تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

دۈەنۋۇ بايرىمى دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئايروپىلان بېلەتلىرىنىڭ باھاسىدا ئېتىبار بېرىلىدۇ

  مۇخبىرىمىز جاۋ مىن خەۋىرى. دۈەنۋۇ بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە كىشىلەر دەم ئېلىشتىن پايدىلىنىپ باشقا يەرلەرگە بېرىشنى پىلانلاشقا باشلىدى. مۇخبىرنىڭ 6-ئاينىڭ 11-كۈنى مەملىكىتىمىزدىكى ئايروپىلان بېلىتى سېتىش ئاپپاراتلىرىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل دۈەنۋۇ بايرىمى دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئايروپىلان بېلەتلىرىنىڭ باھاسى بىر ئاز ئۆسكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆسۈش نىسبىتى يۇقىرى بولمىغان، خېلى كۆپ ئايروپىلان بېلەتلىرى يەنىلا %50-%30 لىك ئېتىبار باھادا سېتىلىپ، 1000 يۈەندىن ئېشىپ كەتمىگەن.

  شىنجاڭدىن باشقا جايغا بارىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىدە بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ شەھەرلىرى سودا ۋە ساياھەتتىكى قىزىق نۇقتا شەھەرلىرى بولۇپ، دۈەنۋۇ مەزگىلىدە بۇ جايلارغا قاتنايدىغان ئايروپىلان بېلەت باھاسى ئانچە يۇقىرى ئۆسمىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا بېلەت باھاسى تۆۋەن بولغاندا 1050 يۈەن؛ ئۈرۈمچىدىن شاڭخەيگە بېلەت باھاسى تۆۋەن بولغاندا 930 يۈەن؛ ئۈرۈمچىدىن گۇاڭجۇغا بېلەت باھاسى تۆۋەن بولغاندا 1290 يۈەن بولغان.

  بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇدىن ئىبارەت قىزىق نۇقتا شەھەرلىرىدىن سىرت، ئۈرۈمچىدىن تيەنجىن، ۋۇخەن، چاڭشا، شىئەن قاتارلىق شەھەرلەرگە قاتنايدىغان ئايروپىلان بېلەت باھالىرىمۇ 1000 يۈەندىن ئاشمىغان.

  بۇنىڭ ئىچىدە، دۈەنۋۇ بايرىمى مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدىن تيەنجىنگە قاتنايدىغان ئايروپىلاننىڭ بېلەت باھاسى تۆۋەن بولغاندا 970 يۈەن، ئۈرۈمچىدىن ۋۇخەنگە قاتنايدىغان ئايروپىلاننىڭ بېلەت باھاسى تۆۋەن بولغاندا 750يۈەن، ئۈرۈمچىدىن چاڭشاغا قاتنايدىغان ئايروپىلاننىڭ بېلەت باھاسى 800 يۈەن، ئۈرۈمچىدىن شىئەنگە قاتنايدىغان ئايروپىلاننىڭ بېلەت باھاسى تۆۋەن بولغاندا 750 يۈەن بولغان.

  ئومۇمىي يۈزلىنىشتىن قارىغاندا، دۈەنۋۇ بايرىمى مەزگىلىدىكى ئايروپىلان بېلەت باھاسى «1-ماي» خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى مەزگىلىدىكى بېلەت باھاسىغا قارىغاندا بىر ئاز ئۆسكەن، قىزىق لىنىيە شەھەرلىرى، مەسىلەن، بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ قاتارلىق جايلارغا قاتنايدىغان ئايروپىلانلارنىڭ بېلەت باھاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى باشقا لىنىيەلەرگە قارىغاندا يۇقىرى بولغان، باھادىمۇ «جەنۇب تەرەپكە قاتنايدىغان لىنىيەلەرنىڭ ئايروپىلان بېلەت باھاسى يۇقىرى، شىمال تەرەپكە قاتنايدىغان لىنىيەلەرنىڭ ئايروپىلان بېلەت باھاسى تۆۋەن بولۇش» تەك ۋەزىيەت شەكىللەنگەن.

  ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرا قىسىمى ۋە سىچۈەن، چۇڭچىڭ شەھەرلىرىگە قارىساق، دەۈەنۋۇ بايرىمى مەزگىلىدىكى ئايروپىلان بېلەت باھاسى ئۆرلىمەي، ئەكسىچە 5-ئاينىڭ ئاخىرىدىكى بېلەت باھاسىدىن يەنە بىر ئاز تۆۋەنلىگەن. مەسىلەن، ئۈرۈمچىدىن چېڭدۇغا تۆۋەن بولغاندا 780 يۈەن، ئۈرۈمچىدىن چۇڭچىڭغا تۆۋەن بولغاندا 750 يۈەن بولغان.

  ئۈرۈمچىدىن سەنيا، كۇنمىڭ، چىڭداۋ قاتارلىق ساياھەت شەھەرلىرىگە بارىدىغان ئايروپىلان بېلەتلىرىنىڭ باھاسىدىمۇ ئېتىبار بېرىلگەن. مەسىلەن، ئۈرۈمچىدىن سەنياغا قاتنايدىغان ئايروپىلاننىڭ بېلەت باھاسى تۆۋەن بولغاندا 885 يۈەن، ئۈرۈمچىدىن كۇنمىڭغا قاتنايدىغان ئايروپىلاننىڭ بېلەت باھاسى تۆۋەن بولغاندا 990 يۈەن، ئۈرۈمچىدىن چىڭداۋغا قاتنايدىغان ئايروپىلاننىڭ بېلەت باھاسى تۆۋەن بولغاندا 1064 يۈەن بولغان.

  شىنجاڭ ئىچىدىكى ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىدىمۇ ئايروپىلان بېلەت باھاسىدا ئېتىبار بېرىلگەن، مەسىلەن، ئۈرۈمچىدىن كورلىغا تۆۋەن بولغاندا 160 يۈەن، ئۈرۈمچىدىن قارامايغا تۆۋەن بولغاندا 180 يۈەن، ئۈرۈمچىدىن ئاقسۇغا تۆۋەن بولغاندا 380 يۈەن، ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە تۆۋەن بولغاندا 420 يۈەن، ئۈرۈمچىدىن خوتەنگە تۆۋەن بولغاندا 390 يۈەن، ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا تۆۋەن بولغاندا 350 يۈەن بولغان.

  ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئايروپىلان بېلىتى ساتىدىغان ئالاقىدار خادىم مۇنداق دېدى: دۈەنۋۇ بايرىمى يازلىق ساياھەت جانلىنىش مەزگىلىدىن ئىلگىرىكى ئاخىرقى بىر بايرام، ئايروپىلان بېلەت باھاسى يازلىق تەتىل مەزگىلىدىكى ئالتۇن ۋاقىتتىكىدىن خېلى ئەرزان بولىدۇ، ساياھەتچىلەر 7-ئايدىكى بېسىق مەزگىلگە ئۇلىشىپ قالماي، 6-ئاينىڭ ئاخىرىدىكى تۆۋەن باھا پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ساياھەت قىلسا بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ