«ئاق خالات» تىلغا ئېلىنسا كىشىلەرنىڭ خىيالىغا ئالدى بىلەن دوختۇرلار كېلىدۇ. شۇڭا كۆپىنچە كىشىلەر دوختۇرلارنىڭ ھەممىسى ئاق خالات كىيىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمما فىلىملەردە ئوپېراتسىيە قىلىدىغان دوختۇرلارنىڭ يېشىل ياكى كۆك رەڭلىك خالات كىيدىغانلىقىنى كۆرىمىز. دوختۇرلارنىڭ ئوپېراتسىيە بۆلۈمىگە كىرگەندە ئاق خالات كىيمەسلىكى پەقەت ئاق رەڭنىڭ ئاسان كىرلىشىپ كېتىدىغانلىقىدىنمۇ ياكى باشقا ئالاھىدە سەۋەب بارمۇ؟
بۇ سۇئالنىڭ جاۋابىنى بىلىشتىن ئىلگىرى ئالدى بىلەن دوختۇرلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئاق رەڭلىك خالات كىيىدىغانلىقىنى بىلىشىمىز كېرەك.
ئادەتتە دوختۇرخانا خادىملارنىڭ فورمىسىنى قەرەللىك يۇيۇشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. دوختۇرخانا بولغان ئىكەن، خادىملارنىڭ فورمىسىنى يۇيغاندا چوقۇم دېزىنفېكسىيەلەش كېرەك. نۇرغۇن دېزىنفېكسىيەلەش سۇيۇقلىقىنىڭ ئاقارتىش رولى بولغاچقا، ئەگەر باشقا رەڭلىك خالاتنى كىيسە، رەڭگى ئۆڭۈپ كېتىدۇ. شۇڭا ئاق رەڭلىك خالات قۇلايلىق بولۇپلا قالماي يەنە رەڭگى ئۆڭۈپ كەتمەيدۇ.
بۇنىڭدىن سىرت، ئاق رەڭلىك كىيىم قاراشقا ئادەمگە مۇلايىم تۇيغۇ بېرىدۇ ھەم نېرۋىنى غىدىقلىمايدۇ. ئاق رەڭ پاكلىقنىڭ ھەم پاكىزلىقنىڭ سىمھولى. دوختۇرخانا خادىملىرىنىڭ ئاق خالات كىيىشىمۇ پاكىز، رەتلىك دوختۇرخانا مۇھىتى بەرپا قىلىش ئارقىلىق بىمارلارغا خاتىرجەملىك ئاتا قىلىشتۇر.
بەلكىم كۆپىنچە كىشىلەر تۇغۇت ۋە بالىلار كېسەللىكى بۆلىمى دوختۇرلىرىنىڭ ئادەتتە ھالرەڭلىك خالات كىيىدىغانلىقىنى بايقىغان بولۇشى مۇمكىن.
ھالرەڭ قاراشقا يېقىملىق، ئىللىق تۇيغۇ بېرىدۇ. كۆپىنچە كىچىك بالىلار ئوكۇل ئۇرغۇزۇشتىن قورقىدۇ، شۇڭا ئاق خالات كىيگەنلەرگە نىسبەتەن قورقۇش ۋە قارشىلىشىش پىسىخىكىسى شەكىللەنگەن. ئەمما ھالرەڭلىك خالات بالىلاردىكى قورقۇش ۋە قارشىلىشىش پىسىخىكىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ.