تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلارنى يۆلەش

خوشۇت ناھىيەسى: تىرىشچان چېن شۆلياڭ كوپىراتىپ ئەزالىرىغا بېيىش ئۈمىدى بېغىشلىدى

  ئۆز مۇخبىرىمىز شۆ يۈنشاۋ خەۋىرى: ھەمكارلىق كوپىراتىپنىڭ مەسئۇل خىزمەتچىسى چېن شۆلياڭ 5-ئاينىڭ 22-كۈنى خوشۇت ناھىيە چۇقۇ بازارلىق «چېڭ خې» جاڭزاگۇ تېرىقچىلىق يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى زاۋۇتىدىكى ئىشخانىسىدا دېرىزىدىن يىراقلارغا نەزەر تاشلاپ تۇراتتى. خىزمەت ئۈستىلىدىكى كومپىيۇتېرىنىڭ ئېكرانىدا تېخى بايىلا كېلىشىلگەن توختام كۆرۈنۈپ تۇراتتى. 2013-يىل«جاڭزاگۇ» تۈرىنى بۇ يەرگە كىرگۈزگەندىن ھازىرغا قەدەر تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ يىلمۇيىل كېڭىيىشىنى ئۇنىڭ  قان-تەرى ۋە تىرىشچانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايتتى، ئۇ ھەربىر كوپىراتىپ ئەزاسىغا بېيىش ئۈمىدىنى بېغىشلىدى.

  چېن شۆلياڭ 2004-يىلى غەربىي شىمال سىياسىي-قانۇن شۆيۈەنىنى پۈتتۈردى. ئۇ ئۆيىدىكىلىرىنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن كارى بولماستىن، چوڭ شەھەرلەردە قېلىپ ئىشلەش پۇرسىتىنى رەت قىلىپ، يۇرتىغا قايتتى. چېن شۆلياڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا ياردەملىشىش بىلەن بىرگە، يۇرتتىكى دېھقانلارنىڭ زىرائەت كېسەللىكى ۋە زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش توغرىسىدىكى ئۇقىدىغانلىرىنىڭ ناھايىتى ئاز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى شىركىتى قۇرماقچى بولدى. بىراق ئۇنىڭ بۇ پىكىرىگە ئۆيىدىكىلىرى قارشى تۇردى.

  ــ بىرىنچىدىن، ئۇلار مېنىڭ بۇ جەھەتتىكى كەسپىي بىلىملىرىمنىڭ يوقلۇقىدىن، ئىككىنچىدىن، ئىگىلىك تىكلەش تەجرىبەمنىڭ كەمچىللىكىدىن زىيان تارتىشىمدىن ئەنسىرىدى،- دېدى چېن شۆلياڭ.

  ئەمەلىيەتتە، چېن شۆلياڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن باشلاپلا يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا قىزىقىپ قالغانىدى. ئالىي مەكتەپتىكى مەزگىلىدە، ئۇ دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش بىلىملىرىنى ئۆگەندى، بولۇپمۇ، زىرائەتلەردە كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر ۋە زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش جەھەتتە كۆپ بىلىم توپلىدى.

  2008-يىلى، ئۇ خوشۇت ناھىيەلىك «شىرۇڭ» يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇردى. شىركەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، دېھقانلارنىڭ زىرائەت كېسەللىكى ۋە زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاشقا ئائىت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلدى. دېھقانلارمۇ ئاستا-ئاستا ئۇنىڭغا ئىشىنىشكە، خېرىدارلارمۇ بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىدى.

  2013-يىلى، خېبىي ئۆلكىسى جاڭجياكۇ شەھىرىدىن شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىرلار 3800 كىلومېتىر سىرتىدىكى جىڭشىدىن «جاڭزاگۇ»نى بۇ يەرگە باشلاپ كەلدى. سىناق تېرىش ئارقىلىق، ئىنتايىن ياخشى ئىقتىسادىي ئۈنۈم ھاسىل بولدى. چېن شۆلياڭ ھەر كۈنى ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك ئىدارىسىدىكى كادىرلار بىلەن ئېتىزغا يۈگۈرۈپ، پەرۋىش ئىشلىرىنى ئۆگەندى، تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى ئىنچىكە بىر تەرەپ قىلدى.

  خوشۇت ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكنى ئۇنىۋېرسال ئېچىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى چۈ شياۋخۇ: «چېن شۆلياڭنىڭ زېھنى ئۆتكۈر، ئۆزى ئىشچان. ئۇ ۋاقىتتا ناھىيەمىز كەڭ كۆلەمدە ‹جاڭزاگۇ› تېرىماقچى بولۇپ، مۇۋاپىق بىرەيلەننىڭ بۇ ئىشنى ھۆددىسىگە ئېلىشىغا ئېھتىياجلىق بولغانىدى، ئۇنىڭ قىزغىنلىقىنىڭ ناھايىتى يۇقىرىقىلىقىنى ھەم بىز دېگەن شەرتلەرگە چۈشىدىغانلىقىنى كۆرۈپ تۈرنى ئۇنىڭغا تاپشۇردۇق» دېدى.

  چېن شۆلياڭ باشقىلارنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمىدى، ئالدى بىلەن «چېڭ خې» جاڭزاگۇ تېرىقچىلىق يېزا ئىگىلىك كوپىراتىپىنى قۇردى، 2014-يىلى 500 مو ئېتىزلىققا «جاڭزاگۇ» تېرىدى، شۇ يىللىق ھوسۇل 175 توننىغا يېتىپ، 990 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى.

  ھەمكارلىق كوپىراتىپنىڭ ئەزاسى ليۇ يامىڭ مۇنداق دېدى: «دەسلەپتە چېن شۆلياڭ مېنى <جاڭزاگۇ> تېرىغىن دېگەندە، مەن سەل ئىككىلەنگەنىدىم، كېيىن ئۇ ماڭا پەرۋىش تېخنىكىسىنى ۋە تېرىقچىلىق تەجرىبىلىرىنى ئۆگەتتى، شۇنىڭ بىلەن، ئاستا-ئاستا ئىشەنچ تۇرغۇزدۇم ۋە بىراقلا 50 مو يەرگە <جاڭزاگۇ> تېرىدىم، شۇ يىلىلا 80 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدىم. <جاڭزاگۇ>نى <ئالتۇن دان> دېسەك ھەرگىزمۇ ئېشىپ كەتمەيدۇ».

  «جاڭزاگۇ»نىڭ ھوسۇلىنى چېن شۆلياڭنىڭ تۆككەن تەرلىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايتتى. ئۇ: «ئۇ ۋاقىتتا مايسىلارنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى ئاستا بولۇپ قالسا ياكى ھاۋارايىدا سەل ئۆزگىرىشلەر بولسىلا بىرىنچى بولۇپ قىلىدىغان ئىشىم ئېتىزغا يۈگۈرۈش ئىدى، ئېتىزغا بېرىپ، مايسىلارنى كۆزىتەتتىم، كوپىراتىپ ئەزالىرىغا يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللاردىن قانداق ساقلىنىش ھەققىدە چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگىتەتتىم. بىر يىلى، ھوسۇل يىغىدىغان مەزگىلدە ناھىيەمىزدە بوران چىقىپ كەتتى، ئەزالار تەرەپ-تەرەپتىن ماڭا تېلېفون قىلىپ ياردەم سورىدى، مەن ئېتىزمۇ-ئېتىز يۈگۈرۈپ، ئەتىگەن سائەت 8دىن كەچ سائەت 10غىچە بىر چىشلەم نانمۇ يىيەلمىدىم. ئاخىرىدا «جاڭزاگۇ» يىلتىزى مۇستەھكەم، قۇرغاقچىلىققا قارشى تۇرۇش كۈچى كۈچلۈك، كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى يۇقىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن بۇ ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋارايىدىن ئامان قالدى، ھوسۇلىمىزنى كەم قىلماي يىغىۋالدۇق» دېدى.

  شۇنىڭدىن ئېتىبارەن چېن شۆلياڭنىڭ نامى تەرەپ-تەرەپكە تارالدى.

  دېھقانلار ھەر ياقتىن ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قوشۇلۇشقا باشلىدى. نۆۋەتتە، خوشۇت ناھىيەسىدە «جاڭزاگۇ»نى پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك تېرىش، يەنە كېلىپ زاكازلىق تېرىش ئەمەلگە ئاشتى، تېرىلغۇ كۆلىمى 15 مىڭ مو يەرگە يەتتى، 150 كوپىراتىپ ئەزاسى بىرلىكتە بېيىدى.

  بۈگۈنكى كۈندە، ئۇلارنىڭ سېتىش دائىرىسى خېبىي، بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق شەھەرلەرگىچە كېڭەيدى، چېن شۆلياڭ يەنە «ئەلى بابا»، «تاۋباۋ» قاتارلىق توردا سېتىش سۇپىلىرىدىنمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلاندى.

  چېن شۆلياڭ مۇنداق دېدى: ئۈلگىنىڭ رولى چوڭ بولىدۇ، تىرىشىشتىن قولغا كەلتۈرگەن غەلىبىنىڭ تەمىنى تىل بىلەن تەسۋىرلىگىلى بولمايدۇ. مەن بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق تىرىشىپ، بەختلىك تۇرمۇشىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ ئىلگىرىلەيمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ