سۇن شىباۋ
يېزا ئىگىلىك ــــ يېزا مىنىستىرلىقى ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئۇقۇشىمچە، ئېلىمىز دېھقانچىلىق دورىسى، خىمىيەلىك ئوغۇت ئىشلىتىلىشنىڭ نۆللۈك ھالىتىنى داۋاملىق ساقلاپ، دېھقانچىلىق دورىسى، خىمىيەلىك ئوغۇت ئىشلىتىلىش مىقدارىنىڭ نۆللۈك ھالىتىنى ئۇزاق مۇددەت ساقلاشقا تىرىشىدىكەن.
ئۇقۇشىمچە، ئېلىمىز ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇدا ئېشىش ۋە مول ھوسۇل ئېلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان، شۇنداقلا يۇقىرى سەۋىيەنى مۇقىم ساقلىغان. ئېلىمىزنىڭ نۇرغۇن رايونىدا كۆپ يىلدىن بۇيان، تېرىقچىلىق ئادىتى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىلنىڭ تەسىرىدە خىمىيەلىك ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسىنى ئىشلىتىلىش مىقدارى نىسبەتەن زور بولۇپ، كۆپ قىسىم زىرائەتلەرنىڭ مو بېشى ئوتتۇرىچە ئىشلىتىلىش مىقدارى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭكىدىن زور بولغان. بۇ تەننەرخنى ئاشۇرۇپلا قالماي، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقىمۇ بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن. يېزا ئىگىلىك ــــ يېزا مىنىستىرلىقى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، 2015 – يىلىدىن بۇيان ‹‹خىمىيەلىك ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارىنى 2020 – يىلىغىچە نۆللۈك ھالەتتە ساقلاش ھەرىكىتى››نى قانات يايدۇرغان.
يېزا ئىگىلىك ـــــ يېزا مىنىستىرلىقى تېرىقچىلىق كەسپىنى باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى پەن ۋېنبونىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ ھەرىكەت يولغا قويغان ئۈچ يىلدىن بۇيان بەلگىلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىنغان: بىرىنچى، خىمىيەلىك ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارى ئازايغان، 2017 – يىلىغىچە ئېلىمىزدە دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارى ئۇدا ئۈچ يىل ئازايغان، خىمىيەلىك ئوغۇتنىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارىمۇ ئۇدا ئىككى يىل ئازايغان. ئىككىنچى، خىمىيەلىك ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمى ئاشقان. 2017 – يىلىغىچە ئېلىمىزدە خىمىيەلىك ئوغۇتنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمى %37.8كە يېتىپ، 2015 – يىلىدىن بۇرۇنقىغا قارىغاندا %.6 2 ئاشقان، دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمى %.8 38 يېتىپ، 2015 – يىلىدىن بۇرۇنقىغا قارىغاندا %.2 2 ئاشقان.
پەن ۋېنبو مۇنداق دېدى: بۇ نەتىجىلەر ئاسان قولغا كەلمىدى. لېكىن شۇنىمۇ كۆرۈپ يېتىش كېرەككى، بۇ پەقەت باسقۇچلۇق ئۈنۈم بولۇپ، بۇ ئۈنۈمنى مۇستەھكەملەش ۋە خىمىيەلىك ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسىنى ئىشلىتىشنىڭ نۆللۈك ھالىتىنى ئۇزاق مۇددەت ساقلاش ئۈچۈن، تېخىمۇ جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ.
‹‹ئىشچىلار گېزىتى››دىن