تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

قاقاسلىقتىن يېشىللىققا ئايلانغان خۇڭگۇاڭشەن تېغى

مۇخبىرىمىز دۇڭ شاۋخۇا

   5 – ئاينىڭ 30 – كۈنى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىدا تۇغۇلغان لى يەنلىڭ خۇڭگۇاڭشەن تېغىنى تىلغا ئېلىپ پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خۇڭگۇاڭشەن تېغىغا 1 مىليون 320 مىڭ تۈپ كۆچەت تىكىلدى، دەرەخ تۈرى 50 نەچچە خىلغا يەتكۈزۈلدى، كۆكەرتىش كۆلىمى 9000 مودىن ئاشۇرۇلدى، ھازىر بۇ جاي ئۈرۈمچىدىكى ساپ ھاۋالىق جايغا ئايلاندى.

   لى يەنلىڭ كىچىكىدە خۇڭگۇاڭشەن تېغى ئەتراپىدا چوڭ بولغان بولۇپ، ھازىر خۇڭگۇاڭشەن تېغى ساياھەت مەنزىرە رايونىنىڭ خىزمەتچىسى.

   خۇڭگۇاڭشەن تېغىغا مەيلى قايسى يۆنىلىشتىن قارىسىڭىز، بۈك – باراقسان يېشىللىق كۆزىڭىزگە چېلىقىدۇ. خۇڭگۇاڭشەن تېغىنىڭ ھەممىلا يېرىدە ھاياتىي كۈچكە تولغان مەنزىرىلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ: مەيىن شامال دەرەخ شاخلىرىنى سىيپاپ ئۆتكەندە، قۇشلارنىڭ سايراشلىرى ئۇنىڭغا تەڭكەش بولىدۇ. قىزىل تام، سېرىق كاھىشلىق قۇرۇلۇشلار بۈك – باراقسان ئورمان ئارىسىدا ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ.

   كىممۇ 16 يىل ئىلگىرىكى خۇڭگۇاڭشەن تېغىنىڭ بىر قاقاس تاغ ئىكەنلىكىنى خىيالىغا كەلتۈرەلىسۇن.

   لى يەنلىڭ مۇنداق دېدى: كىچىكىمدە بۇ يەر قاقاس تاغ ئىدى، ئەتراپتا قارا ئىس چىقىپ تۇرىدىغان خۇمدانلىقلارلا بار ئىدى... ھازىر بۇ يەر ئېكولوگىيە ساياھىتى، ئىستىراھەت – دەم ئېلىش، تەنھەرىكەت – كۆڭۈل ئېچىش، پەن تەتقىقات، مائارىپ بىرگەۋدىلەشكەن دۆلەت 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىغا ئايلاندى.

   ئۈرۈمچى شەھىرى 2002 – يىلى ئاتموسفېرا سۈپىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنى شەھەر ئەتراپىدىكى قاقاس تاغلارنى كۆكەرتىش، تۈزەشكە چاقىرىق قىلدى ھەم قاقاس تاغنى كۆكەرتىشنى ھۆددىگە بېرىپ باشقۇرۇش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جەمئىيەتتىكى بىر تۈركۈم مەبلەغنى ئورمان بىنا قىلىشقا جەلپ قىلىپ، قاقاس تاغنى كۆكەرتىش ئۇسۇلىنى تەدرىجىي كۆكەرتىش بىلەن كەسىپلەرنى ئېچىشنى بىرلەشتۈرۈشكە ئۆزگەرتىپ، ئورمان بىلەن ئورمان بېقىش، كەسىپ بىلەن ئورمان بېقىشتىن ئىبارەت بازارلاشقان ئەندىزىنى شەكىللەندۈردى.

   شىنجاڭ ‹‹جۈنفا›› ئوقەتچىلىك مەبلەغ سېلىش گۇرۇھىمۇ شۇ چاغدا خۇڭگۇاڭشەن تېغىنى كۆكەرتىشكە قاتناشقان. خۇمدانلار تاقالدى، ئىش ئورنىدىن قالغان 370تىن ئارتۇق ئىشچى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، 40 كىلومېتىر يول ياسالدى، 132 كىلومېتىر سۇ تۇرۇبىسى ياتقۇزۇلدى (تارماق تۇرۇبا لىنىيەسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، 22.7 كىلومېتىر توك يەتكۈزۈش لىنىيەسى قۇرۇلدى، قاقاسلىقنى كەڭ كۆلەمدە كۆكەرتىش خىزمىتى باشلاندى.

   ھۆكۈمەتنىڭ كۈچەپ قوللىشى بىلەن ‹‹جۈنفا›› گۇرۇھى 16 يىل تىرىشىپ، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ 1 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، خۇڭگۇاڭشەن تېغى قاشتېشى سارىيى، ئاسىيا – ياۋروپا سەنئەت سارىيى، جيۇچۈيۈ دەرياسى مەنزىرە شارقىراتمىسى، توققۇز ئەجدىھا قىياسى، لەنگۇاڭ كۆلى قاتارلىق 30 ئاساسلىق مەنزىرە نۇقتىسىنى قۇرۇپ، ئىلگىرىكى قاقاس تاغنى ھازىرقى ئېكولوگىيە – مەدەنىيەت ساياھەت باغچىسىغا ئايلاندۇردى.

   شىنجاڭ ‹‹جۈنفا›› ئوقەتچىلىك مەبلەغ سېلىش گۇرۇھىغا قاراشلىق ئۈرۈمچى خۇڭگۇاڭشەن تېغى ساياھەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى چيۇلىڭكۈن مۇنداق دېدى: خۇڭگۇاڭشەن تېغى مەنزىرە رايونىنى پىلانلاپ قۇرۇشنىڭ دەسلىپىدىلا ئېكولوگىيەنى قوغداش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، كۆكەرتىشنى باشلىنىش نۇقتىسى، ساياھەتنى ئاساس، مەدەنىيەتنى روھ قىلدۇق. مەنزىرە رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھە ۋە ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، خۇڭگۇاڭشەن تېغى 2011 – يىلى دۆلەت 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىغا ئايلاندى.

   خۇڭگۇاڭشەن تېغىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى، يېقىشلىق ھاۋاسى، قولايلىق قاتنىشى، يۈرۈشلۈك ئەسلىھەسى شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىنى بۇ يەردە سېلىشتىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى، ھازىر شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزى غەربىي شىمال رايونى بويىچە ئەڭ چوڭ كۆرگەزمە مەركىزى بولۇپ قالدى.

   چيۇ لىڭكۈن مۇنداق دېدى: بۇ ئىككى يىلدا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، يېشىللىق مەنزىرە رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ساياھەت ئىستىراھەت رايونىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، خۇڭگۇاڭشەن تېغىنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھاۋا سۈپىتىنى تەڭشەيدىغان تەڭشىگۈچكە ئايلاندۇرۇپلا قالماي، ئۇنى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر كېلىدىغان مۇھىم مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ