تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

كۈندە تۇخۇم يېگەندە يۈرەك قان تومۇر كېسىلىنىڭ خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لوندون، 5- ئاينىڭ 22- كۈنى خەۋىرى. «ئەنگلىيە مېدىتسىنا ژۇرنىلى ، يۈرەك » ژۇرنىلىدا 5- ئاينىڭ 21- كۈنى ئېلان قىلىنغان  بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، تۇخۇم يېمەيدىغان ياكى تۇخۇمنى ئاز يەيدىغانلارغا سېلىشتۇرغاندا، قورامىغا يەتكەن ساغلام كىشىلەر كۈنىگە بىر دانە تۇخۇم يېسە ، يۈرەك قان تومۇر كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدىكەن.

     بەزى ئادەملەر ئىزچىل ھالدا تۇخۇم تەركىبىدە خولېتسېرىن يۇقىرى بولغاچقا، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى ۋە سەكتە كېسىلىنىڭ خەۋپىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ، دەپ قاراپ تۇخۇم يېمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، تۇخۇم تەركىبىدە ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل، كۆپ خىل ۋىتامىن ھەمدە فوسفاتىد ۋە كاروتېنوئىد قاتارلىق بىئوئاكتىۋ ماددىلار بار.

    تۇخۇمنىڭ ساغلاملىققا بولغان تەسىرىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن، جۇڭگو ۋە ئەنگلىيە تەتقىقاتچىلىرى  ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان « جۇڭگونىڭ سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى ئالدىن كۆرەرلىك  تەتقىقات تۈرى » دىكى يىغىلغان سانلىق مەلۇماتلاردىن پايدىلانغان، تەتقىقات ئوبېيكتى 2004- يىلىدىن 2008- يىلىغىچە قوبۇل قىلىنغان 30 ياشتىن 79 ياشقىچە بولغان كىشىلەر ئىكەن. تەتقىقاتچىلار بۇلار ئارىسىدىكى راك كېسىلى، يۈرەك قان تومۇر كېسىلى ۋە دىيابېت كېسەللىك تارىخىي بولمىغان 460 مىڭ ئادەمنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى ئالغان ھەمدە ئۇلارنىڭ تۇخۇم يېيىش ئەھۋالى ۋە  كېسەللىك قوزغىلىش نىسبىتى ۋە ئۆلۈش نىسبىتىنى تەكشۈرگەن.

    دەسلەپكى تەھلىل نەتىجىسىدە بايقىلىشىچە، تۇخۇم يېمەيدىغان ياكى تۇخۇمنى ئاز يەيدىغان كىشىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، كۈنىگە بىر دانە تۇخۇم يەيدىغانلارنىڭ قان يېتىشمەسلىكتىن بولغان مېڭە سەكتىسى (مېڭە قاناش ) گە گىرىپتار بولۇش خەۋپى %26 تۆۋەنلىگەن، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى %18 تۆۋەنلىگەن.

    تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېدى: بۇ تۇخۇمنى مۇۋاپىق يەپ بېرىشنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى  خەۋپىنى تۆۋەنلىتىش بىلەن روشەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، بۇ قورامىغا يەتكەن ساغلام كىشىلەرنىڭ يېمەك- ئىچمەك قوللانمىسىغا تۇخۇم قوشۇشتا ئىلمى ئاساس بىلەن تەمىنلىدى. ئەمما تەتقىقاتچىلار يەنە تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: بۇ تەتقىقات كۆزىتىش خاراكتېرلىك تەتقىقاتقا كىرىدۇ، شۇڭا ئېنىق بولغان سەۋەب- نەتىجە مۇناسىۋىتى يەكۈنى چىقىرىشقا بولمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ