تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قەتئىي ئېغىشماي ئۆز ئالدىمىزغا يېڭىلىق يارىتايلى

ـــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى توغرىسىدا (2)

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

   پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ۋە ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك تىرەك، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى چىڭ تۇتقاندىلا دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيلىقىغا تۈرتكە بولىدىغان ئاچقۇچنى چىڭ تۇتقىلى بولىدۇ.

   جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ 19 – قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ 14 – قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۇنيا پەن – تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى توغرا ئىگىلەپ، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە زۆرۈرلۈكىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، پەن – تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ باتۇرلۇق بىلەن يېڭى دەۋردىكى پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىپ، پەن – تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ قەتئىي ئېغىشماي ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشىغا زور ئىلھام بەردى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن جەمئىيەتنى بىر مەقسەتتە بولۇپ، دۇنيادىكى پەن – تېخنىكىدا قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىشتەك ئۇلۇغۋار نىشانغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈردى.

   ھازىرقى دۇنيادا كىم پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ تۇتقىنى چىڭ تۇتالىسا، كىم پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ شاھمات ئۇرۇقىنى ياخشى ماڭالىسا، شۇ، پۇرسەتنى ئالدىن ئىگىلەپ، ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىزدە پەن – تېخنىكىدا زور يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى بەس – بەستە مەيدانغا كەلدى، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان قىسمەن تەتقىقاتلار دۇنيا بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، باشلامچى بولۇپ مېڭىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى، لېكىن پەن – تېخنىكا ساھەسىدە جىددى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بىر قىسىم گەۋدىلىك مەسىلىلەر ھېلىھەم مەۋجۇت. پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ بەيگە مەيدانىدا سەپتىن چۈشۈپ قالساق بولمايدۇ، قوغلاپ يېتىشىۋېلىشىمىز، يېتىشىۋېلىش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز، كۈچەپ ھالقىپ ئۆتۈپ كېتىشىمىز كېرەك. خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلىگەندەك: ‹‹جۇڭگو قۇدرەت تېپىش، گۈللىنىشتە چوقۇم پەن – تېخنىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، تىرىشىپ دۇنيادىكى ئاساسلىق پەن – تېخنىكا مەركىزى ۋە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېڭى يۇقىرى نۇقتىسىغا ئايلىنىشى كېرەك››، ‹‹بىز دۇنيا بويىچە پەن – تېخنىكىدا قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشقا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىن  بەكرەك ئېھتىياجلىق!››.

   كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان دۇنياۋى ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى رىقابىتىدە، بىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ تاللىشىمىز يوق، چوقۇم ئۆز ئالدىمىزغا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا مېڭىشىمىز كېرەك. ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى قايتا – قايتا ئۇقتۇردىكى، ھالقىلىق، يادرولۇق تېخنىكىنى سوراپ ئالغىلى، سېتىۋالغىلى، تىلەپ ئالغىلى بولمايدۇ. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ نۇرغۇن مۇھىم سورۇنلاردا: يادرولۇق تېخنىكا بىزنىڭ ئەڭ چوڭ ھايات ئاچقۇچىمىز، يادرولۇق تېخنىكىنىڭ باشقىلارنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇشى بىزدىكى ئەڭ چوڭ يوشۇرۇن خەۋپ، دېگەنىدى. ھالقىلىق يادرولۇق تېخنىكىنى ئۆز قولىمىزدا ئىگىلىگەندىلا دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ بىخەتەرلىكىگە، دۆلەت مۇداپىئەسى بىخەتەرلىكىگە ۋە باشقا بىخەتەرلىكلەرگە تۈپتىن كاپالەتلىك قىلالايمىز. ھالقىلىق ئورتاق تېخنىكا، ئالدىنقى قاتاردىكى يېتەكچى تېخنىكا، زامانىۋى قۇرۇلۇش تېخنىكىسى، ئاغدۇرما تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، ھالقىلىق يادرولۇق تېخنىكىنى ئۆز ئالدىمىزغا كونترول قىلساقلا يېڭىلىق يارىتىشتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقى، تەرەققىياتنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلىيەلەيمىز.

   ئۆزىگە ئىشىنىدىغان دۆلەت ۋە مىللەتلا كەلگۈسىگە تۇتىشىدىغان يولدا مەزمۇت قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىيەلەيدۇ. خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەندەك: يېڭىلىق يارىتىش ئەزەلدىنلا ئىنتايىن مۈشكۈل ئىش، ئەمما بىزدە ‹‹قەلبىمدىكى ئارزۇيۇم ئۈچۈن، ئۆلۈپ كەتسەممۇ پۇشايمان قىلمايمەن›› دەيدىغان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بولۇشى كېرەك. كەلگۈسىگە يۈزلەنسەك، ئۆز ئالدىمىزغا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىشتە ئەڭ مۇھىمى جۇڭگوچە ئۆز ئالدىمىزغا يېڭىلىق يارىتىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئۆز ئالدىمىزغا يېڭىلىق يارىتىش، نۇقتىلىق ساھەلەردە ھالقىش، تەرەققىياتقا تىرەك بولۇش، كەلگۈسىگە باشلامچىلىق قىلىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىجادچان دۆلەت قۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىشىمىز كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش جەريانىدا ئۆزىمىزنى زىيادە تۆۋەنمۇ، زىيادە قالتىسمۇ چاغلىماسلىقىمىز كېرەك، شۇنى جەزمەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئېچىۋېتىلگەن مۇھىتتىكى يېڭىلىق يارىتىش بولۇپ، ئىشىكنى ھەرگىز تاقىۋېلىشقا بولمايدۇ، بەلكى پۈتۈن دۇنيانىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ، خەلقئارالىق پەن – تېخنىكا ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنيا پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تورىغا سىڭىشىپ، دۇنيانى پەن – تېخنىكا ئارقىلىق ئىدارە قىلىشقا چوڭقۇر قاتنىشىپ، ئۆز ئالدىمىزغا يېڭىلىق يارىتىشنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىدىن ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

   ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ دۇنيا مىللەتلىرى ئارىسىدا پۇت تىرەپ تۇرۇشىدىكى كۈرەش ئاساسى، ئۆز ئالدىمىزغا يېڭىلىق يارىتىش بىز دۇنيا پەن – تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرى چوققىسىغا چىقىشتا چوقۇم بېسىپ ئۆتىدىغان يول. پەن – تېخنىكا خىزمەتچىلىرى كۈچلۈك يېڭىلىق يارىتىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسى بىلەن، قىيىن ئۆتكەللەردىن ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجە يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، پەن – تېخنىكا رىقابىتى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتنىڭ يۇقىرى نۇقتىسىنى پائال ئىگىلىگەندىلا تارىخ يۈكلىگەن مۇھىم مەسئۇلىيەتنى چوقۇم زىممىسىگە ئېلىپ، دۇنيادىكى پەن – تېخنىكىدا قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتالايدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 – ئاينىڭ 29 – كۈنى تېلېگراممىسى)
 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ