تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

دەۋر ئاۋانگارتى ـــ ۋاڭ يىفېي

   جېجياڭ ئۆلكىسى شاڭيۈ شەھىرى فېڭخۇي بازىرىنىڭ شياۋمياۋنۇڭ 6 – نومۇرلۇق قورۇغا كىرگەندە تىپىك مىڭ، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە خاس ھويلا – ئارانلىق ئىمارەت كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ، بۇ جاي ‹‹ۋاڭ ئائىلىسى قەسىرى›› بولۇپ، قورۇنىڭ دەرۋازىسى شىمالغا قارايدۇ، تېمى كۆك خىشتىن قوپۇرۇلغان بۇ قورۇ ئىنقىلابىي قەھرىمان ۋاڭ يىفېينىڭ تۇرالغۇسى ئىدى.

   ۋاڭ يىفېي 1898 – يىلى 11 – ئاينىڭ 17 – كۈنى تۇغۇلغان. 1910 – يىلى شاۋشىڭدىكى شەنخۇي شۆتاڭىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن. 1919 – يىلى، ‹‹4 – ماي›› ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىدە، شاڭخەيگە بېرىپ ئىنقىلاب ھەقىقىتى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىنقىلاب ھاياتىنى باشلىغان.

   1921 – يىلى ۋاڭ يىفېي سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئەۋەتىلىپ، موسكۋا شەرق داشۆسىدە ئوقۇغان، 1922 – يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن ھەم جۇڭگو سوتسىيالىستىك ياشلار ئىتتىپاقى موسكۋا ياچېيكىسىنىڭ مەسئۇلى بولغان. 1924 – يىلى 6 – ئايدا ۋاڭ يىفېي موسكۋادا ئېچىلغان ياشلار كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىيونالى(ئۆسمۈرلەر كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىيونالى)نىڭ 4 – قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان. شۇ يىلى 7 – ئايدا ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سىرتتىن قاتنىشىدىغان ۋەكىلى سالاھىيىتىدە موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىيونالنىڭ 5 – قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان.

  ۋاڭ يىفېي دۆلەت ئىچىدىكى ئىنقىلابىي كۈرەش ۋەزىيىتىنىڭ ئېھتىياجى بىلەن، 1925 – يىلى يازدا پارتىيەنىڭ يوليورۇقىغا بىنائەن ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھەربىي كومىتېتىدا خىزمەت قىلغان، ئۇزاق ئۆتمەي يەنە شاڭخەي رايونلۇق كومىتېتنىڭ شۇجىسى بولۇپ تەيىنلىنىپ، شاڭخەي شەھىرى بىلەن جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە ئىشلىرى خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان. ۋاڭ يىفېي شاڭخەيدە خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، لۇ جۈيۋېن بىلەن توي قىلغان. ئۇ دائىم خوتۇنىغا: بىزنىڭ ھاياتىمىز كۈرەشچان ھايات، ئادەتتىكى ئەر – خوتۇنلاردەك ئۆمرىمىزنىڭ ئاخىرىغىچە تىنچ، خاتىرجەملىك ئىچىدە ئۆتەلمەسلىكىمىز، ھەر ۋاقىت خەۋپ – خەتەرگە دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن، دەيتتى.  

   شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشى مەزگىلىدە، شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئارمىيەسى جياڭشى جەڭگاھىغا كىرىپ مىلىتارىست سۈن چۇەنفاڭنىڭ قوشۇنى بىلەن كەسكىن جەڭ قىلىۋاتقاندا، ۋاڭ يىفېي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەيىنلەپ ئەۋەتىشى بىلەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەربىي خاس خادىمى سالاھىيىتىدە جياڭشى ئالدىنقى سېپىگە بېرىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئارمىيەسىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى باش مەسلىھەتچىسى گېنېرال گالېن بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىپ، كۆپ قېتىم ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىغا ئەھۋال دوكلات قىلىپ، جياڭشى جەڭگاھىدىكى دۈشمەن بىلەن ئۆزىمىز ئارىسىدىكى كۈچ سېلىشتۇرمىسىنى ئىنكاس قىلىپ، شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئارمىيەسىنىڭ داۋاملىق يۈرۈش قىلىش فاڭجېنى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىسى توغرىسىدا ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

   1927 – يىلى 1 – ئايدا ۋاڭ يىفېي شاڭخەيگە قايتقاندىن كېيىن، جوۋ ئېنلەينىڭ رەھبەرلىكىدە، شاڭخەيدىكى ئىشچىلارنىڭ 3 – قېتىملىق قوراللىق قوزغىلىڭىغا جىددىي تەييارلىق كۆرگەن. ‹‹12 – ئاپرېل›› ئەكسىلئىنقىلابى سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى كوممۇنىستلارنى ۋەھشىيلەرچە قىرغىن قىلغان، شاڭخەي ئاق تېررورلۇق ئىچىدە قالغان.

   خەتەرلىك پەيتتە، ۋاڭ يىفېي جوۋ ئېنلەينىڭ ھەربىي خىزمەتلەرنى باشقۇرۇشىغا ياردەملەشكەن ھەم مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە ‹‹7 – ئاۋغۇست›› يىغىنىغا قاتناشقان، يىغىندىن كېيىن شىمالىي خۇبېيغا ئەۋەتىلىپ، كۈزلۈك يىغىم قوزغىلىڭىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلغان. بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭ ئەمەلگە ئاشمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ شىمالىي خۇبېيغا ئىنقىلاب ئۇرۇقىنى چېچىپ، پارتىيەنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتىپ، شىمالىي خۇبېيدىكى ئىنقىلابىي كۈرەشنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىغا ئاساس سالغان.

   10 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋاڭ يىفېي بىلەن لو يىنۇڭنى چاڭشاغا ئەۋەتىپ، ج ك پ خۇنەن ئۆلكىلىك كومىتېتىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەشكە مەسئۇل قىلغان ھەم ۋاڭ يىفېينى ج ك پ خۇنەن ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلىگەن. مەركەزنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، خۇنەن ئۆلكىلىك پارتكوم چاڭشا قوزغىلىڭى كۆتۈرۈشنى قارار قىلغان، ۋاڭ يىفېي باش قوماندانلىقنى ئۈستىگە ئالغان. ئىلگىرى ۋاڭ يىفېي بىلەن بىللە خىزمەت قىلغان ليۇ يىڭ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: چاڭشا قوزغىلىڭىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان كۈنلەردە، يولداش ۋاڭ يىفېي تەشكىل بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، تەرەپ – تەرەپكە قاتراپ، كۆپ جاپا چەككەن بولسىمۇ، دائىم كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن بىزنى رىغبەتلەندۈرەتتى.

   12 – ئاينىڭ 10 – كۈنى چاڭشا قوزغىلىڭىنىڭ ئوق ئاۋازى ياڭرىدى. لېكىن، دۈشمەن بىلەن ئۆزىمىز ئارىسىدىكى كۈچ پەرقى بەك زور بولغاچقا، قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولدى. چاڭشا قوزغىلىڭى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، چاڭشا يەنە بىر قېتىم ئاق تېررورلۇق ئىچىدە قالدى. ئەكسىيەتچى دائىرىلەر كومپارتىيە ئەزالىرى ۋە ئىنقىلابىي ئاممىنى غالجىرلىق بىلەن ئاختۇرۇپ تۇتتى. 1928 – يىلى 1 – ئاينىڭ 11 – كۈنى، خائىننىڭ ئاشكارىلاپ قويۇشى بىلەن، ۋاڭ يىفېي بەختكە قارشى قولغا ئېلىندى.  

   1 – ئاينىڭ 18 – كۈنى ۋاڭ يىفېي ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ياشىسۇن!››، ‹‹ئىشچى – دېھقانلار قوزغىلىڭى ياشىسۇن!›› دەپ شوئار توۋلىغىنىچە قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى. ۋاڭ يىفېي قۇربان بولغاندىن كېيىن، ھېچقانداق مال – مۈلۈك قالدۇرمىدى، خوتۇنىغا ئىككىسى بىلەن چۈشكەن خاتىرە سۈرەت ھەم ئۆزئارا يېزىشقان 51 پارچە خەتنىلا قالدۇردى. 

شىنخۇا ئاگېنتلىقى
 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ