تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

كادىرلارنى دادىللىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرىدىغان ئادەم ئىشلىتىش ياخشى يۆنىلىشىنى ئېنىق تۇرغۇزايلى

  -كادىرلارنى يېڭى دەۋردە دادىللىق بىلەن يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، يېڭى رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش توغرىسىدا(2)

  جۇڭ زۇۋېن

  ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە ئادەم ئىشلىتىش ھەممىدىن مۇھىم. قانداق ئادەمنى ئىشلىتىش، قانداق ئادەمنى ئىشلەتمەسلىك كادىرلار ئۈچۈن ئەڭ ئۈنۈملۈك، ئەڭ بىۋاسىتە ئىلھاملاندۇرۇش ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىش ھېسابلىنىدۇ. ‹‹كەڭ كادىرلارنى يېڭى دەۋردە دادىللىق بىلەن يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، يېڭى رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا يەنىمۇ ئىلھاملاندۇرۇش توغرىسىدا پىكىر››نى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئاچقۇچ - مەسئۇلىيەتچان، ياراملىقلار ئىشقا قويۇلىدىغان، پاسسىپ، يارامسىزلار ئورۇن بوشىتىدىغان ئېنىق يۆنىلىش شەكىللەندۈرۈپ، كەڭ كادىرلارنى ئالغا ئىنتىلىدىغان، ئەيمىنىدىغان قىلىشتا.

  بىر ئىختىساسلىق، ئەخلاقلىق ئادەمنىڭ ئىشلىتىلىشى نۇرغۇن ئىختىساسلىق، ئەخلاقلىق ئادەمنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. مەسئۇلىيەتچانلارنى دادىللىق بىلەن ئىشلەتكەندىلا، دادىللىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، رولىنى جارى قىلدۇرىدىغان ياخشى كەيپىيات شەكىللىنىدۇ. ‹‹پىكىر››نى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، ياخشى كادىر ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، كەسىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئىشقا قاراپ ئادەم تاللاشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، رولىنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ ئۆلچىمىنى ئېنىق بېكىتىپ، ئەمەلىي ئىشلەشكە، ئەمەلىي نەتىجىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى ئېنىق تۇرغۇزۇش، ‹‹تۆت ئاڭ›› ۋە ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك، بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغدايدىغان، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە، لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرىدىغان ۋە ئىجرا قىلىدىغان، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن كادىرلارنى ئۆستۈرۈپ مۇھىم ۋەزىپىگە قويۇش، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالالمايدىغان، رولىنى جارى قىلدۇرالمايدىغان كادىرلارنى قەتئىي ئىشلەتمەسلىك كېرەك. كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالالايدىغان-ئالالمايدىغانلىقىغا، رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغان-قىلدۇرالمايدىغانلىقىغا، پارتىيەگە سادىق بولۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ باھا بېرىش، كادىرلارنىڭ روھىي قىياپىتى، ئىستىل ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۇلارنىڭ سىياسىي ساپاسىنى تەكشۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، جاپاغا چىداپ ئەمەلىي ئىشلەيدىغان، تۇتۇشقا، باشقۇرۇشقا جۈرئەت قىلالايدىغان كادىرلارنى بايقاپ، مۇھىم ۋەزىپىگە قويۇش كېرەك. نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىش، مەنبەنى ئەلالاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كادىرلارنى ھەر تەرەپتىن، كۆپ نۇقتىدىن ئىستېرېئولۇق تەكشۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ قەتئىي ئىلگىرى سۈرگۈچىلىرىنى، ئەمەلىي ئىشلەيدىغانلارنى تېخىمۇ كەڭ ساھە، تېخىمۇ چوڭ دائىرىدىن بايقاش ۋە ئۆستۈرۈپ ئىشلىتىش كېرەك. كادىرلار بىلەن دائىم، يېقىندىن، پىرىنسىپتا چىڭ تۇرغان ئاساستا ئۇچرىشىپ، ئېغىر مەسئۇلىيەتنى بىلىدىغان – زىممىسىگە ئالالايدىغان، دادىل ياخشى باشلامچى بولالايدىغان، يۇقىرى ساپالىق ئىلغار تىپلارنى بايقاشقا ئەھمىيەت بېرىش، پارتىيە ۋە خەلققە تۆھپە قوشقان ئىختىساسلىقلارنى سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچراتماسلىق ۋە ئۇلارنىڭ كۆمۈلۈپ قېلىشىغا يول قويماسلىق كېرەك. دادىللىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغان ياخشى كادىرلارنى ئىشلىتىش، بولۇپمۇ جاپا-مۇشەققەتكە چىدايدىغان، ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالالايدىغان، قاتتىق ‹‹جەڭ›› قىلالايدىغان كادىرلار، ئاچقۇچلۇق پەيتتە، مۇھىم ۋەزىپىلەرنى زىممىسىگە ئالالايدىغان، ئەڭ ئالدىدا ماڭالايدىغان كادىرلار، خاراكتېرى روشەن، پىرىنسىپتا چىڭ تۇرىدىغان، باشقىلارنى رەنجىتىپ قويۇشتىن قورقمايدىغان كادىرلارنى ۋاقتىدا ئۆستۈرۈپ ئىشلىتىپ، ئۇلارغا ئەقىل-پاراسىتىنى نامايان قىلىپ، تۆھپە يارىتىپ، ئىگىلىك تىكلەيدىغان كەڭ سەھنە ھازىرلاش كېرەك.

    دۇغنى تازىلىغاندىلا، سۇ سۈزۈلىدۇ. رولىنى جارى قىلدۇرمايدىغان، ئىشنى ئاقسىتىدىغان كادىرلارنى قەتئىي تەڭشىگەندىلا، بىرىنى تەڭشەش ئارقىلىق كۆپنى تەربىيەلىگىلى، ئاگاھلاندۇرغىلى، چۆچۈتۈش ئۈنۈمى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، ‹‹پىكىر››دە مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالالمايدىغان، رولىنى جارى قىلدۇرالمايدىغان كادىرلارنى كونكرېت ئەھۋالىغا قاراپ، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاشقا تېگىشلىكلىرىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاپ، تەڭشەشكە تېگىشلىكلىرىنى تەڭشەپ، ۋەزىپىسىنى تۆۋەنلىتىشكە تېگىشلىكلىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى تۆۋەنلىتىپ، كادىرلار يۇقىرىغىمۇ چىقالايدىغان، تۆۋەنگىمۇ چۈشەلەيدىغان بولۇشنى دائىملاشتۇرۇش كېرەك. كادىرلارنى دادىللىق بىلەن يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، يېڭى رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇشتا، پوزىتسىيە كەسكىن، تەدبىر كۈچلۈك بولۇش، ئىستىلدا لەيلىمىچىلىك قىلىدىغان، كۆرۈنۈشتە چىرايلىق، ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق قىممىتى يوق ئىشلارنى قىلىشقا ئامراق كادىرلار، پاسسىپ، چۈشكۈن كادىرلار، مەسئۇل بولۇشنى خالىمايدىغان، نوچىلارغا تېگىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان كادىرلارنى قەتئىي تەڭشىۋېتىش كېرەك. يۆتكىۋېتىش، رەھبەرلىك قىلمايدىغان ۋەزىپىگە قويۇش، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، ۋەزىپىسىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ، تەڭشەش تەرتىپىنى بەلگىلىمە بويىچە ئادا قىلىپ، كادىرلارنىڭ ۋەزىپىسىنى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ئاساستا تۆۋەنلىتىش، مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىش، قايىل قىلارلىق تۆۋەنلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

    ئىلمىي، ئۈنۈملۈك تەكشۈرۈپ باھالاش كادىرلارنى دادىل ئۆستۈرۈپ ئىشلىتىش، كادىرلارنى قەتئىي تەڭشەشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈجۈپىلىك بولۇش، پەرقلىق بولۇش تەلىپى بويىچە، كادىرلارنى تەكشۈرۈش كۆرسەتكۈچىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، تەكشۈرۈپ باھالاش شەكلى-ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، ئادەتتىكى تەكشۈرۈپ باھالاش، نەتىجىنى تەكشۈرۈش، مەخسۇس تەكشۈرۈشنى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇپ، تېخىمۇ ئەمەلىي بولۇش كېرەك. تەكشۈرۈش بىلەن ئىشلىتىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى كادىرلارنى ئۆستۈرۈش-تەيىنلەش، ئىلغار، مۇنەۋۋەر قىلىپ سايلاش، چاكىنىلىق-ھۇرۇنلۇقنى تۈزەش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش، كادىرلار يۇقىرىغىمۇ چىقالايدىغان، تۆۋەنگىمۇ چۈشەلەيدىغان بولۇش قاتارلىقلار بىلەن چېتىپ، ئىشلىگەن بىلەن ئىشلىمىگەن، كۆپ ئىشلىگەن بىلەن ئاز ئىشلىگەن، ياخشى ئىشلىگەن بىلەن ياخشى ئىشلىمىگەننى پەرقلەندۈرمەسلىك مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش كېرەك. بولۇپمۇ، كادىرلار قىيىنچىلىقلارغا دادىل يۈزلىنىپ، پائال نەتىجە ياراتتىمۇ ياكى پاسسىپلىق بىلەن باش تارتىپ، مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئىتتىردىمۇ؟ ‹‹رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇردىمۇ›› ياكى ‹‹ساختا نەتىجە›› ياراتتىمۇ؟ دېگەنلەرگە ئەھمىيەت بېرىپ، تۆھپە كۆرسىتىشكە ئالدىرايدىغان، بۈگۈننىلا ئويلاپ، ئەتىنى ئويلىمايدىغان، ساختىلىق، ئالدامچىلىق قىلىدىغان، قەرز ئېلىپ قارىغۇلارچە قۇرۇلۇش قىلىدىغان كادىرلارنى ئىشلەتمەيلا قالماي، يەنە قاتتىق جازالاپ، كادىرلارنى ‹‹تۆھپىنىڭ ماڭا مەنسۇپ بولۇشى شەرت ئەمەس›› دېگەن ئىدىيەۋى ئاڭ ۋە ‹‹تۆھپىنى چوقۇم مەن قوشۇشۇم شەرت›› دېگەن مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەش كېرەك.

    ۋەزىيەت تولىمۇ ياخشى، چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ پۇرسىتى كەلدى. كادىرلار پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ قىممەتلىك بايلىقى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ‹‹پىكىر››نىڭ يولغا قويۇلۇشىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىلمىي بولغان ئۆستۈرۈش ۋە تەڭشەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئەلالارنى تاللاپ، بوشاڭلارنى تازىلاپ، ناچارلارنى شاللاپ، دادىللىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغانلارنى مۇھىم ۋەزىپىگە قويۇپ، تەقدىرلەپ ۋە مۇكاپاتلاپ، قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىغان قابىلىيەتسىز، يارىماسلارغا ئورۇن بوشاتقۇزۇپ، ئۇلارنىڭ كاللىسىنى سەگىتىپ، تېخىمۇ كۆپ كادىرنى پارتىيە ئىشلىرىغا پائال ئاتلىنىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنىڭ ھەيۋەتلىك سەھىپىسىنى تىرىشىپ يارىتىشقا ھەقىقىي ئىلھاملاندۇرۇش ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك.

(5 – ئاينىڭ 24 – كۈنىدىكى ‹‹خەلق گېزىتى››گە بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ