تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

بورتالا شەھىرى ‹‹دەريا باشلىقى تۈزۈمى››نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دەريانى ئۇزاققىچە تۈزەشنى ئەمەلگە ئاشۇردى

   ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋاڭ شىنخۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: بورتالا شەھىرى ئارالتوقاي چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ ئىككىسۈم كەنتىدە 5 – ئاينىڭ 14 – كۈنى كەنت ئاھالىلىرى بورتالا دەرياسىدىكى لەيلىمىلەرنى سۈزدى. بورتالا دەرياسىنىڭ ئىككىسۈم كەنتى بۆلىكىنىڭ باشلىقى سالىك غازى مۇنداق دېدى: بۇ بىرقانچە كۈندىن بۇيان يامغۇر كۆپ يېغىپ، يۇقىرى ئېقىندا لەيلىمىلەر كۆپىيىپ كەتتى، چوقۇم ۋاقتىدا تازىلاش كېرەك.

   سالىك بۇ دەريا بۆلىكىنىڭ ئىلگىرىكى ئەھۋالىنى ئەسلەپ بېشىنى چايقىغىنىچە مۇنداق دېدى: نۇرغۇن كىشى دەريا قىنىدىن خالىغانچە قۇم – شېغىل يۆتكەيتتى، قۇرۇلۇش ئەخلەتلىرى ۋە تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى ھەممە يەردە ئۇچراتقىلى بولاتتى. بۇلتۇر 11 – ئايدا، ئارالتوقاي چارۋىچىلىق مەيدانى باشقۇرۇش كومىتېتى دەريا باشلىقى سايلىدى ھەم خىزمەت تەكلىپنامىسىنى تارقىتىپ بەردى. ھازىر مەن بۇ دەريا بۆلىكىنىڭ باشلىقى، باشقۇرسام گېپىم ئۆتىدۇ.

   سالىك بۇ دەريا بۆلىكىدە نېمىشقا ئەخلەت تۈگىمەيدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئىنچىكە تەتقىق قىلدى: دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىدا ئىككى دېھقانلار ئارامگاھى بار بولۇپ، ئارامگاھ ئىگىلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش ئېڭى كۈچلۈك بولمىغاچقا، يۇندى ۋە ئەخلەتلەرنى خالىغانچە تۆككەن. سالىك بىر تەرەپتىن، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت ‹‹ئىككى كومىتېتى›› كادىرلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، لاتقا ۋە ئەخلەتلەرنى بىر قېتىم ئۈزۈل – كېسىل تازىلىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ ئىككى دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ ئىگىلىرىگە ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلەپ، سۇ مۇھىتىنى ئاسراشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەندۈردى. سالىك مۇنداق دېدى: ھازىر كۆپچىلىكنىڭ مۇھىت ئاسراش ئېڭى كۈچەيدى، دەريامۇ پاكىزلاندى.
                      
   بورتالا شەھىرىگە قاراشلىق رايونلاردا 30 دەريا – ئېقىن بار، ھەربىر دەريا – ئېقىننى باشقۇرىدىغان ئادەم بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شەھەر بويىچە شەھەر – يېزا (بازار، مەيدان)، كەنت ئۈچ دەرىجىلىك دەريا باشلىقى تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 2 – دەرىجىلىك دەريا باشلىقىدىن 48نى، دەريا بۆلىكى باشلىقىدىن 90نى، تازىلىق ئىشچىسىدىن 46نى ئېنىق بېكىتىپ، باشلامچىلىق بىلەن دەريا تازىلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى. دەريانىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ، 2 – دەرىجىلىك دەريا باشلىقى ۋە دەريا بۆلىكى باشلىقى بىرلىكتە تەۋەسىدىكى بارلىق دەريا – ئېقىنلارنى ئايلىنىپ چىقىپ، ‹‹بىر دەرياغا بىر ئارخىپ›› تۇرغۇزۇپ ھەم ‹‹بىر دەرياغا بىر تەدبىر›› بەلگىلەپ، سۇنى مەنبەدىن، نۇقتىلىق، ئىلمىي تازىلاشقا پۇختا ئاساس سالدى.

   بورتالا شەھىرى دەريا باشلىقى تۈزۈمىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا يەنە ‹‹بورتالا شەھىرىنىڭ دەريا باشلىقى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش لايىھەسى››نى ئېلان قىلدى، يېزا (بازار، مەيدان)لار ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، دەريا باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئارقا – ئارقىدىن ئېلان قىلدى ھەم ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش تۈزۈمى، ئۇچۇر مەلۇم قىلىش تۈزۈمى، خىزمەت نازارەتچىلىك تۈزۈمى، باھالاش – مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش تۈزۈمى، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش تۈزۈمى ئورناتتى.

   ئوتبۇلاق دەرياسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 40.69 كىلومېتىر، ئوتبۇلاق بازىرى ئوتبۇلاق جەنۇبىي كەنتىدە 5 – ئاينىڭ 14 – كۈنى چوڭ تىپتىكى توپا قېزىش ماشىنىسى دەريا قىنىنى تازىلاۋاتاتتى. ئوتبۇلاق بازىرى دەريا باشلىقى تۈزۈمى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى غەيبۇللا  مۇنداق دېدى: ئوتبۇلاق دەرياسىدا ئىلگىرى قىش پەسلىدىلا ئازراق سۇ بولاتتى، باشقا ئۈچ پەسىلدە دەريا قۇرۇپ كېتەتتى، بۇ يىل ھازىرغىچە سۇ ئۈزۈلمىدى.

   ئىگىلىنىشىچە، ئوتبۇلاق بازىرى ئوتبۇلاق دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى تېرىلغۇدىن ئوتلاققا قايتۇرۇلغان كۆلەم 42 مىڭ موغا يەتكەن، 112 قۇدۇق ئېتىۋېتىلگەن، يەر ئاستى سۇ ئورنى ئۆرلىگەچكە، ئوتبۇلاق دەرياسىدا سۇ ئۈزۈلمىگەن.

   بورتالا شەھىرى بىلىن خارمودۇن يېزىسى شارىجىن كەنتىنىڭ كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى 7000 مودىن ئاشىدىغان بولغاچقا، ئاق رەڭلىك ئەخلەت بورتالا دەرياسىنى بۇلغىغانىدى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لۇ جيەنجۈن بۇ بۆلەك دەريا يولىنىڭ دەريا باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ، ئومۇمەن يېرى بورتالا دەرياسىغا قوشنا بولغان كەنت ئاھالىسىگە قارىتا مەسئۇلىيەتنى ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇلارنى ئۆزى مەسئۇل بۆلەكتىكى دەريا قىنىنىڭ تازىلىق خىزمىتىگە مەسئۇل قىلدى ھەم بۇ مۇھىت ئاسراش تەدبىرىنى شارالجىن كەنتىنىڭ كەنت قائىدىسى ۋە ئاھالە ئەھدىنامىسىگە كىرگۈزۈپ، ‹‹قارايدىغان، باشقۇرىدىغان، تازىلايدىغان ئادەم بولۇش››تەك ئۇزاق ئۈنۈملۈك تازىلىق مېخانىزمىنى ئورناتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ