ئۆز خەۋىرىمىز: جۇڭگو خەلق بانكىسى سانجى ئوبلاستلىق مەركىزىي تارماق بانكىسىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 4-ئايغىچە بولغان مەزگىلدە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئامانەت-قەرز نىسبىتى %90.9 كە يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 8.8 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان؛ مەبلەغنىڭ ئىشلىتىش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، پۇل مۇئامىلە يەرلىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتلەردە ئاكتىپ رول ئوينىغان.
4-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئوبلاست بويىچە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدىكى تۈرلۈك ئامانەت پۇل قالدۇقى 131 مىليارد 430 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.0 چۈشكەن؛ قۇرۇلما جەھەتتىن قارىغاندا، خېرىدارلارنىڭ پۇل ئامانىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16 ئاشقان، بۇ ئاساسلىقى كۆچۈرۈلگەن ئائىلىلەرنىڭ ئۆي سېتىۋېلىشى ۋە دېھقانلارنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرىنى سېتىۋېلىش تەسىرىدىن كۆرۈلگەن؛ غەيرىي پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىنىڭ پۇل ئامانىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.9 چۈشكەن بولۇپ، بۇ ئاساسلىقى كارخانىلارنىڭ قەرز پۇل قايتۇرۇش، مالىيە باشقۇرۇش مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش ۋە بىر قىسىم مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سۇپىسى شىركەتلىرىنىڭ بانكىدىن ئامانەت قويغان پۇلنى ئېلىش، قەرز پۇلى قايتۇرۇش تۈرلىرى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.
پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدىكى تۈرلۈك قەرز پۇل قالدۇقى 119 مىليارد 450 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.5 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، بانكىنىڭ ئۆتكەن يىلىدىكى زاپاس تۈرلەرگە بولغان مەبلەغ سېلىش سالمىقىنىڭ ئاشۇرۇلۇشى بىلەن، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىش، كەپىلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش، يېزىلاردىكى يەر ئوبوروتى ۋە مۇھىت قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭىدىن كۆپەيگەن قەرز پۇلنىڭ بىر قەدەر كۆپ بولغانلىق تەسىرىدىن غەيرىي پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرى ۋە ئورگان، تەشكىلاتلارنىڭ قەرز پۇلى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.3 ئاشقان.