تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

كەنت كومىتېتىدا «ئاچام» نى ئىزدەيمەن

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جوۋ شۆشەن خەۋىرى، فوتوسى: تولى ناھىيەلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپ 4-يىللىق ئوقۇغۇچىسى مۆلدۈر ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت يەتتىدە مەكتەپتىن قايتقاندىن كېيىن بىر يىللىقتىكى ئۈچ ھەمراھى بىلەن بىرلىكتە يەسلىدە ئوقۇيدىغان سىڭلىسى دىلنۇرنى ئېلىپ، ئىككى كىلومېتىردىن ئارتۇق يولنى بېسىپ، كۇپ يېزىسى سۇۋۇر كەنت كومىتېتىغا كېلىپ، بۇ يەردە ئىشلەيدىغان ئىككى «ئاچا» سىنى ئىزدەيدۇ.

  «بۇ شاكىچىكلەر ھەر كۈنى مۇشۇ ۋاقىتتا كەنت كومىتېتىغا كېلىپ تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلەپ بولۇپ ئۆيگە قايتىدۇ». بالىلارنىڭ نەزەرىدە كەنت كومىتېتى ئۇلارنىڭ يەنە بىر ئۆيى، بۇ يەردە خىزمەت قىلىدىغان كەنت كادىرلىرى بىلەن كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئۆز ئائىلىسىدىكىلەر ئىدى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ياڭ خۇيخۇي بىلەن سۈن شەنشەنمۇ بالىلارنىڭ ئۆزلىرىگە بولغان ئىشەنچىنى ھېس قىلدى.

  بەش ياشلىق دىلنۇر ھەر قېتىم ياڭ خۇيخۇينى كۆرگىنىدە يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇنى «قۇچاقلايتتى»، 4-يىللىقتىكى مۆلدۈر سىڭلىسىدەك ئەركىلىيەلمىسىمۇ، بۇ ئاچىسىنى چىن قەلبىدىن ياخشى كۆرەتتى، مۆلدۈر: «ئاچام دائىم ئۆيگە بېرىپ ئانامغا تاماق ئېتىشىپ بېرىدۇ، بىزنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىمىزگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، يەنە بىزنى كىنو كۆرگىلى ئېلىپ بارىدۇ، بىز بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال» دېدى.

  «ئاچا» لىرى يېقىندا كەنتتە خىزمەت قىلىۋاتقاچقا بالىلار ئۇلارنى كەنت كومىتېتىغا ئىزدەپ باردى. بەش بالا ئىشخانىدا بوش ئورۇن تېپىپ ئولتۇرۇپ، بوغچىسىدىن كىتابلىرىنى چىقىرىپ تاپشۇرۇق ئىشلەشكە باشلىدى، سۈن شەنشەن بىلەن خىزمەتدىشى ياڭ خۇيخۇي ئۇلارنىڭ كەينىدە «قىيىن مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرۈش» كە تەييار تۇردى.

  «كەنتتىكىلەر مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن كۆپىنچىسى ياشانغانلار، ئاياللار ۋە بالىلار، ئۆيدىكى ئەرلەر ئاساسەن چارۋىچىلىق رايونىدا قوي-كالىلارنى باقىدۇ». كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مەيرامبەك ئاقان چارۋىچىلىق رايونىدا توغۇلۇپ، شۇ يەردە چوڭ بولغان، ئۇ كەنتتىكى ھەربىر ئائىلىنى بەش قولدەك بىلىدۇ، ئۇ: «مۆلدۈرنىڭ ئاتىسىنى ئېيتسام، كەچتە دېھقان-چارۋىچىلار كەچلىك مەكتىپىگە قاتناشسا، ئەتىسى ئەتىگەندە تاغقا چىقىپ كېتىدۇ، ھېلىمۇ ياخشى خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى كۈندە بالىلارغا دەرس تەكرارلاپ بېرىدۇ» دېدى.

  «ئاچا سىزدە <قاپاق بالىلار>نىڭ ناخشىسى بارمۇ؟ مۇئەللىم بىزگە <قاپاق بالىلار>نىڭ ئۇسسۇلىنى ئۆگەتتى، مەن سىلەرگە ئويناپ بېرەي». تاپشۇرۇقىنى ئىشلەپ بولغان دىلنۇرنىڭ كۆپچىلىككە ئۇسسۇل ئويناپ بەرمەكچى بولغانلىقى دەرھال كۆپچىلىكنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى. سۈن شەنشەن دىلنۇرنى ياتىقىغا ئېلىپ كىرىپ، ئۇنىڭغا «سەھنە گىرىمى» قىلدى، ئىشخانىغا قايتىپ بىر سەھنە ھازىرلاپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىر مەيدان ئۆزگىچە ئۇسسۇل باشلاندى.

  شوخ مېلودىيە بىلەن ئۇسسۇل ئىشخانىغا ناھايىتى تېزلا تاماشىبىنلارنى يىغدى، دىلنۇر ئازراق كۈچەپلا بىر تۈركۈم «مەستانە» گە ئېرىشتى. تولى ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ سۇۋۇر كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ماغات مامۇربېك شۇ «مەستانە» لەرنىڭ بىرى ئىدى، ئۇ: «بىزنىڭ قىلىدىغان ئىشىمىز كۆپ، لېكىن نىشانىمىز ناھايىتى ئاددىي، ھەر مىللەت ئامما بىلەن تۇغقان بولۇپ، ئاممىنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش» دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ