شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ ھەپتە ئۈرۈمچىنىڭ مەركىزىي شەھەر رايونىدا ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولىدىكەن. 6-ئاينىڭ 12-كۈنى سوغۇق ھاۋا ئېقىمى تەسىرىدە تېمپېراتۇرا ئازراق تۆۋەنلەپ، ھەپتە ئاخىرىغىچە تېمپېراتۇرا ℃30 ئەتراپىدا بولىدىكەن.
يېقىندا ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر رايونىدا ئەتىگەن-كەچتە سالقىن، چۈشتە قاتتىق ئىسسىق بولدى. نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى «ئۈرۈمچىدە ئىسسىق كۈنلەر باشلاندى» دېيىشتى. ئەمەلىيەتتە ھاۋا ئىسسىقتەك تۇيۇلغىنى بىلەن بۇ يىل يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى تېخى كۆرۈلمىدى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باش ئالدىن مەلۇماتچىسى ۋاڭ جيەن مۇنداق چۈشەنچە بەردى: شۇ كۈنكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃35 قا يەتسە، ئۇدا ئۈچ كۈن ℃35 تىن ئاشسا، مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىدىن سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىدۇ. بۇ يىل كىرىپ ئۈرۈمچىنىڭ مەركىزىي شەھەر رايونىدا 6-ئاينىڭ 3-كۈنى تېمپېراتۇرا ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، ℃33.2 قا يەتتى. ئەمما يۇقىرى تېمېپراتۇرىلىق كۈننىڭ ℃35 لۇق ئۆلچىمىگە تېخى يەتمىدى.
مۇخبىرنىڭ ماتېرىياللاردىن بايقىشىچە، 2017-يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلغان؛ 2016-يىلىدىكى تۇنجى يۇقىرى تېمېپراتۇرىلىق كۈن 6-ئاينىڭ 16-كۈنى بولغان، شۇ كۈنى مەركىزىي شەھەر رايونىدا ئەڭ يۇقىرى تېمېپراتۇرا ℃36.7 كە يەتكەن.
6-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن بۇرۇنقى ئۆلچەش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، 6-ئاينىڭ 11-كۈنى تېمېپراتۇرا داۋاملىق ئۆرلەپ، ئەڭ يۇقىرى تېمېپراتۇرا ℃33 قا يېتىدىكەن. بىر قېتىملىق سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، تېمپېراتۇرا ئازراق تۆۋەنلەيدىكەن. سەيشەنبە كۈنىدىن ھەپتە ئاخىرىغىچە بىر كۈندىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃29، ℃30 ئەتراپىدا بولۇپ، بىر قەدەر مۇقىم بولىدىكەن. سەيشەنبە نەنسەننىڭ تاغلىق رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن، شەھەر رايونىدا ھاۋا بۇلۇتلۇق بولىدىكەن.