تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شىنجاڭدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىشىغا قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرتكە بولايلى

مەركەزنىڭ 2–قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغانلىقىنىڭ تۆت يىللىقى توغرىسىدا چاتما ئوبزور (1)

گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

   ۋاقىت ئەڭ ئوبيېكتىپ باھا بەرگۈچى، ئۆتكەن تۆت يىل ئالاھىدە مۇساپىگە گۇۋاھ بولدى.

   مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى 2014 – يىلى 5 – ئاينىڭ 28 – كۈنىدىن 29 – كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ‹‹ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلىگىرى سۈرۈشنى يېتەكچى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاساس، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ يامراپ كېتىشىنى توسۇش قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق – مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق – ئىناق، ئاۋات – باي، مەدەنىي – ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك››. بۇ پارتىيەمىزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئورنىنى ئىلمىي بەلگىلىگەنلىكى، پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىدە چىڭ تۇرغانلىقى ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرگەنلىكى، راۋاجلاندۇرغانلىقى ۋە ئۇنى يۈكسەلدۈرگەنلىكى بولۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزگە نىشان يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، بىزنى تۈپ قوللانما ۋە قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە قىلدى.

   پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە ئەزەلدىن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. بولۇپمۇ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە تېخىمۇ كۆپ يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە سەمىمىي غەمخورلۇق قىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ‹‹شىنجاڭ ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى مۇھىم بىخەتەرلىك توسىقى، شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ئالاھىدە، شىنجاڭ دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ئالاھىدە، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور››، ‹‹شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇملۇقىغا مۇناسىۋەتلىك، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، <ئىككى 100 يىل>لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك. شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ چوڭ ئىشى، چوقۇم ئۇزاق مۇددەتلىك تەدبىر تۈزۈپ، ئاساسنى مۇستەھكەملەپ، ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك››.

   مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى كۆزدە تۇتۇلۇپ، دۆلەت ئىچى – سىرتى ئومۇملۇقى بىر تۇتاش ئويلىشىلىپ، شىنجاڭ ۋەزىيىتى ئىلمىي تەھلىل قىلىنىپ، شىنجاڭ خىزمىتىگە ئالاقىدار بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەر چوڭقۇر بايان قىلىنىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بۇ ئىنتايىن كۈچلۈك سىياسىيلىققا، ئومۇملۇققا، ئىستراتېگىيەلىككە ئىگە بولۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىگە زور ھەم چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى.

   پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلىگەنلىكىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ھەر مىللەت ئاممىسىغا بولغان ئالاھىدە غەمخورلۇقىنى تولۇق نامايان قىلدى. مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغان تۆت يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە يوليورۇقىنىڭ روھىنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى قەتئىي ھالدا ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، باش نىشاننى يېتەكچى قىلىشتا ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شىنجاڭدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تاشقا مۆھۈر باسقۇدەك، تۆمۈردە ئىز قالدۇرغۇدەك بىر قاتار پۇختا تەدبىرلەر ئارقىلىق بۈگۈنكى شىنجاڭدا ئومۇمىيەت مۇقىم، ۋەزىيەت كونترول قىلىنغان، ۋەزىيەت ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن ھالەتنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردىكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە تامامەن ئۇيغۇن، پۈتۈنلەي ئاقىلانىلىك، توغرا، چوقۇم ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش، قەتئىي تەۋرەنمەسلىك كېرەك.

   پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرىنىڭ ئۇلۇغ مۇساپىسىنى ئېچىپ بەردى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە ئوخشاش چوڭقۇر ئىلھام ئالدى، ھەسسىلەپ رىغبەتلەندى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسى چىڭىدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما جەزمەن ئىستراتېگىيەلىك سەگەكلىكنى قەتئىي ساقلاپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى چىڭىتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي، كەم – كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شىنجاڭدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى بولسىلا، نىشانىمىزغا چوقۇم يېتەلەيمىز، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولغۇسى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ