تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

‏2018-يىللىق مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە تېجەش تەشۋىقات ھەپتىلىكى باشلاندى‎‎

  مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى خەۋىرى. دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلار 6-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدا بىرلىكتە «2018-يىللىق مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە تېجەش تەشۋىقات ھەپتىلىكىنىڭ مەملىكەت بويىچە تۆۋەن كاربون كۈنىنى باشلاش مۇراسىمى» نى ئۆتكۈزدى، ئالاقىدار مەسئۇل خادىم: بۇنىڭدىن كېيىن ئومۇمىي خەلق ئېنېرگىيە تېجەش ھەرىكىتى كەڭ قانات يايدۇرۇلۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردە ئېنېرگىيە تېجەش زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ، دېدى.

  ئىگىلىنىشىچە، تەشۋىقات ھەپتىلىكى 6-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، بۇ جەرياندا جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار «ئېنېرگىيە تېجەپ، سەرپىياتنى تۆۋەنلىتىپ، كۆك ئاسماننى قوغداش»، «كىلىمات ئۆزگىرىشى ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، تۆۋەن كاربونلۇق ھەرىكەت سالمىقىنى ئاشۇرۇشنى كۈچەيتىش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، يېشىل قاتناش، ئېنېرگىيە تېجەشنى مەكتەپ، كارخانا، مەھەللىلەرگە كىرگۈزۈش قاتارلىق بىرقاتار پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدىكەن.

  دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نىڭ جىجې: جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار بۇ سۇپىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، ئومۇمىي خەلق ئېنېرگىيە تېجەش ھەرىكىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، سانائەت، بىناكارلىق، قاتناش-تىرانسپورت، ئاممىۋى ئاپپاراتلار، ئاھالىلەرنىڭ ئېنېرگىيە ئىشلىتىشى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردە ئېنېرگىيە تېجەشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك، دېدى.

  نىڭ جىجې مۇنداق بىلدۈردى: ئېنېرگىيە تېجەپ، سەرپىياتنى تۆۋەنلىتىش ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى، يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشنى مۇھىم تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ، 2013~2017-يىلىغىچە ئېلىمىزنىڭ 10 مىڭ يۈەنلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى %20.9 تۆۋەنلەپ، 1 مىليارد 30 مىليون توننا ئۆلچەملىك كۆمۈر تېجەلدى، 2017-يىلى ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن %2.2 لىك ئېنېرگىيە ئىستېمالى ئېشىش سۈرئىتى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ يىلىغا %7.1 بىلەن ئېشىشىنى قوللىدى. كېيىنكى قەدەمدە دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى يەنە ئالاقىدار تاماقلار بىلەن بىرلىكتە ئېنىرگىيە تېجەش تىپىدىكى ئورگان، يېشىل قاتناش، يېشىل مەكتەپ قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئېنېرگىيە تېجەش ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ