تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   خەلقئارا

ب د ت ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى يىغىن ئېچىپ خەلقئارا بويىچە نامراتلىقنى تۈگىتىشنى ئىلگىرى سۈردى

    ب د ت ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ 159-نۆۋەتلىك كېڭەش يىغىنى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى رىمدىكى ب د ت ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ باش ئىشتابىدا ئۆتكۈزۈلدى. تەشكىلاتقا ئەزا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ۋە تەشكىلاتنىڭ كېڭەش ھەيئەت ۋەكىللىرى قاتارلىق 300 كىشى يىغىنغا قاتناشتى.
    يىغىننىڭ باش تېمىسى «نامراتلىق ۋە ئاچلىقنى تۈگىتىپ، ئاشلىق ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش» بولۇپ، جۇڭگو گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئوۋ چىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ نامراتلىقنى تۈگىتىش ساھەسىدىكى ئاساسلىق ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇردى.
    ئوۋ چىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىسلاھاتنى ئېچىۋەتكەن 40 يىللىق ئۇلۇغ مۇساپە جەريانىدا، جەمئىي 700 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى. ئالدىنقى يىلنىڭ 80-يىللىرىدىن بۇيان، ب د ت ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى، دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى، خەلقئارا يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات فوندى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ب د ت ئاپپاراتلىرى جۇڭگونىڭ نامراتلىقنى تۈگىتىش كەسپىنى ئىزچىل قوللىدى.
    ئوۋ چىنپىڭ يەنە مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بىللە نامراتلىقنى كېمەيتىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى ئىزچىل قانات يايدۇرۇپ، خەلقئارا بويىچە نامراتلىقنى تۈگىتىش ۋە تەرەققىيات ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
    ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن ئىش بېجىرگۈچىسى دانېئل گۇستافسسون مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گەرچە يېقىنقى نەچچە ئون يىلدا پۈتۈن يەرشارى نامراتلىق ۋە ئاچلىقنى تۈگىتىش جەھەتتە ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما خىرىس يەنىلا ئېغىر بولدى. جۇڭگو، گانا، كېنىيە، سېنېگال قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى نامراتلىقنى تۈگىتىش قەدىمىنى قانداق تېزلىتىش توغرىسىدا ئۈلگە كۆرسەتتى.
    جۇڭگونىڭ ب د ت ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىك ئاپپاراتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى نيۇ دۈن مۇنداق دېدى: جۇڭگو دۇنياۋىي ھەمكارلىققا كۈچىنىڭ يېتىشىچە تۆھپە قوشۇشقا پائال قاتنىشىش بىلەن بىرگە ئۆزىنىمۇ تەرەققىي قىلدۇردى. ھازىرغىچە، جۇڭگو ئافرىقا، ئاسىيا، جەنۇبىي تىنچ ئوكيان، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب رايونىغا 1000 دىن ئارتۇق مۇتەخەسسىس ۋە تېخنىكا خادىملىرىنى ئەۋەتىپ، بۇ رايونلاردىكى دۆلەتلەرنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە ئوزۇقلۇق سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ياردەم بېرىۋاتىدۇ. ئۇ ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ جەنۇب-جەنۇب ھەمكارلىقى ۋە ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققى قىلىشىنى سۇپا بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتتى، ھەمدە بۇ خىل يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق ئەندىزىسىنىڭ دۆلەت ۋە رايونلار ئوتتۇرىسىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەمكارلىق كۆۋرۈكى سالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
    شۇ كۈنكى يىغىندا، جۇڭگو، گانا، كېنىيە، سېنېگال ۋە چاد ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ نامراتلىق ۋە ئاچلىق جەھەتتە قوللانغان ھۆكۈمەت دۇچ كەلگەن خرىسلارنى يوق قىلىش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.
    ب د ت ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر يەرشارىدا تەخمىنەن 783 مىليون كىشىنىڭ تۇرمۇشى يەنىلا ئىنتايىن نامراتلىق ئىچىدە ئۆتىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ