تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز ‹‹ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىملا بېرىش›› ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلەتتى

    شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇڭ شاۋخۇا خەۋەر قىلىدۇ: ‹‹كارخانا قۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىشكە 1.5 خىزمەت كۈنىلا كېتىدۇ››، ‹‹بىر كۆزنەككىلا ئىلتىماس ئۇچۇرى سۇنۇش››، ‹‹نوپۇسنى تىزىمغا ئالدۇرۇش ئىشلىرىنى بىر كۆزنەكتىلا بېجىرىش››... ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى 5–ئاينىڭ 24–كۈنى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ بۇ يىلقى ‹‹ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىملا بېرىش›› ئىسلاھاتىغا دائىر تەدبىرلەرنى ۋە خەلققە قولايلىق يەتكۈزۈش، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرىنى مەخسۇس  ئېلان قىلدى.

    ‹‹ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىملا بېرىش›› ئىسلاھاتىنى قانات يايدۇرۇش  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مەركەزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى زور تەدبىرى ۋە كونكرېت ھەرىكىتى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى كۆزلەپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات مۇھىتىنى سەرخىللاشتۇرۇش، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى چىقىش قىلىپ، ئامما بىلەن كارخانىنىڭ ئىش بېجىرىشتە ‹‹ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىملا بېرىش››ىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى قىلىپ، شۇنداقلا مەمۇرىي ئىشلار ۋە جامائەت مۇلازىمەت ئىشلىرىنى بېجىرىشنى قولايلىقلاشتۇرۇشنى تۇتقا قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جامائەت مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۈمىد – ئارزۇسىغا جاۋاب قايتۇردى.

   ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن مۇدىرى شاڭ يوۋ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش، ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش، سىناق نۇقتىسىدا ئالدىن يولغا قويۇش، مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قاراماي شەھىرى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد–تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)، يۇقىرى–يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭى شەھەر رايونى)، شىمىگو رايونى، سانجى شەھىرى، شىخو شەھىرى ۋە ئاقسۇ شەھىرىنى سىناق نۇقتا رايونى، جامائەت خەۋپسىزلىكى، سودا–سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، باج ئىشلىرى، تاموژنا قاتارلىق تارماقلارنى سىناق نۇقتا لىنىيەسى قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق كۆچۈرۈپ كېڭەيتىشكە بولىدىغان تەجرىبىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرمەكتە.

    ھازىر، قاراماي شەھىرى پۈتۈن شەھەر بويىچە ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرىدىغان رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، ‹‹ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىملا بېرىش›› ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسىنى ئەڭ ئاۋۋال تۈزۈپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىدە بېجىرىلىدىغان ئىشلار تىزىملىكىنى راۋانلاشتۇرۇش، تارماقلارنىڭ ‹‹ئۇچۇر بېكىنمىچىلىكى››نى بۇزۇپ تاشلاش، ئىسلاھات تۈرلىرى سېلىنمىسىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى چوڭ زالىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردى. قاراماي شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شيۇڭ يۆۋېي مۇنداق دېدى: ھازىر، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىمىز ‹‹كۆپ خىل كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش›› ئاساسىدا ‹‹كىنىشكا بىلەن گۇۋاھنامىنى بىرلىكتە بېجىرىش››نى ئىلگىرى سۈردى، كارخانا قۇرۇشقا 1.5 خىزمەت كۈنىلا كېتىدۇ. بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن شەھەردىكى %70تىن ئارتۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىدە ‹‹ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىملا بېرىش›› ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

    شۇ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى تۇنجى تۈركۈمدە ئامما ۋە كارخانىغا يۈزلەنگەن 84 تۈرلۈك ‹‹ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىملا بېرىش›› مۇلازىمەت تۈرىنى ئېلان قىلدى، بۇلار ئاساسلىقى نوپۇس، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى بېجىرىش، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ۋە شوپۇرلارنى باشقۇرۇش، چېگرادىن كىرىش–چىقىش گۇۋاھنامىسىنى باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەرگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ھەممىسىدە ‹‹ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىملا بېرىش›› ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق سودا–سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى سودا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى سىجىل ئىلگىرى سۈردى، ھازىر شىنجاڭ مىقياسىدا سودا–سانائەت تىزىملىتىشتا ‹‹ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىملا بېرىش تۈرى›› 15 چوڭ تۈر بويىچە 77 خىلغا يەتتى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى باج تارماقلىرىمۇ مۇلازىمەتنى بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، باج تاپشۇرغۇچىلار ئايرىم–ئايرىم ھالدا ‹‹دۆلەت باج ئىدارىسىنى ئىزدەش، يەرلىك باج ئىدارىسىنى ئىزدەش››نى ‹‹باج ئىشلىرىنى ئىزدەش››كە ئۆزگەرتىپ، باج تاپشۇرۇش ئىشلىرىدا ‹‹ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم بېرىش›› تىزىملىكىنى بىرلىشىپ تۈزۈپ ئېلان قىلدى، بۇ، دوكلات، تالون، مەلۇمات، رويخەتكە ئېلىش، ئىسپات قاتارلىق بەش چوڭ تۈر بويىچە 118 خىل باج تاپشۇرۇش ئىشىنى، باج تاپشۇرغۇچىلار بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلىدىغان بارلىق دائىم بېجىرىلىدىغان كەسىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالدى ھەم بۇ يىل 4–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ ئاپتونوم رايون بويىچە يولغا قويۇلدى.

    خەلقئارا سودىدىكى بىر كۆزنەك قۇرۇلۇشى تاموژنىنىڭ ‹‹ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىملا بېرىش›› ئىسلاھاتىنى قانات يايدۇرۇشىدىكى مۇھىم شەكىل. ئۈرۈمچى تاموژنىسى تاموژنىدىن ئۆتۈش مەشغۇلاتىنى قەغەزسىزلەشتۈرۈش، مەملىكەت بويىچە تاموژنىدىن ئۆتۈشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىر كۆزنەكلىك قۇرۇلۇشىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئىلتىماس قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تاموژنىدىن ئۆتۈش ۋاقتىنى قىسقارتىپ، كارخانىلارنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلەتتى. بۇ يىل 1–ئايدىن ھازىرغىچە ئاپتونوم رايون بويىچە ئىلتىماس قىلىنغان بىر كۆزنەكلىك تاموژنا ئىلتىماسى 61 مىڭ 814 پارچە بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى تاموژنا ئىلتىماسى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %52.5 ىنى ئىگىلىدى.

    ئۈرۈمچى يۇقىرى–يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) 3–ئاينىڭ 5–كۈنىدىن باشلاپ مەمۇرى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشتا ‹‹ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىملا بېرىش›› ئىسلاھاتى ‹‹ X+3+1›› خىزمەت ئۇسۇلىنى يولغا قويدى: ‹‹1›› بىر قېتىمدىلا بېجىرىپ ئاخىرلاشتۇرۇشنى، ‹‹3›› كەلگەن ھامان بېجىرىش، رەسمىيىتى كەم بولسىمۇ بېجىرىش، توردا بېجىرىش ئۇسۇلىنى، ‹‹X›› ئىش بېجىرىش تۈرىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى ‹‹توردا بېجىرىش›› ئاۋۋال توردا ئىلتىماس قىلىپ، مەسئۇل بۆلۈم قوبۇل قىلىپ تەكشۈرۈپ تەستىقلىغاندىن كېيىن، بېجىرىلىپ بولغان بولىدۇ، پۈتۈن جەريانغا بىر كۈندىن ئىككى كۈنگىچىلا ۋاقىت كېتىدۇ، نەق مەيداندا بېجىرسە پەقەت بىر قېتىمدىلا ئاخىرلىشىدۇ.

    شاڭ يوۋ مۇنداق دېدى: ‹‹ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىملا بېرىش›› - بىرگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر قىلىدىغان سىستېما قۇرۇلۇشى. ئاپتونوم رايونىمىز دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭچە ‹‹ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىملا بېرىش›› ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ تىجارەت مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش تۈزۈلمە–مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ.

    بۇنىڭدىن كېيىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، تارماقلار يەنە زىچ ھەمكارلىشىپ، ھۆكۈمەت تەكشۈرۈپ تەستىقلىغان ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەت تىزىملىكى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، بىرلا تارماق تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ تاماملايدىغان ئىش تۈرلىرى ۋە شۇئان بېجىرىپ شۇئان ئېلىپ كەتسە بولىدىغان بېجىرىش تۈرلىرىنى رەتلەپ چىقىپ، ئۇنى بىرىنچى تۈركۈمدىكى ‹‹ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىملا بېرىش›› ئىش تۈرلىرى تىزىملىكى قىلىپ، جەمئىيەتكە ئېلان قىلىپ ۋە يولغا قويۇپ، ‹‹ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىملا بېرىش›› ئىش تۈرلىرى تىزىملىكىنىڭ كۆلىمىنى تەدرىجىي كېڭەيتىپ، ئىسلاھاتنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.
                               

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ