ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن-كۆكتاغ رايونىنىڭ خىمىيە سانائەت باغچا رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ پېڭ سېن پەن-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ فاڭ 6-ئاينىڭ 6-كۈنى بىر مىليون يۈەنلىك قەرز پۇلىنىڭ ھېساباتقا كىرگەنلىك ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالدى، 10 كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ھېچقانداق رەنە قويمايلا، توردا ئىلتىماس قىلىش ئارقىلىق قەرز پۇلىنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىق ئۇنى بەك ھەيران قالدۇردى.
ئىگىلىنىشىچە، ۋاڭ فاڭنى نەپكە ئېرىشتۈرگىنى مىچۈەن-كۆكتاغ رايونىدىكى شېڭدا شەرقىي يولى تارماق رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ئورناتقان بانكا بىلەن كارخانىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى بولۇپ، شۇ كۈنى جەمئىي يەتتە ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۈچ مىليون يۈەنلىك قەرز پۇلىنى تاپشۇرۇپ ئالغان.
ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ مۇھىم تىرىكى ھېسابلىنىدۇ. ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك ھۆكۈمەت بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، بانكا-كارخانا سۇپىسى قۇرۇش، مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق «چوڭ كارخانىلار مۇستەھكەملەشكەن، كىچىك كارخانىلار ھەممە يەردە قۇرۇلغان» كەسىپ ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېز بەرپا قىلىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، زامانىۋى كەسىپلەر تەرەققىيات يېڭى سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرىدىكەن.
2017-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 326 مىڭ 200 يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.34 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار %95 تىن كۆپرەكنى ئىگەللىگەن.