تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى دەۋردە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش

 ـــ شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم لۈيىنىڭ 2–دەرىجىلىك جۈنشىجاڭى ليۇ جياپىڭنى زىيارەت (2) 

مۇخبىرىمىز ياۋ گاڭ

   ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسى جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ليۇ جياپىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى جەڭچى، ئۇ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئەمەلدە كۆرسەتتى. ‹‹كىشىلىك ئارزۇنى جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسى بىلەن بىرلەشتۈرگەندىلا، جەزمەن ئارزۇغا يەتكىلى بولىدۇ››. ليۇ جياپىڭ شۇنداق دېدى ھەم شۇنداق قىلدى.

   ‹‹دادىل ئىشلەيلى، مەسىلە كۆرۈلسە ماڭا ھېساب››

   2007 – يىلى ھەربىي سەپكە قاتناشقان ليۇ يوۋيۈەن مۇنداق دېدى: مەن ھەربىي سەپكە قاتناشقاندا ئۈسكۈنە مەشغۇلاتچىسى ئىدىم، كېيىن كەسىپ ئالمىشىپ رېمونت ئۇستىسى بولدۇم، خىزمەتتە ليۇ بەنجاڭ ماڭا كۆپ ياردەم قىلدى.

   ليۇ جياپىڭ مەشغۇلاتچى ليۇ يوۋيۈەننىڭ رېمونتچىلىقتا ناھايىتى پاراسەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقاپ، ئۇنى ھەربىي مەكتەپنىڭ ئېلېكتىرون رېمونتچىلىقىغا ئىمتىھان بېرىشكە  رىغبەتلەندۈردى. 2009 – يىلى ليۇ يوۋيۈەن سابىق ئازادلىق ئارمىيە ئېلېكتىرون قۇرۇلۇشى شۆيۈەنىگە ئۆتۈپ، ئىككى يىلدىن كېيىن مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ قىسىمغا قايتىپ كەلدى. ليۇ يوۋيۈەن مۇنداق دېدى: ناھايىتى كۆپ نەزەرىيە بىلىملىرىنى ئىگىلىگەن بولساممۇ، قىممەت باھالىق ئۈسكۈنە ئەمەلىي مەشغۇلاتىدا تەمتىرەپ قالدىم.

   ليۇ جياپىڭ دائىم كۆپچىلىكنى دادىل ئىشلەشكە ئىلھاملاندۇرۇپ: قورقماڭلار، مەسىلە كۆرۈلسە ماڭا ھېساب، ئەگەر مەسىلە كۆرۈلمىسۇن دېسەڭلار، ئۈسكۈنىلەرنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە خىزمەت پىرىنسىپىنى ياخشى ئىگىلەڭلار، دادىل، ئىنچىكە بولۇڭلار، دېدى.

   ليۇ جياپىڭنىڭ ياردىمىدە، ليۇ يوۋيۈەن مەلۇم تىپتىكى ئۈسكۈنىگە مۇستەقىل كاپالەتلىك قىلالايدىغان ۋە ئۇنى رېمونت قىلالايدىغان بولدى. ليۇ جياپىڭنىڭ يېتەكلىشى بىلەن، ئۈسكۈنىلەرگە مۇستەقىل كاپالەتلىك قىلالايدىغان ۋە ئۇنى رېمونت قىلالايدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى.

   2017 – يىلى ليۇ جياپىڭ تۇرۇشلۇق قىسىمدا مەلۇم تىپتىكى يۇقىرى پەن – تېخنىكىلىق ئەسۋابلار كۆپەيتىلدى، ئۇ يېنىدىن پۇل چىقىرىپ ئالاقىدار كىتابلارنى سېتىۋېلىپ، سەپداشلىرى چېڭ لىبو، ۋاڭ خەيبىڭ قاتارلىقلارنى يېتەكلەپ، ئايروپىلان موتورى بىلىملىرى، ئايرودىنامىكا بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، ‹‹ئىختىساسلىقلار جابدۇقلارنى ساقلاپ تۇرسۇن، ھەرگىز جابدۇقلار ئىختىساسلىقلارنى ساقلاپ تۇرمىسۇن›› دېگەننى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈردى.

   ليۇ جياپىڭ سەپداشلىرى بىلەن بىللە، يەنە نەزەرىيە بىلىملىرىنى ئۆگىنىشكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردى. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ ئارمىيەنى، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۇلۇغ چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ليۇ جياپىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ ‹‹ھەربىي ئىشلار بۆلىكى››نى چوڭقۇر ئىشتىياق بىلەن ئۆگەندى. ‹‹ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى››، ‹‹خەلق گېزىتى›› قاتارلىق ئاممىۋى سۇپا ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ئەڭ يېڭى نەزەرىيە نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز تەتقىق قىلدى ۋە ئۆگەندى. ئۇنىڭ تەكلىپى بىلەن ليەندۈيدە ‹‹ئۆتكۈر ئېلېكتىرو ماگنىت›› ئەسكەرلەر دەرسخانىسى تەسىس قىلىندى، ‹‹ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى›› ئۈندىدار توپى ئېچىلدى.

   ليۇ جياپىڭ مۇنداق دېدى: توغرا نەزەرىيە بىلەن كاللىمىزنى قوراللاندۇرساقلا، خىزمىتىمىزدە خاتالىق ئازىيىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىغا يېتىشكە كۈچ قوشالايمىز.

   ‹‹تاللىشىمغا پۇشايمان قىلمايمەن››

   ليۇ جياپىڭنىڭ خوتۇنى يۈ جيې مۇنداق دېدى: توي قىلغىلى 14 يىل بولدى، ئۇ دائىم ئۆيدە تۇرمايدۇ، بۇنىڭغا ئاللىقاچان كۆنۈپ قالدىم.

   ليۇ جياپىڭ بىلەن يۈ جيې 2004 – يىلى 10 – ئاينىڭ 6 – كۈنى توي قىلدى، ئەمما ئىككىيلەننىڭ شېرىن كۈنلىرى ليۇ جياپىڭ تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ دالا مەشىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋېلىشى بىلەن ئاخىرلاشتى.

   توينىڭ ئەتىسى ليۇ جياپىڭ قىسىمدىكىلەر بىلەن دالا مەشىقىگە بېرىپ، كاپالەت  ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى.

   ليۇ جياپىڭ مۇنداق دېدى: خوتۇنۇم خىزمىتىمنى ناھايىتى توغرا چۈشىنىدۇ، شۇنچە يىلدىن بېرى ئائىلىدىكىلەرنىڭ ھالىدىن ئۆزى يالغۇز خەۋەر ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ.

   ليۇ جياپىڭ ھەر قېتىم ۋەزىپىگە چىققاندا يۈ جيې قىسىمنىڭ مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن، ئېرىنىڭ نەگە بارىدىغانلىقىنى، قانچىلىك تۇرىدىغانلىقىنى سورىمايتتى. يۈ جيې غەمكىن ھالدا مۇنداق دېدى: باشتا مەنمۇ ئۇنىڭدىن سورايتتىم، ئەمما ئۇ قىسىمنىڭ تۈزۈمى بويىچە دېيىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتاتتى. ئاستا – ئاستا مەنمۇ سورىمايدىغان بولدۇم. ئۇ ھەر قېتىم ۋەزىپىگە چىققاندا، ئۇنىڭغا يان تېلېفونۇمنى سايرىتىپ قويۇشنى، ئۆزىنىڭ ساق – سالامەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ تۇرۇشىنى ئېيتىمەن.

   بويىدا قالغاندا، ئۆيدىكى چوڭلار دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغاندا، بالىنى مەكتەپكە ئاپىرىپ  – ئەكىلىشتە ... ئائىلىدىكى چوڭ – كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسى يۈ جيېنىڭ زىممىسىگە چۈشكەنىدى.

   2011– يىلى 11 – ئايدا، ليۇ جياپىڭنىڭ 4 –  دەرىجىلىك جۈنشىجاڭلىق ھەربىي خىزمەت ئۆتەش مۇددىتى توشقانىدى، ئۇنىڭ ئىدارىسىدىكى مۇتەخەسسىس تىپىدىكى ئەسكەر بولۇش سۈپىتى بىلەن داۋاملىق قېپقېلىپ ياخشى ئىشلىگۈسى بار ئىدى. لېكىن، ئۆيىدىكى ياشىنىپ قالغان چوڭلار، جاپاكەش خوتۇنى ۋە بالىسى ئۇنى ئىككىلەندۈرۈپ قويغانىدى...  

   يۈ جېي بۇنى بىلگەندىن كېيىن، ليۇ جياپىڭغا مۇنداق دېدى: ئۆيدىكى ئىشلارغا مەن بار، سىز قىسىمدا ياخشى ئىشلەڭ. ئەگەر سىز قاچاق ئەسكەرگە ئايلىنىپ قالسىڭىز، مەن سىزدىن رەنجىيمەن.

   ليۇ جياپىڭ خوتۇنىنىڭ ئىلھام بېرىشى بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك كەسپىي ئەسكەرلەرنىڭ مۇتەخەسسىسلەر باھالاپ تەكشۈرۈش دىسسېرتاتسىيەسىگە قاتناشتى ھەمدە سابىق لەنجۇ ھەربىي رايونىنىڭ بىرىنچىلىك بويىچە باھالىشىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، سابىق لەنجۇ ھەربىي رايونى قىسىمىدىكى تۇنجى ئۇچۇرلاشقان قورال – جابدۇقلارنى رېمونت قىلىش كەسپىدىكى ئالىي دەرىجىلىك ئەسكەرگە ئايلاندى.

   2015 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ليۇ جياپىڭنىڭ 3 – دەرىجىلىك جۈنشىجاڭلىق ھەربىي خىزمەت ئۆتەش مۇددىتى توشقانىدى، بىر تەرەپتە ئۇنىڭغا كۆز تىكىۋاتقان يەرلىك پەن تەتقىقات كارخانىسىنىڭ يۇقىرى مائاش بىلەن خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش پۇرسىتى، يەنە بىر تەرەپتە داۋاملىق قىسىمدا قېلىپ 2  –  دەرىجىلىك جۈنشىجاڭ بولۇپ ئۆرلەش پۇرسىتى بار ئىدى، ليۇ جياپىڭ قەتئىي ھالدا كېيىنكىسىنى تاللىدى.

   ليۇ جياپىڭ مۇنداق دېدى: خىزمەتنى ئاساس قىلىپ، مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىمگە قويدۇم، بۇ يىللاردا مەن تاللىشىمغا پۇشايمان قىلمايمەن.

   ‹‹ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جەڭچىلەرنىڭ ساداقەتمەنلىكى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى ئەمەلدە كۆرسىتىش››

   يېقىندا، لۈيجاڭ ۋاڭ ياجۈن پۈتۈن لۈي كادىرلىرى يىغىنىدا بىر پارچە خەتنى ئوقۇغاندا، نۇرغۇن يولداشنىڭ خىجىللىقتىن يۈزى قىزىرىپ ئولتۇرالماي قالدى.

   بۇ نېمە ئۈچۈن؟ ئەسلىدە بۇ خەتتە ئىدارىنىڭ ھازىرقى قورال – جابدۇقلارنى رېمونت قىلىش – كاپالەت خىزمىتىدە ساقلىنىۋاتقان زىددىيەت ۋە قىيىنچىلىقلار چۆرىدىلىپ، 12 تۈرلۈك تۈپ سەۋەب چوڭقۇر ئانالىز قىلىنغان، بۇنىڭغا قارىتا ھەم رەھبەرلىكنىڭ سەۋەنلىكى، ھەم يىڭ، ليەندىكى كادىرلارنىڭ يېتەرسىزلىكى كۆرسىتىپ بېرىلىپ، يەتتە ماددىلىق پىكىر – تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى، ھەر بىر ماددا ئورۇنلۇق، جايىدا بولۇپ، بۇنىڭغا قىسىم قۇرۇلۇشىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات تەسەۋۋۇرى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق سىڭدۈرۈلگەنىدى.

   بۇ خەتنى دەل ليۇ جياپىڭ يازغانىدى. ليۇ جياپىڭ 18 يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا، 23 يىللىق ھەربىي ئىستاژىغا ئىگە پېشقەدەم ھەربىي بولۇپ، ئۇنىڭ ئىدارىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە قىسىمنىڭ جەڭگىۋارلىق قۇرۇلۇشىغا چىن ھېسسىياتى باشتىن – ئاخىر سىڭگەنىدى. ليۇ جياپىڭ قورال – جابدۇقلارنى رېمونت قىلغاندا، بەزى قورال – جابدۇقلاردا خاتا مەشغۇلات سەۋەبىدىن كاشىلا چىققانلىقىنى بايقاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاساسىي قاتلامدىكى ليەندۈيلەرگە بېرىپ، ئەسكەرلەرگە دەرس ئۆتۈپ بەردى. مەلۇم تىپتىكى قورال – جابدۇقلارنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش مەشىقىدە، ليۇ جياپىڭ قورال – ياراغلارنىڭ نىشانلاش سىگنالىنىڭ يېتەرسىز بولۇشى تۈپەيلىدىن ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر مەشغۇلاتتا قائىدىگە ئانچە ئەمەل قىلمايدىغانلىقىنى بايقىدى، ئۇ بىر يۈرۈش تەقلىدىي مەشىق سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ چىقىپ، ئادەتتىكى مەشىق بىلەن كەلگۈسىدىكى جەڭنى پەرقسىز جىپسىلاشتۇردى.

   لۈيدىكى ھەر خىل ئۇچۇرلاشقان قورال – جابدۇقلارنىڭ تېخنىكىلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولۇپ، رېمونت ھەققىمۇ  قىممەت ئىدى، ليۇ جياپىڭ كاشىلىنىڭ سەۋەبىنى دەل جايىدا تېپىپ چىقىپ، زاپچاس ئالماشتۇرغىلى بولسىلا ھەرگىز توك يولى تاختىسىنى بىراقلا ئالماشتۇرمايتتى. بۇ يىل 4 – ئايدا مەلۇم تۈردىكى ئۇچۇرلاشقان قورال – جابدۇق ئىشلەپچىقىرىشىغا مەسئۇل پەن تەتقىقات ئورنى قىسىمغا تەكشۈرۈشكە كەلدى، ئىنژېنېر كاشىلا كۆرۈلگەن مەلۇم تىپتىكى ئۇچۇرلاشقان يەتتە قورال – جابدۇقنى زاۋۇتقا قايتۇرۇپ، توك يولى تاختىسىنى ئالماشتۇرۇش قارارىنى چىقاردى، ئويلىمىغان يەردىن ليۇ جياپىڭ ئۇلارنى توختىتىپ قويدى.

   ليۇ جياپىڭ كىچىك ھەم تار قورال – جابدۇق ماشىنىسىنىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئىككى كۈندىن كېيىن كاشىلا كۆرۈلگەن جابدۇقنىڭ ئالتىسىنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقتى ھەم بىر نەچچە تال زاپچاسنى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىقلا مەسىلىنى ھەل قىلدى، زاۋۇتنىڭ ئىنژېنېرى باش بارمىقىنى چىقىرىپ تۇرۇپ: ئەگەر ھەممە قىسىمدا ليۇ جياپىڭغا ئوخشاش مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلار بولغان بولسا، بۇنىڭدىن كېيىن بىزنىڭ كېلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى، دېدى.

   كىشىدە مەسئۇلىيەتچانلىق بولسىلا، كۈچلۈك ماھارەتنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. بەزىلەرنىڭ ھېسابلاپ كۆرۈشىچە، ليۇ جياپىڭ بۇ بىر نەچچە يىلدا رېمونتچىلىقتىكى كۈچلۈك ماھارىتىگە تايىنىپ نۇرغۇن قورال – جابدۇقنىڭ ياخشى ئۇرۇش ئىقتىدارىنى ساقلاپ كەلگەن، شۇنداقلا سەپتىن چېكىنىش ئالدىدا تۇرغان كونا قورال – جابدۇقلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، قىسىمنىڭ نەچچە ئون مىليون يۈەن رېمونت چىقىمىنى تېجەپ قالغان.

   لۈي رەھبىرى ليۇ جياپىڭغا باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: ليۇ جياپىڭ ئاددىي ئەسكەر بولسىمۇ، ئۇ پارتىيەگە بولغان چەكسىز مىننەتدارلىقى ۋە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى قوغلىشىش ئەمەلىيىتىدە، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى جەڭچىلەرنىڭ ساداقەتمەنلىكى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى ئەمەلدە كۆرسەتتى.          
 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ