تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

ئادەم بەدىنىدە «تەشكىللىگۈچى» ھۈجەيرە توپى بولىدىكەن

  ئەنگلىيە «تەبىئەت» ژۇرنىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 23-كۈنى توردا ئېلان قىلغان يېتىلىش ئىلمىگە ئائىت بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇزۇندىن بۇيان نەزەرىيەۋى پەرەز ئىچىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان توقۇلمىلارغا ھەمدە تۆرەلمىنىڭ يېتىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىر خىل ھۈجەيرە توپى- «تەشكىللىگۈچى»نىڭ ئادەم بەدىنىدە مەۋجۇتلۇقى تۇنجى قېتىم دەلىللەنگەن. بۇ تەتقىقات نەتىجىسى دەسلەپكى تۆرەلمە يېتىلىشىنى يېڭى ئەندىزە بىلەن تەمىنلىگەن ھەمدە كىشىلەرنىڭ ھۈجەيرە مەشغۇلات ئۇسۇل سىستېمىسىنى تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

  1924-يىلى تەجرىبە ئېمبرىيولوگىيەسى ساھەسىنىڭ پېشۋاسى خەنس سىپېيمان بىلەن «ئېمبرىيولوگىيە ئانىسى» شىلد مانگود بىرلىشىپ سەمەندەر تۆرەلمىسىنىڭ كىچىك بىر پارچىسىنى يەنە بىر سەمەندەر تۆرەلمىسىدىكى ئوخشىمىغان تۆرەلمىگە يۆتكىگەندىن كېيىن، ئاساسىي ھۈجەيرىگە باشلامچىلىق قىلىپ يەنە بىر خىل تۆرەلمىنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى بايقىغان. دېمەك، ئاساسىي ھۈجەيرىدىكى ئەسلىدە بار بولغان يۇمشاق توقۇلمىلار تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ كۆچۈرۈلگەن ئاشۇ يۇمشاق توقۇلمىلارغا ئۆزگەرگەن. خەنس سىپېيمان بىلەن شىلد مانگود كۆچۈرۈلگەن رايوننى «تەشكىللىگۈچى» دەپ ئاتىغان، چۈنكى بۇ تەشكىللىگۈچى ئاساسىي ھۈجەيرە توقۇلمىلىرى ئەتراپىدا ھۈجەيرىنىڭ ئېھتىياجغا ئاساسەن يېتىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

  «تەشكىللىگۈچى» ئىزچىل ھالدا بىيولوگىيە نەزەرىيەسىدە توقۇلمىغا ياردەم قىلىدىغان ھەمدە تۆرەلمىنىڭ يېتىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ھۈجەيرە توپى، دەپ پەرەز قىلىنىپ كەلگەن. تاكى يېقىندىكى بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە، ئالىملار ئادەم بەدىنى غول ھۈجەيرە تەجرىبىسىدە ئۇلارنىڭ ئادەم بەدىنىدە ھەقىقىي مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى دەلىللىگەن.

  ئامېرىكا روككېفېللېر داشۆسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئالى باراۋېنلو ۋە ئۇنىڭ خىزمەتدىشى ئالاھىدە مىكرو ئۆستۈرۈش قاچىسىدىن پايدىلىنىپ ئادەم بەدىنىدىكى تۆرەلمىنىڭ غول ھۈجەيرىسىنى يېتىشتۈرگەن ھەمدە ئۆسۈش فاكتورى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلغان، ئۆسۈش فاكتورى بۇ غول ھۈجەيرىلەرگە باشلامچىلىق قىلىپ «تەشكىللىگۈچى» توقۇلمىلارنى شەكىللەندۈرگەن. ئارقىدىنلا بۇ ھۈجەيرىلەر توپىنى توخۇ تۆرەلمىسىگە كۆچۈرگەن، نەتىجىدە ئەتراپتىكى ئاساسىي ھۈجەيرىلەرگە باشلامچىلىق قىلىپ ئىنچىكە نېرۋا توقۇلمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇنىڭ تەشكىللەش ئىقتىدارىنى ئىپادىلەپ چىققان. تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، «تەشكىللىگۈچى» لەر ھايۋاناتلار دۇنياسىدا ساقلىنىپ، ئۇزۇن ۋاقىت تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىدا ئۆزگىرىپ كىچىك بولۇپ قالغان، ھەتتا ئۆزگەرمىگەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

  ئالىم ئولۋېر پىئارېلنىڭ قارىشىچە، تەتقىقات كوللېكتىپى ئادەم بەدىنىدىكى غول ھۈجەيرىدىن پايدىلىنىپ «تەشكىللىگۈچى» ئالاھىدىلىكىگە ئىگە توقۇلمىغا ئېرىشىپ، بۇ ئارقىلىق بىر سىستېمىنى بېكىتكەن، بۇ سىسىتېما كىشىلەرنىڭ بۇ ھۈجەيرىلەرنىڭ ھەرىكەت ئۇسۇلىنى تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ