تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

ۋېي يېچوۋ: ئىنقىلاب دولقۇنىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ

     ۋېي يېچوۋ 1898–يىلى 3–ئايدا شەنشىنىڭ شىڭپىڭدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. بالىلىق چاغلىرىدا كەنتتىكى خۇسۇسىي مەكتەپتە ئوقۇغان، 1912–يىلى شىئەن سەنچىن جامائەت مەكتىپىگە ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن، 1917–يىلى بېيجىڭدىكى ئالىي پېداگوگىكا مەكتىپىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن. 1919–يىلى ‹‹4–ماي›› ھەرىكىتىگە قاتناشقان. ئۇ چېن دۇشيۇ، لى داجاۋ قاتارلىق كىشىلەرنىڭ تەسىرىدە ماركسىزم،  لېنىنىزمنى ئۆگەنگەن.

     1921–يىلى ۋېي يېچوۋ ‹‹جۇڭگو يېقىنقى زامان تارىخى›› دېگەن كىتابنى يېزىپ، جۇڭگونىڭ يېقىنقى زامان تارىخىنى ماركسىزملىق مەيدان، قاراش ۋە ئۇسۇل ئارقىلىق دەسلەپكى قەدەمدە شەرھلىگەن. ۋېي يېچوۋ شۇ يىلى يازدا ئوقۇش پۈتكۈزۈپ شەنشىگە قايتىپ، خۇاشيەن ناھىيەسىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئۇ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان مەزگىلدە ماركسىزمنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ‹‹يېڭى ياشلار››، ‹‹يېتەكچى›› قاتارلىق ئىلغار ئىدىيەدىكى ژۇرناللارنى تونۇشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا تەشكىللىگەن.

     1923–يىلىنىڭ بېشىدا لى داجاۋنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن، ۋېي يېچوۋ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن. شۇ يىلى ئەتىيازدا تەكلىپ بىلەن يۈلىنگە بېرىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، ياش ئوقۇغۇچىلارغا ئىنقىلابنى كەڭ تەشۋىق قىلغان. ۋېي يېچوۋ خۇاشەن ناھىيەسى ۋە يۈلىندە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان مەزگىلدە، ليۇ جىدەن، جى گوجېن، پەن زىلى، گاۋ كېلىن، يەن كۈيياۋ، ۋاڭ زىيى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئىلغار ياشلار ۋە ئوقۇغۇچىلارغا تەسىر كۆرسەتكەن، ئۇلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن، نەتىجىدە ئۇلار كەينى–كەينىدىن ئىنقىلاب يولىغا مېڭىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرىپ، پارتىيەنىڭ مۇنەۋۋەر كادىرلىرى ۋە قىزىل ئارمىيەنىڭ تايانچلىرىغا ئايلانغان.

     1925–يىلى ۋېي يېچوۋ شىئەندە مىلىتارىست ۋۇ شىنتيەننى قوغلاپ چىقىرىش ۋە مائارىپ ساھەسىدىكى فېئودال جاھىل كۈچلەرگە قارشى تۇرۇش ئاممىۋى ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. شۇ يىلى كۈزدە ۋېي يېچوۋ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىئەن ئالاھىدە ياچېيكىسىنى قۇرۇشقا قاتناشقان ھەم ئالاھىدە ياچېيكىنىڭ ئەزاسى بولغان. كېيىن گومىنداڭ شەنشى ئۆلكىلىك پىرقە بۆلۈمىنى قۇرۇش خىزمىتىگە قاتناشقان.

    1927–يىلى 1–ئايدا مىللىي بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ شەنشىدىكى قوماندانلىق ئىشتابى شىئەندە قۇرۇلغان، ۋېي يېچوۋ سىياسىي بۆلۈمنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 2–ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شەنشى – گەنسۇ رايونلۇق كومىتېتى شىئەندە قۇرۇلغان، ۋېي يېچوۋ ئۇنىڭ ئەزاسى بولۇپ، رايونلۇق پارتكومنىڭ تەشۋىقات خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان. 7–ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شەنشى–گەنسۇ رايونلۇق كومىتېتى شەنشى ئۆلكىلىك كومىتېتقا ئۆزگەرتىلگەندە، ۋېي يېچوۋ شەنشى ئۆلكىلىك ھەربىي كومىتېتنىڭ شۇجىسى بولغان. گومىنداڭ ۋېي يېچوۋنى تۇتۇش ئۈچۈن تەرەپ–تەرەپكە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان. ۋېي يېچوۋ شەنشىدە بىخەتەر تۇرالمىغاچقا، ئۆلكىلىك پارتكوم ئۇنىڭ ياڭ خۇچېڭنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، خېنەنگە بېرىپ خىزمەت قىلىشىغا قوشۇلغان.

     1928–يىلى 1–ئايدا، جياڭ جېيشى ياڭ خۇچېڭنىڭ قىسىمىغا ئادەم ئەۋەتىپ، ياڭ خۇچېڭنى ۋېي يېچوۋ قاتارلىق كومپارتىيە ئەزالىرىنى قولغا ئېلىشقا قىستىغان، لېكىن ياڭ خۇچېڭ بۇنى رەت قىلغان. 2 – ئاينىڭ 9 – كۈنى ۋېي يېچوۋ 70 نەچچە پارتىيەلىك كادىرنى چاقىرىپ يىغىن ئاچقان. يىغىندا شىمالىي ئەنخۇيدا قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش، خېنەن–ئەنخۇي تۈزلەڭلىك بازىسى قۇرۇش قاتارلىق قارارلار ماقۇللىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىمالىي ئەنخۇي ۋاقىتلىق ئالاھىدە كومىتېتى قۇرۇش قارار قىلىنغان، ۋېي يېچوۋ ئالاھىدە كومىتېتنىڭ شۇجىسى بولغان.

     4–ئاينىڭ 8–كۈنى كەچتە فۇياڭدا قوزغىلاڭ كۆتۈرىدىغان چاغدا، ئارىدىن خائىن چىققاچقا، ھەرىكەتنى بالدۇر باشلاشقا توغرا كەلگەن، لېكىن دۈشمەن بىلەن كۈچ سېلىشتۇرمىسى زور بولغاچقا، جەڭ بەك شىددەتلىك بولغان. ۋېي يېچوۋ يۈز نەچچە كىشىنى باشلاپ، دۈشمەننىڭ قاتمۇ قات مۇھاسىرىسىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، فۇياڭدىن لاۋجىغا يۆتكەلگەن، مۇقىم جاي بولمىغاچقا، يەنە گومىنداڭ قوشۇنىنىڭ مۇھاسىرىسىدە قالغان.

    ۋېي يېچوۋ خەتەردىن قورقماي، دۈشمەنگە پارتىيەنىڭ سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىپ، ئۇلارنى قاراڭغۇلۇقتىن قۇتۇلۇپ، يورۇقلۇققا چىقىشقا سەپەرۋەر قىلغان. دۈشمەنلەر يالغاندىن سۆھبەت ئۆتكۈزمەكچى بولۇپ، ۋېي يېچوۋ قاتارلىق كىشىلەرنى تۇتقان. ۋېي يېچوۋ بىلەن خۇ خۇەيشى يېرىم كېچىدە ئارغامچىنى چىشى بىلەن ئۈزۈپ قاچقان. ۋېي يېچوۋ ئىككى ئادەم تەڭ قاچسا ئاسان بايقىلىپ قالىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، خۇ خۇەيشىنى يالغۇز يۆتكىلىپ، تەشكىلنى تېپىپ ئەھۋالنى دوكلات قىلىشقا ئەۋەتىپ، ئۆزى قېلىپ داۋاملىق كۈرەش قىلماقچى بولغان. دۈشمەن بۇ ئەھۋالنى بايقاپ، شەرمەندە بولغانلىقىدىن غەزەپلىنىپ، 4–ئاينىڭ 10–كۈنى سەھەردە ئەمدىلا 30 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ۋېي يېچوۋنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن.

    ۋېي يېچوۋ قاتارلىق ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەپ، ئەۋلادلارغا مەڭگۈلۈك ئۈلگە تىكلەش ئۈچۈن، يەرلىك ھۆكۈمەت فۇياڭدا ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە سارىيى سالدى، ۋاڭگۇەنجىدا ‹‹9–ئاپرېل›› قوزغىلىڭى خاتىرە سارىيى قۇردى، تەيخې ناھىيەسىدىكى ساۋسىجىدا ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى قۇردى ۋە ئابىدە تىكلىدى. بۇ ئورۇنلار كادىرلار، ئامما ئىنقىلاب روھىنى ئۆگىنىدىغان ۋە ئەۋج ئالدۇرىدىغان جانلىق دەرسخانا بولۇپ قالدى. 

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ