تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئېتىقادىمنى چىڭىتىپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن

  ماناس ناھىيەسى چىندىخوزا يېزىسىنىڭ باشلىقى نەزەربېك قاسەن

  مەن پارتىيەنىڭ كۆپ يىل تەربىيەسىنى ئالغان پارتىيەلىك كادىر. مەن ۋە ئائىلەمدىكىلەر شۇنداق تەنتەنىلىك ۋەدە بېرىمىزكى: مەڭگۈ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، مۇتلەق سادىق، پاك ۋە مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، ئىشنى ئۆزىمىزدىن، ئەتراپىمىزدىكىلەردىن باشلاپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە پائال ئاتلىنىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمىز.

  پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان بىر قاتار سىياسەتلەر خۇددى ئىللىق ئېقىندەك شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى. لېكىن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› شىنجاڭدىكى تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەرگە، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا كۆز يۇمۇپ، ۋەتەننى پارچىلاش جىنايى غەرىزىگە يېتىش ئۈچۈن دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى، ئۇلارنىڭ سۇيىقەستى مۇقەررەر مەغلۇپ بولىدۇ.

  پاكىت شۇنى قايتا – قايتا ئىسپاتلىدىكى، ئىتتىپاق، مۇقىم بولغاندىلا ئاۋام خاتىرجەم ياشايدۇ، پاراكەندىچىلىك، ئەنسىزلىك ئاۋامغا بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››تىن ئىبارەت بۇ زەھەرلىك ئۆسمە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزدى، ئۇلار ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى.

   مەن ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسى، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىگە باشلامچىلىق بىلەن قەتئىي رەددىيە بېرىپ، پارتىيەلىك كادىرلارغا خاس باشلامچىلىق رولۇمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەتتە ئۆزۈم ئۈلگە بولۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى سىياسىي مەيدانىنى مۇستەھكەملەپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىكنىڭ قۇترىتىشى ۋە قايمۇقتۇرۇشىغا ئۇچرىماسلىققا تەربىيەلەيمەن، يېتەكلەيمەن، خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئائىلەمدىكىلەر، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىم، دوست – بۇرادەرلىرىمنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشقا يېتەكلەپ، ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچنى شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشتىكى ئاۋانگارتلاردىن، ئۈلگىلەردىن بولىمەن.

  سىياسىي مەيداندا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، ياخشىچاقلىق ئىدىيەسىنى، كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سالىدىغان پاسسىپ ئىستىلنى قەتئىي تۈگىتىپ، مۈجمەل تونۇشقا قارىتا ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىشقا جۈرئەت قىلىپ، خاتا ئىدىيە، خاتا قاراشلارغا قارشى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، بارلىق بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسى ۋە سۆز – ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىمەن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.

  مەن يەنە شۇنداق تەنتەنىلىك ۋەدە بېرىمەنكى: مەن ۋە ئائىلەمدىكىلەر كوممۇنىستىك ئېتىقادنى باشتىن – ئاخىر چىڭىتىپ، پارتىيەگە، ۋەتەنگە مەڭگۈ سادىق بولۇپ، مەڭگۈ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيۈش مەسئۇلىيىتىنى جان پىدالىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ