تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭنىڭ تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقى ساياھەت تۈرلىرى‏گە نەزەر

ماتېرىيال سۈرەت: سايرام كۆلى

    «ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» ئۈندىدار سۇپىسى خەۋىرى. ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىغىڭىز بارمۇ؟ 5-ئاينىڭ ئاخىرىدا بورتالادىن سايرام كۆلىگىچە بولغان تۆۋەن بوشلۇق ساياھەت لىنىيەسىدە سىناق ئۇچۇش ئوڭۇشلۇق بولدى.

    بۇ، بۇنىڭدىن كېيىن سايرام كۆلىگە ساياھەت قىلىشقا كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ تۆۋەن بوشلۇق لىنىيەسىدە ئۇچۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئايروپىلاندا ئولتۇرۇپ چەكسىز كەتكەن سايرام كۆلىگە نەزەر تاشلاشنى ئويلىغاندا، ھاياجانلانماي تۇرالمايمىز.

    تۆۋەن بوشلۇق ساياھىتى دېگەن نېمە؟

    يەنى ھەممىباب ئاۋىياتسىيە ساياھىتى بولۇپ، ھەقىقىي ئېگىزلىكى 1000 مېتىردىن تۆۋەن بولغان ۋېرتىكال دائىرىدىكى تۆۋەن بوشلۇق دائىرىسىدە ھەممىباب ئاۋىياتسىيە تىرانسىپورتى، ھەممىباب ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىلىرى ۋە تۆۋەن بوشلۇقتا ئۇچۇش ئەسلىھەلىرى، مەسىلەن، تىك ئۇچار ئايروپىلان، ئۈچ بۇرجەك قاناتلىق ئايروپىلان، پىلانېر، ئىسسىق ھاۋا شارى قاتارلىق ھەممىباب ئاۋىياتسىيە ئۇچۇش ۋاسىتىلىرى قاتارلىقلارغا تايىنىپ سەيلە-ساياھەت قىلىش، كۆڭۈل ئېچىش ۋە ھەرىكەت قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.

    شىنجاڭدا يەنە قانداق تۆۋەن بوشلۇق ساياھەت تۈرلىرى بار؟

قاناس مەنزىرە رايونىدا تۆۋەن بوشلۇقتا بىر سائەت ئۇچۇپ ساياھەت قىلىش

    ھازىر ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ قاناس مەنزىرە رايونى مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر ھەممىباب ئاۋىياتسىيە ساياھەت ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى بولۇپ، بۇ يەردە ساياھەتچىلەر بىر سائەتلىك «قاناس-كۆكتوقاي» دىن ھالقىش، بۇرچىندا بوشلۇقتا ساياھەت قىلىش، قاناس كۆلىدە ھاۋا بوشلۇقىدا ساياھەت قىلىش، بۇرچىندا پاراشوتتىن سەكرەش قاتارلىقلارغا قاتنىشالايدۇ.  

نارات مەنزىرە رايونىدا تىك ئۇچار ئايروپىلاندا ئولتۇرۇپ ساياھەت قىلىش

    نارات مەنزىرە رايونىنىڭ تىك ئۇچار ساياھەت تۈرىدە مەركىزىي مەنزىرە رايونىنىڭ ئىككى كىلومېتىرلىق رادىيوسى ئىچىدىكى تۆۋەن بوشلۇقتا ئۇچۇش ۋە مەركىزىي مەنزىرە رايونىدىن قار لەيلىسى جىلغىسىغىچە ئۇچۇشتىن ئىبارەت ئىككى ساياھەت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تەمىنلىنىدۇ، بۇنىڭدا نارات مەنزىرە رايونىدىكى بارلىق ساياھەت نۇقتىلىرى قاپلىنىدۇ.

تۇرپان يالقۇنتاغ مەنزىرە رايونىدا پىلانېردا ئولتۇرۇش

    پىلانېردا ئولتۇرۇپ، يالقۇنتاغ مەنزىرە رايونىنىڭ بارلىق مەنزىرىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. قۇياش نۇرىدىكى قوڭۇر قىزىل تاغدىن ئىسسىق دولقۇن يۇقىرىغا ئۆرلەپ، كۆيۈۋاتقان ئوت يالقۇنىغا ئوخشاش مەنزىرە شەكىللەندۈرىدۇ.

ئونسۇدىكى چوڭ جىلغىدا ئىسسىق ھاۋا شارىدا ئولتۇرۇش

    شىنجاڭدىكى تۇنجى ئىسسىق ھاۋا شارى ساياھەت تۈرى ئونسۇ ناھىيەسىدىكى چوڭ جىلغىدا بولۇپ، بۇ تۈرگە 7-دەرىجىلىك ئىسسىق ھاۋا شارى ئىشلىتىلگەن، دىيامېتىرى 18 مېتىر كېلىدۇ، ئېگىزلىكى 30 مېتىرغا يېقىنلىشىدۇ، بەش-ئالتە ئادەم ئولتۇرسا بولىدۇ. ئىسسىق ھاۋا شارىغا ئولتۇرۇپ 100 مېتىر ئېگىزلىكتىكى بوشلۇقتا جىلغىدىكى ھەرقايسى چوڭ مەنزىرە نۇقتىلىرىدىن ھۇزۇر ئېلىپ، ئوخشاشمىغان گۈزەل مەنزىرە ۋە ئۆزگىچە ساياھەت ئۇسۇلىدىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ.

تېكەس سەككىز بۇرجەكلىك شەھىرى ۋە قاراجون يايلىقىدا ئىسسىق ھاۋا شارى ۋە ئۈچ بۇرجەك قاناتلىق ئايروپىلانغا ئولتۇرۇش

    تېكەس ناھىيەسى دۇنيادىكى بىردىنبىر ياخشى ساقلانغان، سىزىقلىرى مۇكەممەل، كۆلىمى ئەڭ چوڭ سەككىز بۇرجەكلىك شەھەر بولۇپ، ساياھەتچىلەر كەسپىي ئۇچقۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىسسىق ھاۋا شارىدا ئولتۇرۇپ سەككىز بۇرجەكلىك شەھىرىنى ساياھەت قىلالايدۇ ھەم مەخسۇس ئادەم ھەيدەيدىغان ئۈچ بۇرجەك قاناتلىق ئايروپىلاندا ئولتۇرۇپ، بوشلۇقتا قاراجون يايلىقىدىن ھۇزۇرلىنالايدۇ.

بۇغدا كۆلىدە تىك ئۇچار ئايروپىلانغا ئولتۇرۇش

بۇغدا كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىدا ساياھەت قىلىش مۇلازىمىتىدە ئىشلىتىلىدىغان «Bell 407» تىپلىق تىك ئۇچار ئايروپىلان ئۇچۇشقا تەييارلىق قىلماقتا.

    2017-يىلى 7-ئايدا بۇغدا كۆلى مەنزىرە رايونىدا تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ تۇنجى ئۇچۇشى ئوڭۇشلۇق بولدى، ساياھەتچىلەر تىك ئۇچار ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ بوشلۇقتىن «زۇمرەت كۆلى» نىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلاندى، تىك ئۇچار ئايروپىلان ساياھەتچىلەر مەركىزىدىن ئۇچۇپ، بۇغدا كۆلى مەنزىرە رايونىدا كۆلنى بىر ئايلىنىپ، تاغ چوققىسىدا قونىدۇ ياكى تاغ چوققىسىدىن ئۇچۇپ، تاغ ئېتىكىدىكى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىغا بىۋاسىتە قونىدۇ، تاغ چوققىسىدىن تاغ ئېتىكىگىچە ئۇچۇپ، زۇمرەت كۆلىدىن ھۇزۇر ئېلىشقا ئالتە مىنۇتلا كېتىدۇ.

ئاراتۈرۈك ناھىيەسىدە تىك ئۇچار ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ توغراقلىقلاردىن ھۇزۇرلىنىش

    2017-يىلى 7-ئاينىڭ باشلىرىدا ئاراتۈرۈك ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسى چۇڭچىڭ شەھىرىدىكى «شېنجۇ» ھەممىباب ئاۋىياتسىيە چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، تۆۋەن بوشلۇق ساياھەت تۈرىنى يولغا قويۇپ، ئاراتۈرۈك ناھىيەسىنىڭ تۆۋەن بوشلۇق ساياھىتىدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى، ئاراتۈرۈك ناھىيەسىدىكى تۆۋەن بوشلۇق ساياھىتى ئۈچۈن كىرگۈزۈلگەن تۇنجى تىك ئۇچار ئايروپىلان دۇنيا بويىچە ئىلغار «R44Robinson » تىپلىق تىك ئۇچار ئايروپىلان بولۇپ، ساياھەتچىلەر تىك ئۇچار ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، توغراقلىقتىن ھۇزۇرلىنالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ