شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 5-ئاينىڭ 25-كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ زور نەپ يەتكۈزۈش مەبلەغ سېلىنمىسى، شۇنداقلا مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى بىلەن، بۇ يىل 5-ئايغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىزدا يەسلى مائارىپىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى % 95 كە يېتىپ، 1 مىليون 370 مىڭغا يېقىن ھەر مىللەت بالىلىرى نەپكە ئېرىشتى.
مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون سېلىنمىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدا يەسلى مائارىپى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ۋە تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتتە ئومۇملىشىپ ئەمەلىيلەشكەن. «قاتتىق»، «يۇمشاق» دېتاللار ماس قەدەمدە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە ۋە يېزىنى قاپلىغان تۆت دەرىجىلىك يەسلى مائارىپ مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇپ، ئومۇملىشىش نىسبىتى %95.95كە، ئاپتونوم رايون بويىچە يەسلىدە ئوقۇۋاتقان بالىلارنىڭ سانى 1 مىليون 369 مىڭ 100گە يەتكەن.
مائارىپ ئاساسى ئاجىز بولغان جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستتا، يېزىلاردىكى ئۈچ يىللىق يەسلى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتى مۇھىمنىڭ مۇھىمى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسىتى، شۇنىڭدەك مەبلەغ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قاتارلىق ھەر جەھەتتىن يۆلەش نەتىجىسىدە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يەسلى مائارىپى تېز سۈرئەتتە مۇقىم تەرەققىي قىلدى. 2017-يىلى، شىنجاڭ يېشىل يول ئېچىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، 4387 يېزا يەسلىسىنى يېڭىدىن قۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ سېلىپ، يېزىلاردا يەسلى مائارىپىنىڭ تولۇق قاپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، 1 مىليون 176 مىڭ 200 ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىنى ئۆز « ئىشىك ئالدى» دىلا ئەلا سۈپەتلىك يەسلى مائارىپىدىن ھەقسىز بەھرىمەن قىلدى. «قاتتىق دېتال» قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ «شىنجاڭ يەسلى قوش تىل ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانى»، ھەقسىز ئوقۇيدىغان پىداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرى، كادىرلار مائارىپقا ياردەم بېرىش قاتارلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى ئارقىلىق يەسلى مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرى كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىپ، جەمئىي 40 مىڭ 500 يەسلى مائارىپ ئوقۇتقۇچىسى تولۇقلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەسلى مائارىپ خىراجىتى ئۆلچىمىنى ھەر بىر بالىغا يىلىغا 2800 يۈەنگە ئۆستۈرۈپ، يەسلى مائارىپىنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈردى.