تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرى بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار

    يەر شارى تورى خەۋىرى: كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئانا تاماكا چەكسە ياكى ھاراق ئىچسە ھامىلىگە ئەكس تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، ئەمما باشقا ئامىللارنىڭ ھامىلىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدۇ ياكى ئۇنىڭغا سەل قارايدۇ. فرانسىيە «فىگارو گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «سۆگەت يوپۇرمىقىسىمان ئوپېراتسىيە پىچىقى» ناملىق ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئاتا-ئانىنىڭ غىزالىنىش ئادىتى ۋە سېمىزلىك دەرىجىسى ھامىلىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن، بۇ تەسىر ھەتتا ئاياللار ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرىلا پەيدا بولىدىكەن.
    خەلقئارا تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ تەتقىقاتىدا بايان قىلىنىشىچە، ئاتا-ئانىنىڭ ئوزۇقلىنىشى جايىدا بولمىسا، سېمىز بولسا، كوفېئىننى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلسا ھەمدە بېسىمغا ئۇچرىسا ھامىلىنىڭ گېنى، ماددا ئالماشتۇرۇشى ياكى فىزىئولوگىيە جەھەتتىكى ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى، دىيابېت، سېمىزلىك، نېرۋا كېسەللىكى ۋە ئېممۇنىتېت سىستېمىسى كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن. ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىك بولۇش ئالدىدا ۋە ئانا ھامىلىدارلىقنىڭ ئالدىنقى ئۈچ ئېيىدا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك ئىكەن. چۈنكى بۇ مەزگىلدە تۇخۇم ھۈجەيرىسى ۋە ئىسپېرمىنىڭ سۈپىتى ھامىلىنىڭ ساغلاملىقىغا قارىتا بەلگىلەش خاراكتېرلىك تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

    سېمىزلىكنىڭ زىيىنى
    تەتقىقاتتا مەلۇم بولۇشىچە، نۇرغۇن دۆلەتلەردە %50 كە يېقىن ئاياللار دەسلەپتە ھامىلىدار بولغاندا سەمرىپ كېتىدىكەن. ئانىنىڭ سېمىزلىكى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنى تەسلەشتۈرۈۋېتىشى، ھامىلىنىڭ زىيادە سەمرىپ كېتىشى، قورساقتا ئۆلۈپ قېلىشى ياكى ئانىنىڭ تۇغۇت ئىقتىدارى تۆۋەنلىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.
    تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئاتا سېمىز بولسىمۇ ھامىلىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن بولۇپ، ئەمما تەسىرىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى تېخى ئىسپاتلانمىغان. ئامېرىكىنىڭ 2006-يىلىدىكى بىر تۈر تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، ئەرلەرنىڭ سېمىز بولۇشى ئىسپېرمىنىڭ سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن ۋە ئىسپېرمىنى ئازايتىۋىتىدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، ئاتىنىڭ سېمىز بولۇشى ھامىلىنىڭ كېيىن سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن.

    تۆمۈر ئېلېمېنتى كەمچىل بولۇش
    تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، يەر شارىدا %50~%30 كىچە ھامىلىدار ئاياللاردا تۆمۈر مەنبەلىك قان ئازلىق بار ئىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، يەنە ماگنىي، يود، كالتسىي ۋە ۋىتامىن C مۇ كەمچىل ئىكەن. تەتقىقاتچىلار چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە بۇ خىل ئېلېمېنتلارنىڭ كەمچىل بولۇشى كىشىلەرنىڭ دائىم سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن زىرائەت، قەنت، ماي تەركىبى يۇقىرى بولغان سۈت مەھسۇلاتلىرىنى كۆپ ئىستېمال قىلغانلىقتىن كۆرۈلىدىكەن. بۇ خىل غىزالىنىش ئادىتى 25~18 ياشقىچە بولغان %77 قىز-ئاياللاردا ھەر كۈنى يودنىڭ يېتەرلىك ئىستېمال قىلىنماسلىقىنى، %96 قىز-ئاياللاردا تۇغۇت يېشىدا (سانلىق مەلۇماتتا 42~18 ياشقىچە دەپ كۆرسىتىلگەن) ھەر كۈنى ۋىتامىن B9 نىڭ يېتەرلىك ئىستېمال قىلىنماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ۋىتامىن B9 ئاساسلىقى يېشىل رەڭلىك كۆكتات، مېۋە، سۈت ۋە ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىدا مول بولۇپ، يۇلۇن ئومۇرتقا يېرىقى ۋە ئومۇرتقىسى تۇغما غەيرىي شەكىللىك بولۇش قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق ئىكەن.

    ئوزۇقلۇق تولۇقلاپ، تەڭپۇڭ غىزالىنىش

    تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئاياللار يەڭگىشتىن 6~4 ھەپتە ئىلگىرى يېمەكلىك ئارقىلىق ئوزۇقلۇق تولۇقلاشقا، بولۇپمۇ ۋىتامىن B9 بىلەن يود تولۇلاشقا دىققەت قىلىشى كېرەك ئىكەن. ھامىلىدار بولۇشتىن ئۈچ ئاي ئىلگىرى ۋىتامىن B9 تولۇقلاش بويىدىن ئاجراپ كېتىش، ئۆلۈك بوۋاق تۇغۇش ياكى ھامىلىنىڭ تۇغۇلۇپلا ئۆلۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىكەن.
    تەتقىقاتچىلار يەنە، ئوزۇقلۇق تولۇقلاشتىن سىرت، تەڭپۇڭ غىزالىنىشنىڭمۇ ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرى ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرى مېۋە، كۆكتات، پۇرچاق، قاتتىق پوستلۇق مېۋە ۋە بېلىقلارنى كۆپرەك يەپ، قېزا قاتارلىق سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ گۆشىدىن پىششىقلاپ ئىشلىگەن يېمەكلىكلەرنى ئاز يېگەندە ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە دىيابېت، يۇقىرى قان بېسىم ۋە بالدۇر يەڭگىپ قېلىشنىڭ خەۋپى تۆۋەنلەيدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ