تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

سۇ تازىلىغۇچ تاللىغاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار (1)

    جۈمەكنى ئېچىش بىلەنلا بىۋاسىتە ئىچكىلى بولىدىغان پاكىز سۇنىڭ چىقىشى ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئارزۇسى، بۇنىڭ ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر ئائىلىسىگە سۇ تازىلىغۇچ ئورناتماقتا. ئەمما سۇ تازىلىغۇچنىڭ بىخەتەرلىك دەرىجىسى ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس. يېقىندا، شاڭخەي شەھەرلىك ھوقۇق-مەنپەئەتنى قوغداش كومىتېتى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بىر قىسىم سۇ تازىلىغۇچلاردا ئېغىر مېتال، مىكرو جانلىقلارنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بايقىغان؛ بۇلتۇر، ليەنيۈنگاڭ پورتى سۈپەت تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ نۇسخا ئېلىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان سۇ تازىلىغۇچنىڭ %46.7 تىنىڭ لاياقەتسىز ئىكەنلىكى، مىكروب توپىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەمدىن 20 ھەسسە ئېشىپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولغان. جۇڭگو ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى تەتقىقات يۇرتى ساغلام ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ مۇدىرى لۇ جيەنگو ئىستىمالچىلارنىڭ سۇ تازىلىغۇچ سېتىۋالغاندا ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاللاپ، تەلەپ بويىچە ئىشلىتىشى ۋە ئاسرىشىنى، ئۇنداق قىلمىغاندا، پاكىز سۇنىڭ پاسكىنا سۇغا ئايلىنىپ كېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

    لۇ جيەنگونىڭ تونۇشتۇرىشىچە، نۆۋەتتە، بازاردا سېتىلىۋاتقان ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان بىۋاسىتە ئىچكىلى بولىدىغان سۇ تازىلىغۇچ ئاساسلىقى ئادەتتىن تاشقىرى سۈزۈلدۈرۈلىدىغان سۇ تازىلاش ئۈسكۈنىسى ۋە سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرغۇچى سۇ تازىلىغۇچتىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە بۆلىنىدىكەن. ئادەتتىن تاشقىرى سۈزۈلدۈرۈلىدىغان سۇ تازىلىغۇچنىڭ يادرولۇق سۈزگۈچ ئۆزىكى ئادەتتىن تاشقىرى سۈزۈش پەردىسى بولۇپ، قالدۇق خلور، كوللوئىد، تۆمۈر دېتى، سۇسپېنزىيىلىك ماددا، قۇمسىمان لاتقا، ئېغىر مېتاللار ۋە چوڭ مولېكۇلىلىق ئورگانىك ماددا قاتارلىقلارنى ئۈنۈملۈك سۈزۈۋالىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق بولغان بەزى كۆپ خىل مىنېرال ماددا، مىكرو ئېلېمىنتلارنى ساقلاپ قالىدىكەن. ئۇنىڭ سۈزۈش ئۆزىكىنىڭ ئىشلىتىش ئۆمرى ئۇزۇن، سۇ چىقىرىش مىقدارى چوڭ، تەننەرخى تۆۋەن، سۇ چىقىرىش نىسبىتى يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما مولېكۇلىسى كىچىك ئورگانىك بۇلغىمىلارنى چىقىرىپ تاشلىيالمايدىكەن .

   سىڭىپ كىرىشكە قارشى سۇ تازىلىغۇچ مېتال بۇيۇم، خىلوروفورم (ئۈچ خىلورلۇق مېتان) قاتارلىق بۇلغىمىلارنى تېخىمۇ ئۈزۈل-كېسىل چىقىرىپ تاشلاپ، سۇنىڭ قاتتىقلىق دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىپ، سۇ قاينىتىش قاچىسىنىڭ داتلىشىشىنىڭ، سۇ تەمىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن، ئەمما مىنېرال ماددىلارنىمۇ قوشۇپ چىقىرىۋېتىدىكەن. بۇ خىل سۇ تازىلىغۇچنىڭ باھاسى تېخىمۇ قىممەت، ئىشلىتىش تەننەرخى يۇقىرى، يەنە كېلىپ مەلۇم مىقداردا كېرەكسىز سۇ ھاسىل قىلىدىكەن. ئادەتتە سۇ سىڭىپ كىرىشكە قارشى سۇ تازىلىغۇچنىڭ سۇ ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى %50، يەنى بىر ئىستاكان پاكىز سۇ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بىر ئىستاكان كېرەكسىز سۇ ئىشلەپچىقىرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ