سۈرەتتە: قۇرۇلۇش مەيدانىدىن كۆرۈنۈش
شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ ئۇچۇش-قونۇش يولىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا يېقىندا ئىش باشلاندى، ھەر كۈنى ئايروپورت تاقالغاندىن كېيىن قۇرۇلۇش قىلىنىدىغان بولۇپ، 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئۇچۇش-قونۇش يولى قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى تاماملاش مۆلچەرلەندى.
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئاساسلىق دائىرىسى ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتى ئۇچۇش-قونۇش يولى، A4 ،A3 ،A2 تېز سۈرئەتلىك ئۇچۇش-قونۇش يولى، B ئۇچۇش-قونۇش يولى ۋە F، L تىك ئالاقە يولىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، ئاساسلىقى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان دائىرە ئىچىدىكى ئاسفالتلىق بېتون يول يۈزىنى ئۆزگەرتىش ۋە توپا يەر يۈزىنى تۇتاشتۇرۇش، ئاسفالت يولدىن 355 مىڭ 800 كىۋادرات مېتىر قوشۇپ ياساش؛ ئاسفالت يول گىرۋىكىدىن 116 مىڭ 700 كىۋادرات مېتىر قوشۇپ ياساش؛ شامالدىن دالدىلىنىش ئاسفالت تەكشىلىكىدىن 7200 كىۋادرات مېتىر قوشۇپ ياساش ۋە ئۇچۇشقا ياردەم بېرىدىغان ئالاقىدار يورۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشلىرى قىلىنىدىكەن.
ھازىر 500 مېتىرغا يېقىن ئۇچۇش-قۇنۇش يولىنىڭ ئاستىنقى قەۋىتىنى يېيىتىش قۇرۇلۇشى تاماملانغان.