شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6-ئاينىڭ 8-كۈنى تېلېگراممىسى. ئەدلىيە مىنىستىرلىقى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى جەمئىيەتكە 2018-يىللىق دۆلەتنىڭ بىرلىككە كەلگەن قانۇن كەسپى سالاھىيەت ئىمتىھانى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشنى رەسمىي ئېلان قىلدى، بۇ دۆلەتنىڭ بىرلىككە كەلگەن قانۇن كەسپى سالاھىيەت ئىمتىھان خىزمىتىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
«ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش» تا، بۇ قېتىمقى ئىمتىھانغا تىزىملىتىش شەرتلىرى، ئوبيېكتىپ، سۇبيېكتىپ سوئال بويىچە ئىمتىھانغا تىزىملىتىش ئۇسۇلى ۋە ۋاقتى، ئىمتىھانغا تىزىملىتىش ماتېرىيالىرى، ئىمتىھانغا تىزىملىتىش ھەققى تاپشۇرۇش، ئىمتىھان ۋاقتى قاتارلىق مەزمۇنلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاۋ داچېڭ مۇنداق دېدى: قانۇن كەسپى سالاھىيەت ئىمتىھان ئۇسۇلى ئەسلىدىكى ئەدلىيە ئىمتىھانىدىكى پايدىلىق ئۇسۇلنى قوبۇل قىلىپ ھەمدە يېڭى تۈزۈمگە ئورۇن بەلگىلەشكە ئاساسەن بىر قاتار ئىسلاھات ئېلىپ باردى. 2+1 ئىمتىھان شەكلى يولغا قويۇلىدىغان بولۇپ، ئوبيېكتىپ سوئال ئىككى پارچە ئىمتىھان قەغىزى، سۇبيېكتىپ سوئال بىر پارچە ئىمتىھان قەغىزىدىن تەركىب تاپىدۇ. ئوبيېكتىپ ئىمتىھان سوئال شياڭگاڭ، ئاۋمىن رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەملىكەت بويىچە ھەر قايسى ئىمتىھان رايونلىرىدا يولغا قويۇلغان كومپىيۇتېر ئىمتىھانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ئىمتىھان مەركىزىنىڭ مۇدىرى شې يۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كومپيۇتېرلاشقان ئىمتىھان كىملىك بىلەن سېلىشتۇرۇش، چىراينى پەقلەندۈرۈش قاتارلىق تېخنىكىلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئورنىغا ئىمتىھان بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، «ئىمتىھان مەيدانىدا قارىغۇ بۇلۇڭ بولماسلىق»نىڭ تولۇق قاپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىمتىھاننىڭ پۈتۈن جەريانىنى كۆرۈنمە چاستوتىلىق نازارەت قىلىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ كومپىيۇتېرلاشقان ئىمتىھان ئۇسۇلى ۋە مۇھىتقا بالدۇرراق ماسلىشىشى ئۈچۈن ئىمتىھان ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، كومپىيۇتېرلاشقان ئىمتىھان سوئالىغا جاۋاب بېرىشنى كۆرسىتىش، مەشغۇلات كۆرسەتمىسى، تەقلىدىي جاۋاب مەشغۇلاتى كۆرۈنمە چاستوتا ماتېرىيالى ئېلان قىلىنىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، 2018-يىللىق دۆلەتنىڭ بىرلىككە كەلگەن قانۇن كەسپى سالاھىيەت ئىمتىھانىنىڭ ئوبيېكتىپ ئىمتىھان سوئالى بويىچە تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋاقتى 6-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە بولۇپ، ئىمتىھان ۋاقتى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئوبيېكتىپ ئىمتىھان سوئال نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش ۋاقتى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى ئىكەن. ئوبيېكتىپ ئىمتىھان سوئال نەتىجىسى لاياقەتلىك بولغانلار سوبيېكتىپ سوئاللار بويىچە ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتسا بولىدىكەن. ئوبيېكتىپ ئىمتىھان نەتىجىسى لاياقەتلىك بولۇش شۇ يىلى ۋە كېيىنكى ئىمتىھان يىلى ئىچىدە كۈچكە ئىگە بولىدىكەن. سۇبيېكتىپ سوئال بويىچە ئىمتىھانغا تىزىملىتىش ۋاقتى 9-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە بولۇپ، ئىمتىھان ۋاقتى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى بولىدىكەن.