تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

بۇ جاي مېنى بالىلىقىمغا قايتۇردى

   ئۆز خەۋىرىمىز. سۇ خاۋلې ئاپتونوم رايونلۇق ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ مائارىپقا ياردەم بەرگۈچى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، شەنشىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، ئۇ شىنجاڭغا كېلىشتىن بۇرۇنلا  گۈزەل شىنجاڭغا نىسبەتەن زور ئۈمىدكە تولغانىدى، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ تاللىشىدىن پەخىرلىنىدۇ ۋە ئىپتىخارلىنىدۇ. ئۇنىڭ بۇ يەردىكى ئوماق بالىلار ۋە ئاق كۆڭۈل دېھقانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى، چۈنكى بىر خىل كۈچ، بىر خىل مۇھەببەت بۇ يەردىكىلەرنى ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن ئادەملىرىگە ئايلاندۇردى، بولۇپمۇ بالىلار ئۇنىڭغا بەخت ۋە خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى. تۆۋەندە بىز سۇ خاۋلېنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى ھېس قىلغانلىرىنى بىرلىكتە ئورتاقلىشايلى...

  2017-يىلى 9- ئاي، مائارىپقا ياردەم بېرىشكە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقىم تۈرتكىسىدە مەن ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيەسى جام بازارلىق 2-يەسلىدە بىر يىللىق مائارىپقا ياردەم بېرىش تۇرمۇشۇمنى باشلىدىم.

   تۇنجى قېتىم سىنىپقا كىرگەندە، كۆز ئالدىمدىكى ئوماق بالىلارغا قاراپ ئامراقلىقىم كەلدى. ئۇلار ماڭا تەپسىلىي قاراپ چىقتى، بەزىلىرى «ناتونۇش ئادەم» دېسە، يەنە بەزىلىرى يەسلى تۇرمۇشىغا تېخىچە كۆنەلمەي توختىماي يىغلايتى، بۇ ئەھۋالدا ماڭا ئوخشاش ھېچقانداق تەجرىبىسى يوق ئادەم نېمە قىلارىنى بىلمەي قالاتتى، لېكىن، مەن قەتئىي نىيەتكە كىلىپ، بۇ ھالەتنى چوقۇم ئۆزگەرتىمەن، چوقۇم بالىلار بىلەن چىقىشىپ كېتىمەن دەپ ئويلىدىم، مەن ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ئويۇن ئويناپ، ناخشا ئېيتتىم.

    خىزمىتىمنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، مەن توردىن بالىلار ناخشىسى، بالىلار ئۇسسۇلىنى ئىزدەپ، ئۆزۈم ئۆگەنگەندىن كېيىن ئاندىن بالىلارغا ئۆگەتتىم. بىر مەزگىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىش نەتىجىسىدە، بالىلار مەن ئۆگەتكەن ناخشىلارنى بىمالال  ئېيتىپ، ئۇسسۇللارنى ئوينىدى، بۇ چاغدا  خۇشاللىقتا تارتقان بارچە جاپالىرىم بىراقلا يوققا چىقتى.

   كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاستا-ئاستا ئەپچىل چارىلەرنى يەكۈنلەپ چىقتىم، مەسىلەن، كەپسىز بالىلار بىلەن جىمغۇر بالىلارنى  ئارىلاشتۇرۇپ ئولتۇرغۇزدۇم، بۇنداق قىلغاندا، بالىلار بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ، جىمغۇر بالىلارمۇ تەبىئىي ھالدا جانلىق كەيپىياتقا سىڭىپ كىرەتتى. بالىلارنىڭ دۆلەت ئورتاق تىلىدا سۆزلەش سەۋىيەسىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، مەن بىرگە بىر ئۆگىتىش ئۇسۇلىنى قوللاندىم، دالا پائالىيىتىدە، سەيلە قىلىش جەريانىدا مەن ئۇلار بىلەن تۇرمۇشتىكى ئاددىي سۆزلەر ئارقىلىق پاراڭلاشتىم. باشقىلار ئۇلارنىڭ ئىسمى ۋە يېشىنى سورىغاندا، ئۇلار بالىلارچە تەلەپپۇزدا جاۋاب بېرەلەيدىغان بولدى.

   ھازىر، بالىلاردىكى ئۆزگىرىش بەكلا زور، ئۇلار ئاستا-ئاستا چوڭ بولماقتا، ئۇلار ئۆزلۈكىدىن «مۇئەللىم، ياخشىمۇسىز» دېيىشنى، چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا، ئۆزلۈكىدىن ئۆچرەتتە تۇرۇپ، ئەدەپ بىلەن« رەھمەت، مۇئەللىم» دېيىشنى ھەمدە قوڭغۇراق ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئاڭلىق ھالدا تەنتەربىيە مەيدانىغا بېرىپ گىمناستىكا ئويناشنى ئۆگەندى .

   بالىلار يىغلىغاندا، بىر-بىرىنى قۇچاقلاپ تەسەللىي بېرىدۇ، ئۆچرەتتە تۇرغاندا، يۇقىرى ئاۋازدا «كۆپچىلىك، رەتكە تىزىلىڭلار» دەيدۇ، بالىلار بارغانسېرى ماڭا ئامراق بولۇپ كەتتى، مەنمۇ ئۇلارغا ناھايىتى ئامراق. مەن «ئېغىز» دېسەم ئۇلار «گەپ قىلمايمىز»، «كۆز» دېسەم « مۇئەللىمگە قارايمىز»، «قول» دېسەم «پۇتىمىزغا قويىمىز» دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.

    مائارىپقا ياردەم بېرىش كۈنۈم ئالدىراش ھەم مەنىلىك ئۆتمەكتە، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە قاراپ، مەندە بىر خىل شەرەپ تۇيغۇسى پەيدا بولدى.

   مېنى ئەڭ خۇشال قىلغىنى ئادىلە بىلەن پاتىمە بولدى، ئۇلار قوشكېزەك ئاچا-سىڭىللار بولۇپ، دەسلەپتە ناھايىتى جىمغۇر ئىدى، ھازىر ئۇلار ئاز دېگەندە ئۈچ-تۆت بالىلار ناخشىسىنى راۋن ئېيتىيالايدۇ، يەنە بىر كىچىك دوستنىڭ ئىسمى كامران بولۇپ، دەسلەپتە ئۇنىڭ يېنىغا كەلسەملا يىغلاپ توختىمايتتى، ھازىر، ئۇ ئۆزلىكىدىن مەن بىلەن سالاملىشىدىغان، ناخشا ئېيتالايدىغان بولدى.

    مائارىپقا ياردەم بېرىش تۇرمۇشى مەندە ئۇنتۇلغۇسىز خاتىرىلەرنى قالدۇردى. باشقىلار بىر «كىچىك قول» نى يېتىلىسە، مەن بىر توپ «قوللار» نى يېتىلەيمەن، چۈنكى ئۇلار مېنىڭ «بالىلىرىم».

   مائارىپقا ياردەم بېرىش مەزگىلىدە، بالىلارنىڭ «سۇ مۇئەللىم، مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن» دېگەن شۇ بىر جۈملە سۆزى مېنىڭ قەلبىمنى ئېرىتىپ، خىزمەتنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلىشىمگە ھەرىكەتلەندۈرۈگۈچى كۈچ بولدى.

   مائارىپقا ياردەم بېرىش بولسا بىر خىل مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت بولۇپ، مەن ئۆز مەسئۇلىيىتىم بىلەن بالىلارنى قوغدايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ