەتئىي بولدى قىلمايمەن.

   پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي ئۆگىنىش، ھەقىقىي چۈشىنىش، ھەقىقىي ئىشىنىش، ھەقىقىي ئىشلىتىشكە تىرىشىمەن. پارتىيەگە بولغان تولۇپ تاشقان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىم بىلەن مەسئۇلىيىتىمنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، ئاتاكىغا ئۆتۈپ، ھەرگىز قاراپ تۇرغۇچىلاردىن، مۇناسىۋەتسىز ئادەملەردىن بولمايمەن، ھەرقانداق ۋاقىتتا پارتىيەگە سادىق، راستچىل، ئەمەلىي ئىش قىلىدىغان، سەمىمىي ئادەم بولۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىگە پائال ئاتلىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، گۈزەل يۇرت – ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ