ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: يېقىندا، تۇنجى ئايلىق مائاشىنى قولىغا ئالغان 27 ياشلىق لى جىخاۋ ئۈرۈمچى شەھەرلىك قۇرۇلۇش كومىتېتىنىڭ سايباغ رايونى يامالىق تېغى تارماق رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى تېشى ئاھالىلىكلەر كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىر جىڭ خەيبوغا ئۈندىدار ئۇچۇر ئەۋەتتى: بۈگۈن مائاشىمنى تاپشۇرىۋالدىم، رەھمەت سىزگە!
لى جىخاۋ ئىككىنچى دەرىجىلىك مېيىپ بولۇپ، ئاپىسى بىلەن تۇرمۇش كەچۈرەتتى. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، كۆپ قىسىم ۋاقتىنى ئۆيىدە كومپىيوتېر تەتقىق قىلىش بىلەن ئۆتكۈزدى. -ئىلگىرى بىر نەچچە قېتىم ۋاقىتلىق ئىشچى بولۇپ تۇرغان، قىش كىرگەندىن كېيىن بۇ خىزمەتنى قىلغىلى بولمايدۇ، ھاۋا سوغۇق، يوللار تېيىلغاق بولغاچقا ئىشلىيەلمىدىم،-دېدى لى جىخاۋ.
جىڭ خەيبو لى جىخاۋنىڭ ئۆيىگە بارغىنىدا ئۇنىڭغا خىزمەت تېپىپ بېرىشنى كۆڭلىگە پۈكتى. كېيىن جىڭ خەيبو تېشى رايونىدىكى بىر داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش شىركىتىگە بىر نەپەر توربەت باشقۇرۇش خادىمى كېرەكلىكىنى بىلدى. شىركەتنىڭ ئارىلىقى لى جىخاۋنىڭ ئۆيى بىلەن ئاران 100 مېتىر كېلەتتى.
تۇنجى كۈنى ئىشقا چۈشكەندە لى جىخاۋ شىركەت دېرىكتورى قۇربان يۈسۈپگە ياخشى تەسىر قالدۇردى. شۇ ۋاقىتتا، قۇربان يۈسۈپنىڭ كومپىيوتېر ئېكرانىدا سىزىقچە پەيدا بولۇپ قالغان بولۇپ، شېركەتتىكى تېخنىك خادىملارمۇ ھەل قىلالمىغانىدى. تېخنىكلار باشقا يەرگە ئاپىرىپ ئوڭشاشنى ئېيتقىنىدا، لى جىخاۋ: مەن سىناپ باقاي،- دېدى.
بىر سائەتتىن كېيىن، كومپىيوتېر ئوڭشالدى. يۈسۈپ قۇربان: بۇ يىگىت بەك قالتىسكەن، ھەم بەك قىزغىنكەن، كىمنىڭ كومپىيوتېرىدا مەسىلە كۆرۈلسە قىزغىنلىق بىلەن ياردەم قىلىدۇ، كېيىن بىلسەم بۇ تېخنىكلارنى ئۆزى ئۆيىدىلا ئۆگىنىۋالغانكەن،-دېدى.
لى جىخاۋ يېڭى خىزمەت شارائىتىغا تېزلا كۆندى. 22 ياشلىق ئەزىمەت ئەنۋەر بىكار ۋاقىتلىرىدا لى جىخاۋ بىلەن كومپىيوتېر تېخنىكىلىرى ھەققىدە پاراڭلىشاتتى. -مەن ئالىي مەكتەپتە كارتون لايىھەلەش كەسپىدە ئوقۇغان، بىراق لى ئاكام قاتتىق دېتال چۈشۈرۈشكە بەك ماھىركەن. بىز بىر-بىرىمىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى قوبۇل قىلساق بولغۇدەك،-دېدى ئەزىمەت.
بىر ئايلىق خىزمەت جەريانىدا، ئىككەيلەن ياخشى دوست بولدى. ئەزىمەتمۇ لى جىخاۋنىڭ قايناقسۇيى قالمىغىنى كۆرۈپلا قالسا سۇ قۇيۇپ بېرىدىغان، ھەپتىنىڭ بىرىدىن ئالتىسىغىچە بىللە ئىشتىن چۈشۈپ چىقىدىغان بولدى.
يېڭى خىزمىتى ھەققىدە لى جىخاۋ: ھەممەيلەن ماڭا بەك ياخشى مۇئامىلىدە بولىدۇ، چۈشلۈك تاماققا يەنە مەن ئەڭ ئامراق چەيزە قورۇمىسى قورۇپ بېرىدۇ. مۇشۇ يەردە ئىشلەپ قالسام دەيمەن،-دېدى.