تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

نېمە ئۈچۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا يول چىرىغى بولمايدۇ؟

   ئادەتتە شەھەر يوللىرىنىڭ ئىككى قاسنىقىغا يول چىرىغى ئورنىتىلغان بولىدۇ، لېكىن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا مۇھىم كۆۋرۈك ۋە تونېللاردىن باشقا جايلارغا يول چىرىغى ئورنىتىلمايدۇ.

   شەھەر يوللىرىدا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى يول يۈرگەندىن باشقا، يەنە كۆپ مىقداردا غەيرىي موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە پىيادىلەر بولىدۇ، شۇڭا شەھەر يوللىرىدا چوقۇم يول چىرىغى بولىدۇ، ئەمما يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا غەيرىي موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە پىيادىلەر بولمىغاچقا، يول چىرىغىغا بولغان ئېھتىياج ئانچە يۇقىرى بولمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللار ناھايىتى تەكشى، يول ئەھۋالى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، بىخەتەرلىك كوئېففىتسېنتى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ.

   ئەگەر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللارغا يول چىراغلىرى ئورنىتىلسا، چىراغنىڭ ئاستى تەرىپى ئەڭ يورۇق بولۇپ، چىراغدىن يىراقلاشقانسېرى خىرەلىشىپ، ئىككى چىراغنىڭ ئارىلىقىدا يورۇقلۇق ئاجىز بولىدۇ، يۇقىرى سۈرئەتتە كېتىۋاتقان شوپۇرلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يورۇقلۇق ۋە قاراڭغۇنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشى، شوپۇرنىڭ كۆزىنى چېقىپ ئاسان چارچىتىپ قويىدۇ ھەم خاتا كۆرۈش سېزىمى پەيدا قىلىپ قويىدۇ. يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللارنىڭ ھەممىسى تاق يۆنىلىشلىك يول بولۇپ، قارشى تەرەپتىن كېلىدىغان ئاپتوموبىل بولمىغاچقا كېچىدە يىراقنى يورۇتۇش چىرىغىنى ياندۇرۇپ ماڭسا بولۇۋېرىدۇ. ئاپتوموبىل كېچىدە يول يۈرگەندە مۇكەممەل يول بەلگىلىرى ۋە نۇر قايتۇرۇش بەلگىلىرى ئېھتىياجنى تولۇق قاندۇرالايدۇ. كېچىدە ئاپتوموبىل ئالدى چىرىغىنىڭ كۈچلۈك يورۇقىدا قاتناش بەلگىلىرىدىكى نۇر قايتۇرغۇچ يورۇقلۇقنى يۆنىلىشلىك قايتۇرۇپ يول يۈزىنى يورۇتۇپ تۇرىدۇ ھەم يول قاتناش بەلگىلىرىنى يورۇتۇپ، يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالايدۇ.

ياسىن ئىبراھىم تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ