تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئاممىغا بەخت يارىتىش، ھەقىقىي كۆڭۈل بېرىپ، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەش

بورتالا ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەرگەنلىكى توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى ئىختىيارىي مۇخبىرى لىمىڭشىڭ

    بورتالا شەھىرى ئوتبۇلاق بازىرى جىگدە بۇلاق كەنتىنىڭ ئاھالىسى مېڭ گېن 5-ئاينىڭ 9-كۈنى خىزمەت ئەترىتى ئۈستىدە توختىلىپ، ھاياجانلانغان ھالدا باش بارمىقىنى چىقىرىپ تۇرۇپ: قاراڭ! ھازىر كەنتىمىزنىڭ يوللىرى تۈپتۈز، ئېرىق-ئۆستەڭلىرى راۋان، دېھقانلىرىمىزنىڭ يانچۇقى بارغانسېرى تومپىيىۋاتىدۇ، بۇلار كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ تۆھپىسى، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ھەقىقەتەن بەك ياخشى، دېدى.
    كەنتتە تۇرغان بىرىنچى كۈنى ئائىلە زىيارىتى قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىگەن چاغدىكى ھاڭ-تاڭ قېلىشتىن، تەرەققىيات تەسەۋۋۇرىنى راۋانلاشتۇرۇپ يۆلەش مۇھىم نۇقتىسىنى بېكىتىشكىچە بولغان قەتئىيلىككىچە؛ كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىنى زورايتىش جەريانىدا، تەرەققىياتتا مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشتىن، ئۆزگىچە كەسىپلەرنى زورايتىش ۋە كۈچەيتىشكە يار-يۆلەك بولۇشقىچە؛ ئوڭغۇل-دوڭغۇل توپا يولدىن 15 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا تەكشى كەنت يولى ياساشقىچە؛ بوراندا ئېتىزلار ئاپەتكە ئۇچراشتىن، كادىرلار، ئامما بىر مەقسەتتە بولۇپ، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقىچە... بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى جىگدە بۇلاق كەنتىگە چۈشكەندىن بۇيان، پۇقرالارغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈردى.
    خەلق ئۈچۈن يول ياساپ، ئەل قەلبىنى ئىللىتىش
    2017-يىلى، خىزمەت ئەترىتى كەنتكە چۈشكەندىن كېيىن، زىيارەت قىلىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ئوتبۇلاق بازىرىغا يەتتە كىلومېتىر كېلىدىغانلىقى، لېكىن كەنت ئاھالىلىرى كەنتتىن چىقىش ئۈچۈن چارگىن خوتخور كەنتى ۋە سانجىنبۇلاق كەنتىدىكى ئاھالىلەر تۇرمۇش رايونىنى كېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئاندىن بازارغا بارالايدىغانلىقىنى بايقىدى، كەنتتىن چىقىدىغان يولنىڭ كەڭلىكى ئاران ئۈچ مېتىر، ئوڭغۇل-دوڭغۇل، يول يۈرۈش قىيىن ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر نەچچە جايدا قاتتىق بۇرۇلىدىغان ئەگمە بولغاچقا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سىرتقا چىقىشى قولايسىز ئىدى، بولۇپمۇ ئاپتوموبىل بىلەن يۈرگەندە، يوشۇرۇن خېيىم-خەتەر مەۋجۇت ئىدى.
    كەنت ئاھالىسى مۇرات غاپپار كەنتنىڭ ئىلگىرىكى يولىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى كەنتنىڭ يولى ئوڭغۇل – دوڭغۇل بولۇپ، يول يۈرۈش قىيىن ئىدى، ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى ئۈستبېشىمىز توپا – چاڭ، يامغۇر ياغقان كۈنلىرى ئاياغلىرىمىز لاي بولۇپ كېتەتتى. چارۋا ماللارنى كۆچۈرگەندە ئايلىنىپ يىراق يولدىن ماڭاتتۇق، بۇ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىمىزغا قىيىنچىلىق تۇغدۇرغانىدى.
    كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى قاتناش تارماقلىرى بىلەن پائال ماسلىشىپ، ئالاقە باغلاپ، ئومۇمىي مۇساپىسى 15.5 كىلومېتىر كېلىدىغان كەنت يولىنى ياساپ، كەنتتىكى 11 خالتا كوچىنى تۇتاشتۇردى. بۇنىڭ ئىچىدە يېڭىدىن ياسىغان كەڭلىكى ئالتە مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 1.7 كىلومېتىر كېلىدىغان يول بىۋاسىتە بورتالا-ئالتاي تاشيولىغا تۇتىشىدىغان بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى بازارغا بېرىش ئۈچۈن ئايلىنىپ ماڭمايدىغان بولدى، بۇنىڭ بىلەن، بازارغا بېرىش يولى ئىلگىرىكىدىن ئۈچ كىلومېتىر قىسقىراپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سىرتقا چىقىشى، چارۋىچىلارنىڭ چارۋا ماللىرىنى كۆچۈرۈشى زور دەرىجىدە قولايلاشتى.
    كەنت ئاھالىسى شۈ پىڭ كەنتنىڭ تەكشى، كەڭ يولىغا قاراپ ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى:  كەنتىمىزنىڭ تەبىئىي مۇھىتى ناھايىتى ياخشى، ئايرودۇرۇم بىلەن بولغان ئارىلىقىمۇ يېقىن، مەن بىر نەچچە يىل ئىلگىرىلا، كەنتتە سەھرا ئارامگاھى ئاچماقچى بولغانىدىم، لېكىن يول راۋان بولمىغاچقا، سىرتتىكى مېھمانلارنىڭ كېلىپ – كېتىشىنىڭ قولايسىزلىقىدىن ئەندىشە قىلىپ، بۇ خىيالىمدىن ۋاز كەچكەنىدىم. ھازىر ياخشى بولدى، خىزمەت ئەترىتى كېلىپ، يولنى ياساپ راۋانلاشتۇردى، بۇ يەرگە كېلىپ ئارام ئېلىپ ساياھەت قىلىدىغان مېھمانلارمۇ بارا-بارا كۆپىيىشى مۇمكىن، ھازىر مەن سەھرا ئارامگاھى ئېچىشنى پىلانلاشقا باشلىدىم.
    ھەقىقىي مۇلازىمەت قىلىپ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش
    جىگدە بۇلاق كەنتىنىڭ ئاھالىلىرى خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرىنىڭ ھەر كۈنى كۆپچىلىككە ياردەم قىلىۋاتقان سىيماسىنى كۆرەلەيدۇ، مەيلى ئۆيدە، مەيلى يولدا ياكى ئېتىز بېشىدا بولسۇن، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ھەمىشە پۇقرالار كۈتكەندە، كۆز ئالدىدا پەيدا بولىدىغان كىشىلەرگە ئايلاندى.
    2017-يىلى 5-ئايدا، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئائىلە زىيارىتى قىلغاندا، كەنتنىڭ تۇرۇبا سۈيى بەزىدە بار، بەزىدە يوق ئىكەنلىكىنى، ئادەم ۋە چارۋىنىڭ سۇ ئىچىش مەسىلىسىنىڭ ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدى. خىزمەت ئەترىتى دەرھال شەھەرلىك، بازارلىق پارتكوم، ھۆكۈمەت ۋە تۇرۇشلۇق ئورۇنلارغا ئەھۋالنى ئىنكاس قىلدى، تۇرۇشلۇق ئورۇنلار سۇبيېكتلىق رولىنى ئاكتىپ جارى قىلدۇرۇپ، كۆپ تەرەپنى ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا تۈر ئىلتىماس قىلىش دوكلاتى سۇنۇپ، تەشەببۇسكار ھالدا قۇرۇلۇش ئەترىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، جەمئىي 160 مىڭ يۈەن مەبلەغ ھەل قىلىپ، شۇ يىلى 9-ئايدا ئادەم ۋە چارۋىلار سۇ ئىچىدىغان قۇدۇق قېزىپ، ئىچىدىغان سۇ قىس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، ھازىر كېچە-كۈندۈز سۇ بىلەن تەمىنلەش نورمال ھالەتكە ئايلاندى.
    خىزمەت ئەترىتى جىگدە بۇلاق كەنتىدە مۇنچا بولماسلىق، كەنت ئاھالىسىنىڭ يۇيۇنۇشى قىيىن بولۇشتەك ئەمەلىي ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ، كەنت ‹‹ئىككى كومىتېت››ى بىلەن بىرلىكتە ‹‹بىر ئىشنى بىر مۇھاكىمە قىلىش›› تۈرى مەبلىغىدىن 300 مىڭ يۈەننى قولغا كەلتۈرۈپ، 280 كىۋادرات مېتىر چوڭلۇقتا ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش مۇنچىسى ۋە ساتىراشخانىسى سېلىپ، كەنتتىكى نامرات ئاھالىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمىنى ئاشۇردى، ئاممىنىڭ يۇيۇنۇشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلدى.
    بۇ يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچتە، خىزمەت ئەترىتى چارۋىچى شىرىكبەك ھېيتاخۇننىڭ جىددىي تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، ئۇنىڭ ھويلىسىنى ئەگىز كەلكۈنى بېسىپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپتى، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر دەرھال نەق مەيدانغا بېرىپ، ئىككى سائەتتىن كۆپرەك جاپالىق ئىشلەش ئارقىلىق، ئەگىز كەلكۈنىنى چۆلگە باشلىدى. شىرىكبەك ھاياجانلانغان ھالدا: خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرگە كۆپ رەھمەت، ئۇلار بولمىغان بولسا، ئۆيۈمنى كەلكۈن ئېقىتىپ كەتكەن بولاتتى، دېدى.
    جىگدە بۇلاق كەنتى تاغقا يېقىن بولۇپ، ئەتىيازدا ئەگىز كەلكۈنى كېلىش مەسىلىسى گەۋدىلىك ئىدى، مۇشۇنداق ھادىسىلەرنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت ‹‹ئىككى كومىتېت››ى راۋانلاشتۇرۇش بىلەن توسۇشنى بىرلەشتۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، توسمىنى مۇستەھكەملەپ، 3.5 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا كەلكۈن ئاققۇزۇش ئۆستىڭى قېزىپ، كەلكۈننىڭ تۆۋەنگە بىخەتەر ئېقىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھاياتى، مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلدى.
    قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىش
    جىگدە بۇلاق كەنتىدىكىلەرنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى توققۇز مو بولۇپ، تېرىلغۇ كۆلىمى نىسبەتەن ئاز ئىدى، ھەر بىر ئائىلە ئۆز ئالدىغا دېھقانچىلىق ماشىنىسى سېتىۋالسا زايا كېتەتتى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىجارە ئېلىپ ئىشلەتسە، تەننەرخى ئېشىپ كېتەتتى، شۇنداقلا ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، كۈزلۈك يىغىمنىڭ ۋاقتىدا ئىشلىنىشىگە تەسىر يېتەتتى. بۇ يىل 3-ئايدىن بۇيان، خىزمەت ئەترىتى كۆپ قېتىم دېھقانلارنى تەشكىللەپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ يىغىنى ئېچىپ، ئورتاق كېڭىشىپ، كەسپىي دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇشنى قارار قىلىپ، دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى مۇلازىمىتىنى ‹‹كوللېكتىپ سېتىۋېلىش›› ئارقىلىق، دېھقانلارنىڭ ئىلگىرىكى ‹‹ئۆز ئالدىغا يالغۇز ئىشلەش›› شەكلىدىكى دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى مۇلازىمىتى شەكلىنى ئۆزگەرتىشكە ياردەم بېرىپ، دېھقانلارنىڭ دېھقانچىلىق ۋاقتىغا دەخلى يەتكۈزمەسلىك، ئەتىيازلىق تېرىلغۇنى ئوڭۇشلۇق قىلىش، دېھقانچىلىق تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى، مۇشۇ تۈردىنلا دېھقانلارنىڭ 40 مىڭ يۈەنگە يېقىن يەر تېرىش تەننەرخى تېجىلىپ قالدى.
    ھەر يىلى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلىدە بېشىم قاتاتتى، ئائىلىمىزنىڭ ئازغىنا يېرىنى تېرىشقا چوڭ تىپتىكى دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى شوپۇرى كېلىشنى خالىمايتتى، كەلگەن تەقدىردىمۇ ئىش ھەققىنى يۇقىرى قويۇپ تۇرۇۋالاتتى. كۆپچىلىك دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى مۇلازىمىتىنى <كوللېكتىپ سېتىۋېلىش> ئارقىلىق، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ۋە كۈزلۈك يىغىم مەزگىلىدىكى دېھقانچىلىق ماشىنىسى غېمىدىن قۇتۇلدۇق، يەنە يەر تېرىش تەننەرخىنى تېجەپ قالدۇق، دېدى كەنت ئاھالىسى ھاجى مەمەت سىيىت خۇشال ھالدا.
    خىزمەت ئەترىتى يەنە سۇچىلىق تۈرلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق، 86 كەنت ئاھالىسىنىڭ 1400 مو يېرىگە 850 مېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئېتىزلارنى سۇغىرىش تۇرۇبىسى ياتقۇزۇپ بېرىپ، قىسمەن مەسئۇلىيەت ئېتىزلىرىنى سۇغىرىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى؛ ئائىلىسى نامرات ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش سىياسىتىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇلارغا ئوقۇشقا ياردەم بېرىش قەرزى بېجىرىپ بەردى ھەم مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، مەزكۇر كەنتتىكى ئۈچ ئائىلىلىك نامرات دېھقاننىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان پەرزەنتىنىڭ مەكتەپتە خاتىرجەم ئوقۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى؛ داۋالاش ئارقىلىق يۆلەش سىياسىتىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ شەھەر-يېزا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئېغىر كېسەللەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى تاپشۇرۇپ بېرىپ، قۇتقۇزۇشنى ۋە مەبلەغ جەھەتتىن ياردەم بېرىشنى ئىلتىماس قىلىش شەكلى ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى.
    خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرىنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرى ۋە ئىشلىرى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتتى، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرمۇ كەنت ئاھالىلىرى بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، كەنتنىڭ 1-شۇجىسى ۋېي سۇڭيى مۇنداق دېدى: ئاممىنىڭ رازىلىقى ۋە ئېتىراپ قىلىشى بىزگە نىسبەتەن ئەڭ زور ئىلھام، بىز خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئىدىيەسىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ئاممىغا ئەمەلىي، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىشكە تىرىشىمىز، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىق ۋە تەلىپىنى ھەل قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ