تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

«يېرىم دۇنيا»لىق رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتقان يېزا ئاياللىرى

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئامان جولئايتان خەۋىرى، فوتوسى: 5-ئاينىڭ 18-كۈنى، جىڭ ناھىيەسى ماندان يېزىسى چىڭگۇەن كەنتىدىكى ئالتۇن يىڭنە تىككۈچىلىك مەركىزىدە، كىيىم تىكىش ماشىنىسىنىڭ ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ، چىڭگۇەن كەنتىدىكى ئايال تىككۈچىلەر جىددىي، تەرتىپلىك ھالدا كىيىم تىكىشكە باشلىدى. دۇكاننىڭ بىر تەرىپىگە ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ھەم سىپتا، ھەم چىرايلىق تىكىلگەن كىيىملىرى رەتلىك ئېسىپ قويۇلغانىدى.
    ماھىنۇر توختى ئالتۇن يىڭنە تىككۈچىلىك مەركىزىنىڭ بىر ئەزاسى، ئۇنىڭ ئائىلىسى بىر قەدەر نامرات بولغاچقا، ئائىلىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، تىككۈچىلىك مەركىزىگە ھەر كۈنى بالدۇر كېلىپ ئىشلەيتتى. ماھىنۇر توختى خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئۆيدە تاماق ئېتىپ، كىر يۇيۇپ كۈن ئۆتكۈزەتتىم. ھازىر ھەر ئايدا 2000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىمەن، يەنە بالىلارنى مەكتەپكە ئاپىرىپ ئەكىلىمەن، چوڭلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىمەن. ناھىيە، يېزا، كەنتلەردە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزگەندە، ئۆزۈم لايىھەلەپ تىككەن كىيىملەرنى كىيىپ، سەھنىدە مودېل بولىمەن، ھازىر كۈنلىرىم خۇشال ئۆتۈۋاتىدۇ.
    تۇراخان سىيىتئاخۇنمۇ چىڭگۇەن كەنتى ئالتۇن يىڭنە تىككۈچىلىك مەركىزىنىڭ ئەزاسى، ئۇ بۇلتۇر ئۈرۈمچىدە تىككۈچىلىك كەسپىدە تەربىيەلەنگەن، يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن تىككۈچىلىك مەركىزىدە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ، ئۇ تېخى بۇ مەركەزنىڭ تېخنىك تايانچىسى بولۇپ قالدى.
    تۇراخان سىيىتئاخۇن مۇنداق دېدى: ئېرىم كېسەل بولۇپ ئۇزاق يىل ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغاچقا، تۇرمۇشىمىزنى ئارانلا قامدايتتۇق. بۇلتۇر خىزمەت ئەترىتى مېنى ئۈرۈمچىگە تىككۈچىلىك تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشكە ئەۋەتتى، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، تىككۈچىلىك مەركىزىدە ئىشقا ئورۇنلاشتىم، ھازىر ھەر ئايدا 3000 يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلىمەن، تۇرمۇشۇم ياخشىلاندى، ئېرىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايدىغان بولدۇم.
    بورتالا دەريا ۋادىسىنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە چىڭگۇەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە ياردىمىدە، قازان بېشىدىن كېلەلمەي، ئۆيىدىن چىقماي ئۆتكەن يېزا ئاياللىرى تېخنىكا ئۆگەندى، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، كۈنلىرىنى مەنىلىك ھەم خۇشال ئۆتكۈزۈشكە يۈزلەندى.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ