تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

ئورمان ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى يېڭى ‹‹كۈچلۈك قورال›› بارلىققا كەلدى

   يېقىندا كۈل رەڭ چوڭ تىپتىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان جيايۈگۈەن ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچتى. ئۇ جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن – تېخنىكا گۇرۇھىنىڭ 11 – تەتقىقات يۇرتى تەتقىق قىلىپ ياسىغان ‹‹سەيخۇڭ – 4›› بەلگىلىك ئۇزاق ۋاقىت ئۇچىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، ئۇ ئورمان ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان مەخسۇس كۆزىتىش ئەسۋابى ئورنىتىلغان، ئېلىمىزنىڭ قىممەتلىك ئورمان بايلىقىنى قوغدايدىغان يېڭى ئۈسكۈنە.

   ئېلىمىزدە ئورمان ئاز، ئېكولوگىيە ئاجىز، ئورماننىڭ قاپلاش نىسبىتى پۈتۈن دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن تۆۋەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئورمان ئوت ئاپىتى كۆپ يۈز بېرىدۇ. قانداق قىلغاندا ئوت ئەھۋالىنى بالدۇر بايقىغىلى، ئالدىن مەلۇمات بەرگىلى، بالدۇر ئۆچۈرگىلى، ئوت ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زىياننى ئىمكانقەدەر ئازايتقىلى بولىدۇ؟ بۇ مەسىلە ئورمان ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى قىيىن مەسىلە بولۇپ قالدى.

   مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ تونۇشتۇردى: دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئۇزاق ئۇچالايدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئورمان ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى كۈچلۈك قورال، دەپ قارىدى. بۇ خىل ئايروپىلاننىڭ ھەرىكەتچان، كۆزىتىش دائىرىسى كەڭ، باشقۇرۇش قولايلىق، بىخەتەر ۋە ئىشەنچلىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بولۇپ، ئادەملىك چارلاش ئايروپىلانىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، ئورمانلىقنى كېچە – كۈندۈز ئۈزۈلدۈرمەي كۆزىتەلەيدۇ، ئوت ئۆچۈرۈش قىسىمىنىڭ ئوت ئەھۋالىنى بالدۇر بايقاش، خەتەردىن قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم بېرىش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرىدۇ.

   ئامېرىكا دۆلەت ئاۋىياتسىيە – ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى چوڭ تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ كەڭ دائىرىدە ئوت ئەھۋالىنى چارلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ. جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن – تېخنىكا گۇرۇھىنىڭ 11 – تەتقىقات يۇرتى كوزىر مەھسۇلاتى ‹‹سەيخۇڭ – 4›› بەلگىلىك ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئورمان ئوت ئاپىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۇقراۋى ساھەلەردە ئىشلىتىپ، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان كەسپىدە بۆسۈش خاراكتېرلىك تەرەققىي قىلىشقا تۈرتكە بولدى ھەم ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرۇلما ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسى بولدى.

   2017 – يىلى 5 – ئايدا، داشىڭئەنلىڭ ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ‹‹سەيخۇڭ – 4›› بەلگىلىك ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ موخې ناھىيەسىگە بېرىپ، ئورمان ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆپ قېتىم ئۈلگە كۆرسەتكەن. ئورمان ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋە ئوت ئۆچۈرۈش جەريانىدا بۇ خىل ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئەنئەنىۋى ئوت ئۆچۈرۈش ۋە قۇتقۇزۇشتىكى يېتەرسىزلىكلەرنى ئۈنۈملۈك تۈگىتىپ، نەق مەيداننىڭ ئەھۋالىنى سۈرەتكە ئېلىپ ۋە ئەتراپلىق كۆزىتىپ ئوت ئۆچۈرۈشكە قوماندانلىق قىلىشنى ئىشەنچلىك ئاساسلار بىلەن تەمىنلىگەندىن باشقا، يەنە نەق مەيدانغا ئوت ئەھۋالىنى كۆزىتىشكە ئەۋەتكەنلەرنى يارىلىنىش ۋە ئۆلۈپ كېتىشتىن ساقلاپ قالىدىكەن.

   مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: بۇ خىل ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سىستېمىسى مۇكەممەل، ئۇچۇرۇشقا قولايلىق، ھەرقانداق شارائىتتا ئۇچۇرۇشقا بولىدۇ. ئورمانلىقتىكى يول توسۇلۇپ قالغاندا ئۇنىڭ ھەرىكەتچانلىقى تېخىمۇ نامايان بولىدۇ. ئۇنىڭغا ئىسسىقتىن سۈرئەت ھاسىل قىلىش ۋە يىراق ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق كۆزىتىش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىلغان بولۇپ، ئورمانلىقنىڭ بوشلۇقىدا بەلگىلەنگەن لىنىيەنى بويلاپ ئۇزاق ۋاقىت ئۇچالايدۇ. ئىلگىرىكى ئادەملىك ئايروپىلاندىكى چارچاپ ئايروپىلان ھەيدەش مەسىلىسى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا كۆرۈلمەيدۇ، نازۇك ئېگىزلىك سائىتى ۋە توسالغۇلاردىن ئەگىپ ئۇچۇش سىستېمىسىمۇ ئورمانلىقتا پەس ئۇچۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ، شۇڭا بۇ ئايروپىلان دۆڭلۈك ۋە تىك چوققىلاردىن ئەگىپ ئۇچالايدۇ.

   بۇ خىل ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى يەنە سانلىق مەلۇمات زەنجىرى ۋە سۈنئىي ھەمراھ ئالاقىسى قاتارلىق تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ يىراقتىن كونترول قىلىپ، ئېھتىياجغا ئاساسەن ئوت ئەھۋالىنى ھەرقايسى نۇقتىدىن، ھەرقانداق ئارىلىقتا ۋە ھەر خىل يورۇقلۇقتا كۆزەتكىلى بولىدۇ.

   مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن ۋە كۆپ قوللىنىلغان بۇ خىل ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئورمان ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئوت ئۆچۈرۈشتە پايدىلىنىلغاندىن سىرت، گېئوفىزىكىلىق چارلاش، ئايروماگنىتلىق ئۆلچەش، دېڭىز ئىشلىرى، دېڭىزدا ئادەم ئىزدەش، دېڭىز – ئوكيان مۇھىتىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە باھا بېرىش، دېڭىز – ئوكيان ئېكولوگىيەلىك ئاپىتىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش قاتارلىق ساھەلەردە ئىشلىتىلىپ، مۇھىم رولى جارى قىلدۇرۇلدى.

   مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدە ‹‹سەيخۇڭ – 4›› بەلگىلىك ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھەر خىل ئېھتىياجغا ئاساسەن مودېللاشقان ۋەزىپە ئۆزىكى ئورنىتىلغاندىن كېيىن، ئوت ئۆچۈرۈش، ياردەم بېرىش ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋەزىپىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئورۇندىيالايدۇ.

‹‹خەلق گېزىتى››دىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ