شەھەر ئىستېمالى شەھەر گېزىتى خەۋىرى: خەلقئارا ماي باھاسىنىڭ ئۆسۈشتىن توختىشى تەسىرىدە، دۆلەت ئىچىدىكى تەييار ماي باھاسىنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى 5-ئايدا ئۆسكەندىن كېيىن، 6-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت نۆلدە تۆۋەنلىدى. ئاپتوموبىل ئىگىلىرى 50L لىق ماي باكىغا 92-نومۇرلۇق ماينى لىق قاچىلىسا بەش يۈەن ئاز خەجلەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن، تاڭزۇڭزا چاغىنى مەزگىلىدە شوپۇر دوستلارنىڭ سەپەر چىقىمى بىر ئاز تېجىلىدۇ.
مۇخبىرنىڭ 6-ئاينىڭ 8-كۈنى دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئورگان تورىدىن ئىگىلىشىچە، 6-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت نۆلدىن باشلاپ، بېنزىن ۋە دېزىل مېيىنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى بويىچە ھەر توننىسىنىڭ باھاسى 130 يۈەن، 125 يۈەن تۆۋەنلىگەن.
مۇخبىرنىڭ جۇڭگو نېفىتچىلىكى ۋە جۇڭگو نېفىت-خىمىيەسىدىن ئىبارەت ئىككى نېفىت كارخانىسىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى تەييار ماي سېتىش شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچىدە تەڭشەلگەندىن كېيىنكى ماي باھاسى تۆۋەنكىدەك بولىدىكەن: 92-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لېتىرى 7.2 يۈەندىن 7.1 يۈەنگە؛ 95-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لېتىرى 7.74 يۈەندىن 7.63 يۈەنگە؛ 98-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لېتىرى 8.7 يۈەندىن 8.58 يۈەنگە تۆۋەنلەيدىكەن.
50L لىق ماي باكى بويىچە ئادەتتىكى شەخسىي ئاپتوموبىللارنىڭ چىقىمىنى ھېسابلىغاندا، بۇ قېتىمقى تەڭشەشتىن كېيىن، ئاپتوموبىل ئىگىلىرى ماي باكىنى لىق توشقۇزۇشتا بەش يۈەن ئەتراپىدا ئاز چىقىم قىلىدۇ؛ شەھەر رايونىدىكى يۈز كېلومېتىرلىق يولنى بېسىپ ئۆتۈشتە 8-7 لېتىر ماي سەرپ قىلىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ ھەر 1000 كىلومېتىر يولنى بېسىپ ئۆتۈش چىقىمى سەككىز يۈەن ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدۇ. 50 توننىلىق چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلىغا نىسبەتەن، ھەر 1000 كىلومېتىر مۇساپىنى بېسىشقا كېتىدىغان ماي چىقىمى 45 يۈەن ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدۇ.