بۇ شىركەت بەرپا قىلغان 10 مىڭ مولۇق قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى. مۇخبىرىمىز خەن لياڭ فوتوسى(6–ئاينىڭ 2–كۈنى تارتىلغان)
شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: شىنجاڭ كۈنتيەن بىيو پەن–تېخنىكا گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى 2015–يىلىدىن باشلاپ خوتەن شەھىرىنىڭ جىيا يېزىسى ئىتتىپاق يېڭى كەنتىدە مېۋىلىك دەرەخ تىكىپ، ئوت–چۆپ ئۆستۈرۈپ، ھازىرغىچە 15 مىڭ مو يەردىكى قۇمدىن مۇداپىئەلەندى ۋە قۇمنى تىزگىنلىدى، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 3000 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ھەم نامراتلارنى يۆلەش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.