شىنخۇا تورى خەۋىرى: 2018-يىللىق مەملىكەتلىك ياشلار U18 ساھىل ۋالىبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ تيەنجىن بېكىتى مۇسابىقىسى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى تيەنجىندە ئاخىرلاشتى. شىنجاڭ كوماندىسى ئاياللار گۇرۇپپىسى بويىچە چېمپىيون بولدى.
ئىگىلىنىشىچە، دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ساھىل ۋالىبول ماھىرلىرىنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ياشلار كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىلدىن باشلاپ مەملىكەتلىك ياشلار لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە قائىدىسىگە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغان بولۇپ، U18، U21 ساھىل ۋالىبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە سەييارە مۇسابىقىلىشىش تۈزۈلمىسىنى قوللىنىلىدىكەن، ھەر يىلى تۆت بېكەتتە، ھەر پەسىلدە بىر بېكەتتە مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلۈپ، ھەربىر مۇسابىقىگە قاتناشقان كوماندىنىڭ تۆت بېكەت مۇسابىقىدىكى ئومۇمىي نەتىجىسى بويىچە تەرتىپكە تىزىلىدىكەن.
تيەنجىن بېكىتى بۇ يىللىق U18 ساھىل ۋالىبول مۇسابىقىسى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى بېكىتى بولۇپ، مەملىكەتنىڭ سەككىز ئۆلكىسىدىكى 17 ئەرلەر كوماندىسى ۋە 18 ئاياللار كوماندىسىدىن 110 نەپەردىن ئارتۇق ماھىر ۋە تىرېنېرلار قاتناشتى.