تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ‹‹جۇڭگو ئىزنالىرى››

   شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى جۇڭگونىڭ شاڭخەي شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە 17 يىلنى بېسىپ ئۆتتى. جۇڭگو قۇرغۇچى ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى ئىزچىل دىپلوماتىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتىكى يۆنىلىش قىلىپ، ئىدىيەدىن تارتىپ ھەرىكەتكىچە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئۆچمەس ‹‹جۇڭگو ئىزنالىرى››نى قالدۇردى.

   جۇڭگو ئەقىل – پاراسىتى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتىغا روھىي ئوزۇق بېغىشلاپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتىنى جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلەپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مۇقىم، ئۇزاققىچە تەرەققىي قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى. جۇڭگو ئىدىيەسى ھەمكارلىق، ئەمەلىي بولۇشقا كۈچەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشنى تەشەببۇس قىلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى ئىدىيەۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى؛ كىشىلەر تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، ئورتاقلىق، ئۇنىۋېرساللىق، ھەمكارلىق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان بىخەتەرلىك قارىشى قاتارلىق ئىدىيەلەر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتىنى مۇھىم ئىدىيەۋى ئۆرنەك بىلەن تەمىنلىدى.

   كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، باراۋەرلىك، كېڭىشىش، كۆپ خىل مەدەنىيەتكە ھۆرمەت قىلىش، ئورتاق تەرەققىياتنى كۆزلەشتىن ئىبارەت ‹‹شاڭخەي روھى››نىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى ئىدىيەسىنىڭ خاراكتېرى بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقىيالىشى تەس ئەمەس. رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى يىراق شەرق تەتقىقات ئورنىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئالىكساندىر ئىسايېۋ مۇنداق كۆرسەتتى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغان ۋە تەرەققىي قىلغان جەرياندا جۇڭگو باشتىن – ئاخىر ئىنتايىن ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دەسلەپتىنلا تەشكىلاتنىڭ ھەمكارلىق يۆنىلىشىنى نەزەرىيە يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلىدى.

   جۇڭگو ھەرىكىتى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن بۇيان  خەۋپسىزلىك، ئىقتىساد – سودا، ئادىمىيەت، مېخانىزم قۇرۇلۇشى قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەردە جۇڭگو باشتىن – ئاخىر ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتۇپ، ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىققا تۈرتكە بولدى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئالىموۋ جۇڭگونى تەرىپلەپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدە ئۆزئارا ھەمكارلىق ئورنىتىشقا مۇھىم ئىجابىي تۆھپە قوشتى.

   شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بىر يىلدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ئاكتىپ تۈرتكە بولۇشى بىلەن، مۇھىم مېخانىزملىق يىغىن، شۇنداقلا چوڭ تىپتىكى كۆپ تەرەپلىك پائالىيەت قاتارلىقلاردىن 160 نەچچە تۈر مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، بۇلار دىپلوماتىيە، ئىقتىساد – سودا، خەۋپسىزلىك، پەن – تېخنىكا قاتارلىق كەڭ ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈردى، خەۋپسىزلىك جەھەتتىكى ھەمكارلىقتا يېڭى  ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، ئەمەلىي ھەمكارلىقتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىندى، ئادىمىيەت ئالاقىسىدە، يېڭى نەتىجە يارىتىلدى. جامائەت پىكرىدە چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قېتىملىق كاتتا يىغىن بولغۇسى، دەپ قارالدى.

   جۇڭگو تەشەببۇسى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتىغا كەڭ سۇپا ھازىرلاپ بەردى. جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى بىلەن باغلانغان، نىشان ئىنتىلىشى بىلەن بىردەك بولۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى. ئالىموۋ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىكى زور پۇرسەت، دەپ قارىدى.

   شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بۈگۈنگىچە بىردىنبىر جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە قۇرۇلغان، جۇڭگودىكى شەھەرنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان، باش ئورگىنى جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە تەسىس قىلىنغان رايون خاراكتېرلىك خەلقئارا تەشكىلات بولۇش سۈپىتى بىلەن، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ‹‹جۇڭگو ئىزناسى›› خەلقئارا جەمئىيەتتە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سابىق باش كاتىپى مېزېنتىسېۋ مۇنداق دېگەنىدى: ئەگەر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى بىر گۈزەل  رەسىمگە ئوخشاتساق، جۇڭگو مۇشۇ رەسىمدىكى ئەڭ يارقىن رەڭدۇر.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 – ئاينىڭ 3 – كۈنى تېلېگراممىسى)


 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ