تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئېكولوگىيەسى ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان شەھەر بەرپا قىلماقتا

بوشلۇق ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەر مۇكەممەللەشتۈرۈلدى 

     شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇ لۇپىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ باۋشەن يولى، چىڭفېڭ يولىدا پىيادە ئۆيگە قايتىپ كېتىۋېتىپ، پۈتۈش ئالدىدا تۇرغان باۋشەن باغچىسىدىن ئۆتكىنىمدە، 64 ياشلىق جياۋ شۆيىڭ ۋە ئۇنىڭ خوتۇنى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى بۇ يەردە بەك قالايمىقان كەپىلىك مەھەللە بار ئىدى، ئەتراپتىكى مۇھىتقا پەقەت ماس كەلمەيتتى. ئىككى يىل ئۆزگەرتىش ئارقىلىق بۇ يەر كوللېكتىپ ئارام ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش بىر گەۋدە قىلىنغان تەبىئىي ‹‹ئوكسىگېنخانا››غا ئايلاندى!

     ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سايباغ رايونى نەنزىگۇ تەۋەلىك رايونىدىكى كوناشەھەر(كەپىلىك مەھەللە) رايونى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن، ئىلگىرى شىنشىڭ كوچىسىدا ئولتۇرۇشلۇق جياۋ شۆيىڭ خوتۇنى بىلەن بىللە چىڭفېڭ يولىدىكى سايباغ رايونى كونا شەھەر(كەپىلىك مەھەللە) رايونىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بويىچە ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىسى-خۇيمىن مەھەللىسىگە كۆچۈپ كەلدى. كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىشتىن نەپ ئالغان ياشانغان بۇ بىر جۈپلەر ‹‹پۇقرا تەشۋىقاتچى››لارغا ئايلىنىپ، دائىم ئەتراپىدىكى ئاممىغا بۇ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ئەتراپتىكى مۇھىتتا پەيدا قىلغان زور ئۆزگىرىشلەرنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى.

     شەھەرلىشىش مۇساپىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە مەركىزىي شەھەر رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى كونىراش، يەردىن پايدىلىنىش نىسبىتى تۆۋەن بولۇش، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى قالايمىقان بولۇش، شەھەرنىڭ فۇنكسىيە سىستېمىسى مۇكەممەل بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر كۈنسېرى گەۋدىلەندى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك قۇرۇلۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى قوماندانلىق ئىشتابى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شيې مىن مۇنداق دېدى: كونا شەھەر(كەپىلىك مەھەللە) رايونىنى ئۆزگەرتىش ئەزەلدىن شەھەر قۇرۇلۇشىدىكى ئەڭ مۇرەككەپ، چېتىلىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش ھېسابلىناتتى، بىز ‹‹بىرى پىشىپ يېتىلسە، بىرىدە ئىش باشلاش›› پىرىنسىپى بويىچە، بىرتۇتاش پىلانلاش، شەھەرنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قاراتمىلىق ھالدا ياخشى ئىشلىدۇق. بۇ يىل 4-ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېڭىدىن ئىش باشلىنىدىغان، قۇرۇلۇش داۋاملاشتۇرۇلىدىغان كونا شەھەر(كەپىلىك مەھەللە) رايونىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تۈرلىرىدە ئارقا-ئارقىدىن ئىش باشلاندى ۋە قۇرۇلۇش ئەسلىگە كەلدى.
    شۇ كۈنى سايباغ رايونى خۈەنياشەن تەۋەلىك رايونىدىكى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى مەيدانىغا بارغىنىمدا، ئىككى يىل قۇرۇلۇش قىلىنغاندىن كېيىن، ئەسلىدىكى توڭلىتىش ئىسكىلاتى كەپىلىك رايونى يېڭى تۈسكە كىرگەنىدى.
    شيې مىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: خۈەنياشەن تەۋەلىك رايونىنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يامالىق تېغى 10 مىڭ مولۇق ئورمانلىق باغچىسىنى تىرەك قىلغان ئارام ئېلىش، چېنىقىش، سەيلە-تاماشا بىر گەۋدىلەشكەن سەيلە قىلىش ۋە دەم ئېلىش مەركىزى، دەپ بېكىتىلدى، ئەتراپتىكى ئۆزگەرتىلگەن يەرلەردە شەھەر تۇرمۇشى يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلىرى ئاساس، باغچا يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلىرى قوشۇمچە قىلىندى. ‹‹قوش كۆپەيتىش، قوش كېمەيتىش›› پىرىنسىپىغا ئاساسەن، سايباغ رايونى،تىيانشان رايونى قاتارلىق مەركىزىي رايونلار ئۆزگەرتىش ئارقىلىق نوپۇس زىچلىقىنى تۆۋەنلىتىپ ۋە تۇرالغۇ قۇرۇلۇش مىقدارىنى ئازايتىپ، بوشىغان يەرلەرنى شەھەر مەمۇرىيىتى يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلىرى، ئاممىۋى يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى كۆپەيتىشكە ئىشلەتتى، ئاممىۋى يېشىللىق، كىچىك سەيلە باغچىسى، سۇ مەنزىرىسى قاتارلىقلارنى كۆپەيتىش ئارقىلىق، كوناشەھەر رايونىدا تۇرالغۇ تۇرمۇش بوشلۇقىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە كېڭەيتىپ، شەھەر ئىقتىدارىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈردى.
    ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سايباغ رايونى، تىيانشان رايونى قاتارلىق مەركىزىي رايونلىرى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، كونا شەھەر (كەپىلىك مەھەللە) رايونىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش خىزمىتىنى شەھەر پىلانلاش ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تارىخىي مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش ئويلىشىپ، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى بەرپا قىلغان. 2016-يىلىدىن بۇيان، سايباغ رايونى، تىيانشان رايونى قاتارلىق رايون (ناھىيە)لار نۇقتىلىق ئۆزگەرتىلىدىغان 29 تەۋەلىك رايونىنى پىلانلاش، لايىھەلەش ۋە تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە پائال ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ھازىرغىچە، تولۇقلىما پۇل ۋە ئۆي بېرىش ئارقىلىق، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 247 مىڭ 257  ئاھالە ئارزۇسىدىكىدەك يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرگەن.
    شيې مىن مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، بىز تۈر قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كوناشەھەر (كەپىلىك مەھەللە) رايونىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش خىزمىتىنى پىلانلاش-لايىھەلەشنى كۈچەيتىش، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىش قاتارلىق جەھەتلەردە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن كۈچەپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كوناشەھەر رايونىنىڭ شەھەر ئىقتىدارى ۋە مۇھىت قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ