مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەھكىمە باشلىقى ئادال ئىماغازى
پارتىيەنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلق بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يۇرت – ماكانىمىزنى ئورتاق قۇرۇپ چىقتۇق ۋە گۈللەندۈردۇق، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كېلىپ، ھەرمىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى. لېكىن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر بىزنىڭ ئىناق – ئىتتىپاق، بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى كۆرۈشنى خالىماي، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، دۆلەتنى پارچىلاش جىنايى مەقسىتىگە يېتىشكە ئۇرۇندى. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ھەرمىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ئىناقلىقىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى، ئۇلارنىڭ جىنايى قىلمىشلىرى جەزمەن قانۇننىڭ قاتتىق جازاسىغا ۋە خەلقنىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدۇ.
دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى، تىنچ، ئىتتىپاق ياخشى ۋەزىيەتنى قوغداش بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىمىزنىڭ كاپالىتى، ھەربىرىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە باشتىن – ئاخىر يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلاپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن، سادىق ۋە مەسئۇلىيەتچان بولۇشتەك ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمەن.
ئۆگىنىپ، پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلايمەن. جۇڭخۇا مىللىتى دېگىنىمىز 56 مىللەتنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى، ۋەتىنىمىزنى ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق بەرپا قىلغان، ۋەتەننى گۈللەندۈرۈش، ۋەتەننى قوغداش 56 مىللەتنىڭ ئورتاق بۇرچى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچى.
ئۆزۈم ئۈلگە بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ قوغدىغۇچىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۈلگىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ تەشۋىقاتچىسى بولىمەن. ئۆگىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلەپ، ئەۋزەللىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرىمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈندىلىك تۇرمۇش، خىزمەت ۋە ئۆگىنىشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرمىللەت ئاممىنى ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇشقا، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش›› تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەيمەن، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلققە قىلغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى، پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن – نىزاملىرىنى، پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ئاممىنى ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىشقا تەربىيەلەيمەن، ئاممىنى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىدىن يىراق تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاق، جەمئىيەت مۇقىم بولغان ياخشى ۋەزىيەتنى قەدىرلەشكە يېتەكلەپ، ئورتاق تونۇشنى ئەڭ زور چەكتە مۇجەسسەملەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ كۈچلۈك بىرىكمە كۈچىنى توپلاشقا تىرىشىمەن.
مەۋقەنى خىزمەت ئورنىغا قويۇپ، تىرىشىپ باش نىشاننى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلەردىن بولىمەن. مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىمگە قويۇپ، سوتلاش ھوقۇقىنى ياخشى يۈرگۈزۈپ، قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى باشتىن – ئاخىر ساقلاپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ھەيۋىسىنى قەتئىي يەرگە ئۇرىمەن، كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق قانۇنچىللىق تەشۋىقاتى ۋە جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، تىپىك دېلو مىساللىرى ئارقىلىق ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ جىنايى ماھىيىتىنى چوڭقۇر پاش قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدايمەن.