تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

مۇھىت بەك پاكىز بولۇپ كەتسە، ئالاھىدە بالىلار ئاق قان كېسىلى بولىدۇ، دېيىش توغرىمۇ؟

ماتېرىيال سۈرەت: ئاق قان كېسىلى ھۈجەيرىسى

    ئەنگلىيەنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، جىددىي خاراكتېرلىك لىمفا ھۈجەيرىلىك ئاق قان كېسىلى كۆرۈلۈش خەۋپى يۇقىرى بولغان بالىلار تۇرغان مۇھىت بەك پاكىز بولۇپ كەتسە، ئۇلارنىڭ بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى تېخىمۇ ئاشىدىكەن.

    جىددىي خاراكتېرلىك لىمفا ھۈجەيرىلىك ئاق قان كېسىلى دائىم كۆرۈلىدىغان بالىلار راكى. ئەنگلىيە راك كېسەللىكلىرى تەتقىقات ئورنىدىكى مېر گىللىفۇسنىڭ تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار چوقۇم ئىككى باسقۇچنى بېسىپ ئۆتىدىكەن:  بىرى، بالا ھامىلە مەزگىلىدە بۇ خىل كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغان گېندا ئۆزگىرىش بولغان بولىشى مۇمكىن. يەنە بىرى، بىر خىل ياكى كۆپ خىل يۇقۇملىنىشقا ئۇچرىغان بولىشى مۇمكىن.

    مېر گىللىفۇسنىڭ بايقىشىچە، كېسەلگە گىرىپتار بولۇشتىكى ئىككىنچى باسقۇچتىكى يۇقۇملىنىش كۆپىنچە «پاكىز » مۇھىتتا تۇرمۇش كەچۈرگەن بىر ياش ئىچىدىكى بالىلاردا كۆرۈلگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە، جىددىي خاراكتېرلىك لىمفا ھۈجەيرىلىك ئاق قان كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى تەرەققىي تاپقان، باي جەمئىيەتتە يۇقىرى بولىدىكەن.

    ئۇ مۇنداق دېدى: « تەتقىقاتتا دەلىللىنىشىچە، جىددىي خاراكتېرلىك لىمفا ھۈجەيرىلىك ئاق قان كېسىلىنىڭ ئېنىق بىئولوگىيە پەيدا قىلغۇچى سەۋەبى بولغاچقا، ئىممۇنىتېت سىسىتېمىسى مۇۋاپىق تەييارلىق قىلالماي، كېسەل بالىلارغا يۈزلىنىپ، تۈرلۈك يۇقۇملىنىشلارغا ئۇچراپ، بۇ خىل كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. »

    مېر گىللىفۇس بوۋاقلارنى دائىم ئۇچرايدىغان، زىيانسىز «كېسەل قوزغاتقۇچى باكتېرىيەلەر » بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ، بالىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ بۇندىن كېيىنكى يۇقۇملىنىشقا تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش تەكلىپىنى بەردى.

    جىددىي خاراكتېرلىك لىمفا ھۈجەيرىلىك ئاق قان كېسىلى بىر خىل يامان سۈپەتلىك كېسەللىك، ئەمما قوزغىلىش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن. ھامىلىدە  بۇ خىل كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان  گېن ئۆزگىرىشنىڭ  نىسبىتى يىگىرمىدىن بىر بولۇپ، بۇ خىل گېن ئۆزگىرىشنى ئۆزىدە ئېلىپ تۇغۇلغان بالىلارنىڭ كېسەل بولۇش نىسبىتى %1. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، 2000 چە بالىدىن پەقەت بىرىدىلا بۇ خىل كېسەللىك كۆرۈلىدۇ.

    مەزكۇر تەتقىقات نەتىجىسى «تەبىئىي تەتقىقات دوكلاتى- راك » ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ