تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

[شىنجاڭلىقلارنىڭ بىر كۈنى] تو دۇڭمېي: تېخىمۇ كۆپ ئايالنى بېيىش يولىغا باشلايمەن

  شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: 5-ئاينىڭ 17-كۈنى، تاڭ سۈزۈلۈشى بىلەنلا تو دۇڭمېي ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى، ئۇ ئۆيىدىكى چوڭلار بىلەن بالىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئالدىراش بىر كۈنىنى باشلىۋەتتى.

  ئۇنىڭ قىلىدىغان تۇنجى ئىشى گۈلزۆھرە بىلەن ئۇنىڭ بىر ياشلىق بالىسىنى يوقلاش ئىدى. بۇ بالا بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بولۇپ، سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس ئىدى، تو دۇڭمېي ئۇلارنى نەچچە كۈندە بىر يوقلاپ باراتتى، گۈلزۆھرەنىڭ ئۆيىدە نېمە كەملىكىنى، قانداق ياردەم كېرەكلىكىنى سوراپ تۇراتتى.

  بۇ يىل 42 ياشقا كىرگەن تو دۇڭمېي شىخو شەھىرى جىرگىلتى گولىن موڭغول يېزىسى زاگىنتالا كەنتىدىكى ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىدى. ئۇ قېيىن ئاتا، قېيىن ئانىسىنىڭ نەزەرىدىكى ياخشى كېلىن، بالىلىرىنىڭ نەزەرىدىكى ياخشى ئانا، كەنت ئاھالىسى نەزەرىدىكى ياخشى خىزمەتچى ئىدى.

  كەننتىكىلەر ئۇنىڭ كۈندە ئالدىراش يۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

   ئۇ ئاياللار خىزمىتىنى قىلغان بۇ 15 يىلدىن بۇيان يېزىدا يەنە قوشۇمچە پىلانلىق تۇغۇت مەخسۇس كادىرى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى. 2013-يىلى 4-ئايدا، تو دۇڭمېينىڭ يولدىشى بىر قېتىملىق قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلدى، كۈتۈلمىگەن بۇ كېلىشمەسلىك ئۇنىڭ ئەس-ھوشىنى يوقاتتى. «شۇ چاغلاردا دائىم ئوغرىلىقچە يىغلايتىم» دېدى تو دۇڭمېي. بىراق، تۇرمۇشتىكى بەختسىزلىك يەنىلا ئۇنى مەغلۇب قىلالمىدى، ئۇ ئورنىدىن قايتا دەس تۇردى. تۇرمۇشتا، ئۇ ئەتراپتىكى ياشانغانلارنىڭ ۋە مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالسا، خىزمەتتە ئۆزىنىڭ پارتىيەلىك خىزمەتچى سالاھىيىتىنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇپ، خىزمەتكە پۈتۈن كۈچى بىلەن كىرىشتى، كەنتتىكىلەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدى.

   5-ئاينىڭ 17-كۈنىگە كەلسەك، ئۇ چۈشلۈك ئارامدىن پايدىلىنىپ يەنە كەنت ئاھالىسى بەي شياڭليەننىڭ ئۆيىگە باردى ۋە ئۆزى سەيلىكىدە ئۆستۈرگەن چىڭسەيدىن ئىككى باغلام ئاپىرىپ بەردى. 2008-يىلى، بەي شياڭليەننىڭ ئېرى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۈچ بالىسى بىلەن يالغۇز قالغانىدى، ئىقتىسادىي مەنبەسىدىن ئايرىلغان بەي شياڭليەننىڭ تۇرمۇشى غۇربەتچىلىكتە ئۆتتى. شۇ ئەھۋاللارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن تو دۇڭمېڭ ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشنى چىن كۆڭلىگە پۈككەن ۋە 10 يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنىدى.

  يەر تېرىش، مايسا تىكىشتىن گۈرۈچ، ئۇن، ماي سېتىۋېلىشقىچە، بالىلىرىنى بېقىشىپ بېرىشتىن خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشقىچە...تو دۇڭمېي بەي شياڭليەنلەرنىڭمۇھىم بىر ئائىلە ئەزاسىغا ئايلانغانىدى. ئۇ 2010-يىلى  بەي شياڭليەنلەرنىڭ قەرز ئېلىشىغا ياردەملىشىپ، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى سېلىپ بەردى. نۆۋەتتە، تو دۇڭمېينىڭ ياردىمى بىلەن بەي شياڭليەن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ كۈنلىرى ياخشىلاندى ۋە بارلىق قەرزى تۈگىدى.

  گۈلزۆھرە تو دۇڭمېينىڭ پارىڭى چىقسىلا ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كېتەتتى.

  2016-يىلى، تو دۇڭمېي گۈلزۆھرەنىڭ ئۆيىگە «يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالاش» ھەققىنى يىغقىلى بارغاندا گۈلزۆھرە بىلەن ئېرىنىڭ مۇقىم كىرىمى يوقلۇقىنى، پۇلىنى تاپشۇرغاندا قىينىلىپ قالىدىغانلىقىنى بايقاپ، ئۇلارنىڭ ھەققىنى تۆلەپ بەردى.

  2017-يىلى 2-ئايدا، گۈلزۆھرە تۇغۇتى ئۈچۈن دوختۇرخانىغا 3000 يۈەن تۆلىدى، دوختۇرخانىدىن چىققاندا «يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالاش» 2000 يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى كۆتۈرىۋەتتى، بۇ گۈلزۆھرەنى خۇش قىلدى. گۈلزۆھرە: «تو دۇڭمېي مېنىڭ ئۆز ئاچامغا ئوخشايدۇ، ئەگەر ماڭا <يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالاش> ھەققىنى تاپشۇرۇپ بەرمىگەن بولسا دوختۇرخانىمۇ بۇنچە كۆپ پۇللىرىمنى كۆتۈرمەيتتى» دېدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تو دۇڭمېي باشلامچىلىق بىلەن كەنتتىكى ئاياللارنىڭ ئىدىيەسىنى ئازاد قىلىپ، دېھقانلارنى پەن-تېخنىكىغا تايىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، بېيىش يولىغا يېتەكلىدى. ئۇ كەنتتە ئاياللارنى باقمىچىلىق، تېرىقچىلىق تېخنىكىلىرىنى ئۆگىتىشكە تەشكىللىدى، ئۇنىڭ تىرىشىشى بىلەن، نۆۋەتتە زاگىنتالا كەنتىدىكى %80 ئايال بىردىن ئىككىگىچە تېخنىكا ئىگىلىدى.

  كەچ سائەت توققۇزدا، تو دۇڭمېي خىزمەت خاتىرىسىگە ئەتىلىك خىزمەت پىلانىنى يازدى. ئۇ: «كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ياخشى كۈن كەچۈرگىنىنى كۆرسەم خاتىرجەم بولىمەن، بەخت ھېس قىلىمەن، بۇ خىل خۇشاللىقلارنىڭ ھاياتىمنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ