ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيەسى چوڭ پايناپ كەنتلىك ھۆسەيىن سەمەت ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن-كۆكتاغ رايونى نېفىت خىمىيە كوچا باشقارمىسى تەۋەلىكىدىكى ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە مېھمانخانىسىغا ئىشقا چۈشتى.
ئىلگىرىكى كەتمەن كۆتۈرۈپ يەر تېرىيدىغان دېھقاندىن بۈگۈنكى ئازادە، يورۇق مېھمانخانىنىڭ خىزمەتچىسىگە ئايلانغان ھۈسەيىن سەمەت: بۇنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ ھىممىتىدىن بولدى، دېدى.
27 ياشلىق ھۈسەيىن سەمەت قەشقەرلىك ئارخىپى تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن باشقا 49 نامرات نوپۇس بىلەن 12 كۈن ئىلگىرى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە شۆبە شىركىتىدە ئىش ئورنىغا چىقىشتىن ئىلگىرىكى تەربىيەلەشكە قاتناشتى.
ئىگىلىنىشىچە، 2017-يىلى ئاپتونوم رايونىمىز جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى تەشكىللىك ھالدا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى يولغا قويغان. بۇلتۇر ئۈرۈمچى شەھىرىگە 7836 ئادەم (قېتىم) يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بۇ يىل يەنە 7000 ئادەم (قېتىم) دىن ئارتۇق كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.
بۇ 50 ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنىڭ خاتىرجەم ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئۈچۈن نېفىت خىمىيە كوچا باشقارمىسى بىلەن نېفىت خىمىيە شىركىتى ھۈسەيىنلەرگە بىردىن خادىم ئورۇنلاشتۇردى، ھۈسەيىنگە ئورۇنلاشتۇرۇلغىنى مېھمانخانىنىڭ دىرېكتورى مېي شىنشى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نېفىت خىمىيە كوچا باشقارمىسى بىلەن ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە شىركىتى يەنە ئۇلارنى مەخسۇس تەربىيەلەشكە تەشكىللىدى، تەربىيەلەش مەزمۇنى پۇتۇڭخۇا، مۇلازىمەت قائىدە-يوسۇنى، بىخەتەرلىك بىلىملىرى ۋە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.
مېي شىنشى مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە نېفىت خىمىيە كوچا باشقارمىسى بىلەن بىرلىشىپ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» بويىچە ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ھۈسەيىنلەرنىڭ بۇ يەردىكى خىزمەت ۋە تۇرمۇشقا تېزدىن كۆنۈشىگە ياردەم بېرىمىز.