تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە مائارىپ تەرەققىياتى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئۈچۈن شىنجاڭغا كەلدى

   مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى دەنجۇ ئاڭبېن باشچىلىقىدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە مائارىپ تەرەققىياتى ئەھۋالىنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئۈچۈن شىنجاڭغا كەلدى. 5 – ئاينىڭ 23 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.

   پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 – ، 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش تۈپ تەدبىرىگە ئەمەل قىلىپ، رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بايلىقنى توپلاش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى باھالاپ ئۈنۈمىنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىدە پائال ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى. مائارىپ تەرەققىياتى جەھەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك يېتىشكەن سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى كۈچەپ تەربىيەلىدى، مائارىپ ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، مائارىپ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، مائارىپنىڭ ئاچقۇچلۇق ساھەلىرىدە نۇرغۇن بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدى.

   دەنجۇ ئاڭبېن دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى ‹‹تۆت ئاڭ››نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى ۋە مائارىپ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا، ئۈنۈملۈك ئىشلەپتۇ. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىمىز ئاپتونوم رايون ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر – تەكلىپلەرنى ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلىپ، ئۇنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا دوكلات قىلىپ، ئالاقىدار مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

   ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سو يۆ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى رېن خۇا شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە مائارىپ تەرەققىياتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

   مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ليۇ يۈەنكۈن، لى فېييۆ ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

   ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مائارىپ نازارىتى، خەلق ئىشلىرى نازارىتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى قاتارلىق تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ