تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېڭى دەۋردە كەڭ كادىرلارنى دادىللىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرىدىغان زور تەدبىر

ــــ كادىرلارنى يېڭى دەۋردە دادىللىق بىلەن يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، يېڭى رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش توغرىسىدا (1)

جۇڭ زۇۋېن

   مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى يېقىندا ‹‹كەڭ كادىرلارنى يېڭى دەۋردە دادىللىق بىلەن يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، يېڭى رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا يەنىمۇ ئىلھاملاندۇرۇش توغرىسىدا پىكىر›› (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ‹‹پىكىر›› دېيىلىدى)نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. بۇ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن غەمخورلۇق قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش، ئىلھاملاندۇرۇش بىلەن چەكلەپ تۇرۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇش، يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن كادىرلار قوشۇنى قۇرۇپ چىقىشتىكى زور تەدبىر بولۇپ، كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغىتىش ۋە ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىش، كەڭ كادىرلارنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيەتنى، تارىخىي مەسئۇلىيەتنى، مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش، يېڭى دەۋرگە مەنسۇپ شانلىق نەتىجىلەرنى تىرىشىپ يارىتىشىدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
 
   سوتسىيالىزم ئىشلەشتىن كېلىدۇ، يېڭى دەۋرمۇ ئىشلەشتىن كېلىدۇ. پارتىيەنىڭ كادىرلىرى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تايانچ كۈچى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە ئىجرا قىلىش كۈچى بولمىسا، ھەرقانچە ياخشى سىياسەت – تەدبىرلەرمۇ ئەمەلگە ئاشمايدۇ. پارتىيە تارىخىنى، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى تەرەققىيات تارىخىي مۇساپىسىنى ئەسلەيدىغان بولساق، ئىشلىرىمىزنىڭ ھەر بىر ئىلگىرىلەش قەدىمىنى كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ جاسارەت بىلەن تىرىشىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي نەتىجىلەر، يۈز بەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى كەڭ كادىرلارنىڭ ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىشى، ئىشلەپ ئىگىلىك تىكلىشى، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن تۆھپە قوشۇشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ھازىر، كادىرلار قوشۇنىدىكى ئاساسىي ئېقىم ياخشى، ئىشلارنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشالايدۇ، بىراق ئاز ساندىكى كادىرلار چاكىنا، ھۇرۇن، بوشاڭ، ئىسلاھ قىلىشتىكى جۈرئىتى ۋە دادىللىقى ئاجىز. ‹‹پىكىر›› ئىشنى تۈزۈم مېخانىزمى قاتلىمىدىن باشلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، توغرا رىغبەتلەندۈرۈش ئاساسىي رىتىمى، تەشەببۇسكارلىقى، يېتەكچىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كەڭ كادىرلارغا قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، جاسارەتلىك ھەم ياراملىق بولۇشتەك سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى بەردى ۋە يىغىلىش بۇرغىسىنى ياڭراتتى.

   مەسىلە ــــ دەۋرنىڭ ساداسى، نىشان ــــ ئىلگىرىلەشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى. ‹‹پىكىر››دە ‹‹يېڭى دەۋردىكى يېڭى مەسئۇلىيەت، يېڭى نەتىجە››نى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇلدى، قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن كۆڭۈل بۆلۈپ ئاسراشنىڭ دىيالېكتىكىلىق بىردەكلىك مۇناسىۋىتى چوڭقۇر ئىگىلەندى، دىققەت كادىرلاردىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ كەمچىل بولغانلىقتىن ‹‹قىلىشنى ئويلىماسلىق››، ئىقتىدار كەمچىل بولغانلىقتىن ‹‹قىلىشنى بىلمەسلىك››، مەسئۇلىيەتچانلىق كەمچىل بولغانلىقتىن ‹‹قىلىشقا جۈرئەت قىلالماسلىق›› قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈلدى، سىستېمىلىق پىلانلىنىپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر يولغا قويۇلدى، كادىرلار خىزمىتىنىڭ مەلۇم بىر تەرىپى توغرىسىدىلا بەلگىلىمە چىقىرىلماستىن، بەلكى كادىرلار خىزمىتىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرى تەڭ پىلانلىنىپ، تەڭ كۆزدە تۇتۇلۇپ، كادىرلارنىڭ ئاكتىپلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاچقۇچلۇق سەۋەبلەر چىڭ تۇتۇلدى، كادىرلارنى تاللاش، تەربىيەلەش، باشقۇرۇش، ئىشلىتىشنىڭ ھەر قايسى ھالقىلىرى كۈچەپ جىپسىلاشتۇرۇلۇپ، سىياسىي تەربىيە، ئىدىيە يېتەكچىلىكى، تەمىنات كاپالىتى، ئىجتىمائىي غەمخورلۇق قاتارلىق جەھەتلەر تولۇق بىرلەشتۈرۈلۈپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، تۈزۈم ئورنىتىلىپ، كادىرلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى كۆرسەتكۈچ، كومپاس بىلەن تەمىنلىنىپلا قالماستىن، يەنە كادىرلار خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش يول باشلىغۇچى، لىنىيە خەرىتىسى بىلەن تەمىنلەندى.

   ‹‹پىكىر››دە مۇنۇلار ئېنىق كۆرسىتىلدى: كادىرلارغا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن رولىنى جارى قىلدۇرۇش، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ ئىگىلىك تىكلەش، كاللىسىنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىش، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىش، مەنسىپىگە تۇشلۇق ئىش قىلىش، قىلغان ئىشىدىن ئۈنۈم يارىتىش توغرىسىدا زور كۈچ بىلەن تەربىيە بېرىش ۋە ئۇلارنى يېتەكلەش كېرەك. كادىرلار ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، ‹‹بەش جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇش››نى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، ئەمەلىي ئىشلەش، ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەسئۇلىيەتچان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان، نەتىجە يارىتالايدىغان، ئەمەلىي نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان كادىرلارنى زور كۈچ بىلەن تاللاپ ئۆستۈرۈش كېرەك. كادىرلارنى تەكشۈرۈپ باھالاشنىڭ رىغبەتلەندۈرۈش – ھەيدەكچىلىك قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كادىرلارنى تەكشۈرۈپ باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈشنىڭ ئىلمىيلىكى، قاراتمىلىقى، مەشغۇلاتچانلىقىنى كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى قايتما ئىنكاس قىلىش ۋە تەتبىقلاشنى كۈچەيتىپ، ئىشلىگەن بىلەن ئىشلىمىگەن، كۆپ ئىشلىگەن بىلەن ئاز ئىشلىگەن، ياخشى ئىشلىگەن بىلەن ياخشى ئىشلىمىگەنلەرنى پەرقلەندۈرمەسلىك مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان كادىرلارغا يار – يۆلەك بولۇپ، مەدەت بېرىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹ئۈچنى پەرقلەندۈرۈش›› مۇھىم تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خاتالىقنى سىغدۇرۇش – خاتالىقنى تۈزىتىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كادىرلارنى تىرىشىپ ئىسلاھاتنىڭ ئالغا سۈرگۈچىلىرى، ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلىرىدىن بولۇشقا يېتەكلەش كېرەك. كادىرلارنىڭ يېڭى دەۋرنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ماسلىشىش ئىقتىدارىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، كەسپىي بىلىم، كەسپىي ئىقتىدار جەھەتتە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، كەسىپ ئىستىلىنى، كەسپىي روھنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، كادىرلاردا مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالىدىغان، نەتىجە يارىتىدىغان روھ ۋە جاسارەت يېتىلدۈرۈش كېرەك. كادىرلارغا تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنى سىياسىي جەھەتتە رىغبەتلەندۈرۈپ، خىزمەت جەھەتتە قوللاپ، تەمىنات جەھەتتە كاپالەتلەندۈرۈپ، پىسخىكا جەھەتتە غەمخورلۇق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، كادىرلارنىڭ شەرەپ تۇيغۇسى، تەۋەلىك تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش – ئىگىلىك تىكلەشنىڭ غايەت زور بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ ۋە شەكىللەندۈرۈپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش، ئىش قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئىلغار تىپلارنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، كادىرلارنى ئەخلاقلىق كىشىلەردىن ئۆگىنىش، جاسارەتلىك – ياراملىق بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

   يېڭى دەۋر يېڭى مۇساپىنى باشلايدۇ، يېڭى مۇساپە يېڭى مەسئۇلىيەت، يېڭى نەتىجىگە ئۈندەيدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم(پارتگۇرۇپپا) لار يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن، كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ‹‹پىكىر››نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كادىرلارغا بولغان غەمخورلۇقى ۋە كۆيۈنۈشىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. كادىرلار ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، ئاڭلىق  ھالدا غەيرەتكە كېلىپ، رولنى چىڭ تۇتۇپ، جاسارىتىنى ئۇرغۇتۇپ، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشى كېرەك.

(5 – ئاينىڭ 23 – كۈنىدىكى ‹‹خەلق گېزىتى››گە بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ