تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئېلىمىز ئىستېمال چىقىمى دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ

  خەلق تورى، ئۇنىۋېرسال خەۋىرى: «ئەنباڭ» مەسلىھەتچىلىكىنىڭ تەھلىلىگە قارىغاندا، جۇڭگو ھازىر ئىستېمال ئىجتىمائىي تىپىنى ئۆزگەرتىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىستېمالىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 1992-يىلىدىكى 1 ترىليون 100 مىليارد يۈەندىن 2017-يىلىدىكى 36 ترىليون 600 مىليارد يۈەنگە كۆپىيىپ، 32 ھەسسە ئاشقان، ئۇدا 14 يىل ئىككى خانىلىق ئېشىش سۈرئىتىنى ساقلاپ كەلگەن.

  ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 2012-يىلىدىكى 20 ترىليون يۈەندىن بۆسۈپ ئۆتۈپ 30 ترىليون 90 مىليارد يۈەنگە كۆپەيگەن، ئۈچ يىل ۋاقىت ئىچىدە، 2008-يىلىدىكى 1 ترىليوننى بۆسۈپ ئۆتۈپ 21 ترىليون 30 مىليارد يۈەنگە كۆپەيگەن.

  ئاخىرقى ئىستېمال چىقىمىدىن قارىغاندا، 1980-يىلىدىكى 200 مىليارد دوللار، ئامېرىكىنىڭ %9 گە، ياپونىيەنىڭ %27 گە، گېرمانىيەنىڭ %26 گە، ئەنگلىيەنىڭ %42 گە باراۋەر ئىكەن. ئىسلاھات ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ئاخىرقى ئىستېمالى تېز سۈرئەتتە ئېشىپ، 2016-يىلى ئېلىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىستېمال چىقىمى 5 ترىليون 950 مىليارد دوللارغا يېتىپ، ئامېرىكىدىن قالسىلا، دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان، بۇ ئامېرىكىنىڭ %39 گە، ئەنگلىيەنىڭ 2.7 ھەسىسىسىگە باراۋەر ئىكەن. 2017-يىلى جۇڭگونىڭ ئاخىرقى ئىستېمال چىقىمى 43 ترىليون 500 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، مەملىكەت ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى %58.8، كاپىتال بولۇپ شەكىللەنگەن ئومۇمىي سوممىسىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى %32.1 ، مال ۋە مۇلازىمەت ئېكىسپورتىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى %9.1 بولغان.

  ئاھالىلەر ئىستېمالىدا، مۇلازىمەت ئىستېمال نىسبىتى بەلگىلىك دەرىجىدە بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىساد تەرەققىيات دەرىجىسىنى ئۆلچەيدۇ. ئامېرىكىنى مىسالغا ئالساق، 1950-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە، ئامېرىكىنىڭ مۇلازىمەت ئىستېمال نىسبىتى تېز سۈرئەتتە ئاشقان. 1950-يىلى ئامېرىكىنىڭ مۇلازىمەت ئىستېمال نىسبىتى %42 بولۇپ، 1990-يىلى %61 كە يەتكەن، 40 يىل ئارىلىقىدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر يىلىغا 0.48 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان. 1990-يىلىدىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ مۇلازىمەت ئىستېمال نىسبىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ، 1990-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە 20يىل ئىچىدە، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يىلىغا 0.3 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان. 2020-يىلىدىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ مۇلازىمەت ئىستېمال نىسبىتى ئىزچىل %67 لىك يۇقىرى-تۆۋەنلىكتە ئۆزگىرىپ تۇرغان. ئامېرىكىنىڭ تاۋار ۋە مۇلازىمەت ئىستېمال نىسبىتى ئاساسەن مۇقىملىشىپ ئۆزگەرمىگەن، تاۋار ئىستېمالى ئۈچدىن بىرىنى، مۇلازىمەت ئىستېمالى ئۈچدىن ئىككىنى ئىگىلىگەن. 2017-يىلى جۇڭگونىڭ تاۋار ئىستېمال نىسبىتى ئۈچدىن ئىككى، مۇلازىمەت ئىستېمالى ئۈچدىن بىر بولۇپ، ئامېرىكا بىلەن دەل ئەكسىچە بولغان. لېكىن ھازىر، مەملىكەت ئىچى ئىستىراھەت ساياھىتى، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش، ساغلاملىق، كۈتۈنۈش قاتارلىق مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ئىستېمال بوشلۇقى تەدرىجىي كېڭەيگەن. 2017-يىلى مەملىكەت ئىچى ساياھەت كىرىمى 4 ترىليون 570 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن %15.9 ئاشقان، ساياھەتچىلەر سانى 5 مىليارد 1مىليون ئادەم (قېتىم) بولۇپ، %12.8 ئاشقان. كىنونىڭ كۆرۈلۈش كىرىمى 55 مىليارد 900 مىليون يۈەن بولۇپ، %13.5 ئاشقان. بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئىشقا ئاشۇرغان مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ئىستېمال سوممىسى 1 ترىليون 221 مىليارد 360 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن %11.8 ئاشقان، بۇ بازار ئىستېمال ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %51.3 نى ئىگىلەپ، بۇلتۇرقىدىن 6.5 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، ئىستېمالىنىڭ ئومۇمىي ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %69.4 بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ