شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى. مۇخبىرنىڭ 6-ئاينىڭ 5-كۈنى جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى 6-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى-ئاستانا بېرىپ-كېلىش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىكەن، بۇ لىنىيەدە ھەر ھەپتىنىڭ بىرى، ئۈچى، بەشى ئايروپىلان قاتنايدىكەن، ساياھەتچىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، بېرىپ-كېلىشتە ئايروپىلاندا 200 گە يېقىن ئورۇن تەسىس قىلىنغان.
بۇ لىنىيە ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى تىجارىتىدىكى ئۈرۈمچى شەھىرىدىن قازاقىستاننىڭ شەھەرلىرىگە بارىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئىككىگە يېتىدۇ، يەنە بىر لىنىيە ئۈرۈمچى-ئالمۇتا بېرىپ-كېلىش لىنىيەسى بولۇپ، بۇ لىنىيەدە كۈنىگە بىر ئايروپىلان قاتنايدۇ. بۇنداق بولغاندا جۇڭگو-قازاقىستان ئارىسىدا قاتنايدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىشى تېخىمۇ قولايلىشىدۇ، ئىككى دۆلەتكە بېرىپ-كېلىدىغان سودىگەرلەر، ساياھەتچىلەرگە تېخىمۇ كۆپ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تەمىنلىنىدۇ.