تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ يېڭى ‹‹ يول قاتناش ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە››سى 5–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى

  يول قاتناش ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، دەۋاگەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى يېقىندا ئېلان قىلغان ‹‹يول قاتناش ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە›› 2018 – يىلى 5 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى.

  يېڭى بەلگىلىمىنى تۈزىتىلىشتىن ئىلگىرىكى ‹‹يول قاتناش ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە››گە سېلىشتۇرغاندا، يول قاتناش ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا دائىر نۇرغۇن تۈزۈم تەڭشەپ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، تۆت جەھەتتىن 15 تۈرلۈك يېڭى تەدبىر تۈزۈلگەن.

  ــــ ۋەقەنى قايتا تەكشۈرۈش تەرتىپى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن قۇتقۇزۇش يوللىرى راۋانلاشتۇرۇلدى

  يېڭى بەلگىلىمىدە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى، دەۋاگەرلەرنىڭ ۋەقە بېكىتمىسىگە قايىل بولماي قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، قاتناش ۋەقەسى ئىسپاتى، ئاددىي تەرتىپنى قوللىنىپ ۋەقەنى بېكىتىش ۋە يول سىرتىدىكى ۋەقە بېكىتمىسىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئەھۋالنى قايتا تەكشۈرۈش ئىلتىماسى دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ۋەقە دېلوسىنى بېجىرىشنى نازارەت قىلىش ۋە ئاممىنىڭ قانۇن بويىچە ئەرز قىلىش يوللىرىنى تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دەۋاگەرلەرنىڭ قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ئەسلىدىكى بەلگىلىمە بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىش ئاساسىدا، ئەسلىدىكى دېلو بېجىرگۈچى ئورۇنغا بىۋاسىتە قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدىغانلىقى يېڭىدىن قوشۇلۇپ، ئاممىنىڭ يولى قىسقارتىلدى. ۋەقە جاۋابكارلىقىنى قايتا تەكشۈرۈش ھالقىسىدا، قايتا تەكشۈرۈش كومىتېتى تەسىس قىلسا بولىدىغانلىقى يېڭىدىن قوشۇلۇپ، ساھە ۋەكىلى، مۇتەخسىسلەرنى قاتناشتۇرۇپ، ۋەقە بېكىتمىسىنىڭ جامائەت قاتنىشىش نىسبىتى، ئاشكارىلىق، ئېنىقلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، دېلونى ئاشكارا، ئادىل بېجىرىشكە تۈرتكىلىك قىلىندى.

  ــــ ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش ھەققى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ئاممىنىڭ يۈكى يەڭگىللىتىلدى

  يېڭى بەلگىلىمىدە مۇنۇلار ئېنىق بەلگىلەندى، ۋەقە تۇغدۇرغان قاتناش ۋاسىتىسىنى تۇتۇپ قېلىشتىن كېلىپ چىققان ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققىنى تۇتۇپ قېلىش قارارى چىقارغان جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ئۈستىگە ئالىدۇ، دەۋاگەرلەردىن ھەق ئېلىشقا بولمايدۇ؛ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى دەۋاگەرلەرگە ئېلىۋېلىشنى ئۇقتۇرۇش قىلغان بولسىمۇ، دەۋاگەرلەر سۈرۈك ئۆتسىمۇ ئېلىۋالمىغانلىقتىن پەيدا بولغان ھەق بۇنىڭ سىرتىدا. ۋەقەنى تەكشۈرۈش، باھالاشقا توغرا كەلسە، بېكىتىلگەن تەكشۈرۈش، باھالاش ھەققىنى قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئاممىدىن ئېلىشقا بولمايدۇ.

  يېڭى بەلگىلىمىدە، قاتناش ساقچى تارماقلىرىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەق ئېلىشى ۋە تىل بىرىكتۈرۈپ پايدا ئېلىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى توسۇش ئۈچۈن، قاتناش ساقچى تارماقلىرىنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، ۋەقە سادىر قىلغان ئاپتوموبىلنى توختىتىشى ۋە تۇتۇپ تۇرۇشى چەكلەندى.

  ــــ دېلو بېجىرىش تەرتىپى ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ، بىر تەرەپ قىلىش ئۈنۈمى ئاشۇرۇلدى

  يېڭى بەلگىلىمىدە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى، يارىلىنىش كۆرۈلمەي مال – مۈلۈك زىيانغا ئۇچراش ۋەقەلىرىدە، دەۋاگەرلەر نەق مەيداندا سۈرەتكە تارتىپ ياكى بەلگە سىزىپ ۋەقە سادىر قىلغان ئاپتوموبىلنىڭ ئورنىنى بېكىتكەندىن كېيىن نەق مەيداندىن ئايرىلىپ كېڭىشىپ بىر تەرەپ قىلىپ، يىنىك مەسىلىلەرنى نەق مەيداندىن ئايرىلىپ، بىر تەرەپ قىلىش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئىككىلەمچى ھادىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە قاتناش قىستاڭچىلىقىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

  يارىلىنىش كۆرۈلمەي مال – مۈلۈك زىيانغا ئۇچراش ۋەقەلىرىدە، دەۋالاشقۇچىلار ‹‹قاتناش باشقۇرۇش 12123›› تېلېفونى، يان تېلېفون APPسى قاتارلىق تېز ئۇسۇللار بىلەن كېڭىشىپ بىر تەرەپ قىلىپ، ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە تۆلەم تۆلەش ۋاقتىنى قىسقارتسا بولىدۇ. دەۋالاشقۇچىلار مەلۇم قىلغان يارىلىنىش كۆرۈلمەي مال – مۈلۈك زىيانغا ئۇچراش ۋەقەلىرىدە، قاتناش ساقچىلىرى، ساقچى ياردەمچىلىرى يان تېلېفون، ئۈندىدار، قىسقا ئۇچۇر قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن دەۋالاشقۇچىلارنىڭ كېڭىشىپ بىر تەرەپ قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلسا بولىدۇ.

  ــــ ئوچۇق – ئاشكارىلىق كۈچەيتىلىپ، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش ئىلگىرى سۈرۈلدى

  يېڭى بەلگىلىمىدە، ساقچى ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش تەلىپى بويىچە، ئالاقە تورىدا ۋەقە بېكىتمىسىنى ئېلان قىلىش تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، قانۇننى ئىجرا قىلىپ دېلو بېجىرىش ھەرىكىتىنى يەنىمۇ ئاشكارا ئېلىپ بېرىش تەلەپ قىلىندى. ئەسلىدىكى ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ۋەقە بېكىتمىسى چىقىرىشتىن بۇرۇن ئاشكارا دەلىل – ئىسپاتلار ئاساسىدا، دەلىل – ئىسپاتنى ئاشكارىلاش دائىرىسى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇرەككەپ، چىگىش زەخمىلەندۈرۈش ھادىسىلىرىگىچە كېڭەيتىلدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ