خەلق تورى، ۋارشاۋا، 6-ئاينىڭ 11-كۈنى تېلېگراممىسى. « <بىر بەلباغ، بىر يول> ۋە پولشا » تېمىسىدا ماقالە قوبۇل قىلىش مۇسابىقىسىنىڭ مۇكاپاتلاش مۇراسىمى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى جۇڭگونىڭ پولشادىكى باش ئەلچىخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. پولشانىڭ ۋارشاۋا داشۆسى، جاگېلېئونى داشۆسى، مىككىۋىكىز داشۆسىدىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ 30 دىن ئارتۇق ئادەم بۇ قېتىمقى مۇراسىمغا قاتناشتى، جۇڭگونىڭ پولشادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ليۇ گۇاڭيۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ماھىرلارنى تەقدىرلىدى ھەمدە سۆز قىلدى.
بۇ قېتىمقى ماقالە قوبۇل قىلىش پائالىيىتىنى جۇڭگونىڭ پولشادىكى باش ئەلچىخانىسى ۋە ۋارشاۋا داشۆسى خەنزۇتىلى شىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، پائالىيەتنى پۈتۈن پولشادىكى خەنزۇتىلى ئۆگىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلەندۈردى، مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار خەنزۇتىلىدا ماقالە يېزىپ، قەلبىدىكى «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى تەسۋىرلىدى، جۇڭگو-پولشا مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدىنى ئىپادىلىدى. تەييارلىق مۇسابىقە ۋە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئارقىلىق ئاخىرىدا سەككىز ماھىر بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا نائىل بولدى.
باش ئەلچى ليۇ گۇاڭيۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ماھىرلارغا مۇكاپات تارقىتىپ بەردى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇتىلىدا يازغان ماقالە سەۋىيەسى ھەمدە «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى چوڭقۇر چۈشىنىشىدىن يۈكسەك زوقلاندى، ئوقۇغۇچىلارنى خەنزۇتىلىنى ياخشى ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، جۇڭگو-پولشا دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ليۇ گۇاڭيۈەن سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن پولشانىڭ ئارىلىقى گەرچە يىراق بولسىمۇ، ئەمما تارىخ، مەدەنىيەت، مىللىي خاراكتېر جەھەتتە نۇرغۇن ئوخشاشلىقلارغا ئىگە. رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ دۇدا ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئۆزئارا زىيارەتتە بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى، جۇڭگو-پولشا مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ. پولشا «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىۋاتىدۇ، جۇڭگو-پولشا ئالاقىدار تارماقلىرى «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسى ئاستىدا كۆپ ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ۋە پائال ئالاقىنى قانات يايدۇردى، ئوقۇغۇچىلار خەنزۇتىلىنى ياخشى ئۆگىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.
ۋارشاۋا داشۆسى خەنزۇتىلى شىسىنىڭ مۇدىرى لى جۇ بىلەن قىسمەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ماھىرلار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ نۇتۇق سۆزلىدى، ساۋاقداشلار جۇڭگو-پولشا مۇناسىۋىتى، «بىر بەلباغ، بىر يول»، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا ئەلچىخانا خىزمەتچىلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.